مۇھەممەتجان راشىدىن قىسقىچە تەرجىمھالى

ۋاقتى:2010-06-10 19:27مەنبە: تەھىرىر:قاسىمجان چېكىلىشى:قىتىم
  

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1956 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1968 - يىغلىچە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1968 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1982 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، 1989 - يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.  مۇھەممەت راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن  باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئىلگىرلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى>، <سۆي>، <كاككۇكۇم>، <كاككۇل گۈلى>، <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس>، <كۈت>، <بۇ دۇنيا>، <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>، <يىللار ئىزى>، <سەن يوق> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر ئىجاد قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر، پەلسەپىۋى پىكىرلەر، ھېكمەت، دالالەتلەر، ئىپادىلەنگەن.  مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پرزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <220 - مەھبۇس>، <چەت ئەل ئەدىب - سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كاككۇك گۈلى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يىللار ئىزى> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(40)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...