بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىپپارخان 1734-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ھايات يىللىرى يەركەننىتتە ئۆتكەن .ئۇنىڭ بوۋىسى خوجىگان 1757-يىلى توپىلاڭ كۆتەرگەندە ، ئىپپارخاننىڭ ئاكىسى تۇردۇش توپىلاڭغا ئەگەشمەي ئىپپارخاننى ئېلىپ ئېلىغا كەتكەن . 1758 -يىلى چىڭ سۇلالىسى بۇ توپۇلاڭنى باستۇرغاندا ، چەنلوڭ خانغا يارىدەملىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتقانلىقى ئۈچۈن " تۆھپىكار تۆرە " بولۇپ پايتەخىتكە ئېلىپ كېتىلگەن . لېكىن ئوردىغا كەلگەندىن كېيىنكى ۋەقەلەر توغرىسىدا خان جەمەت كىتاپلىرىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق .لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىپپارخان ئوردىغا بارغاندىن كېيىن ئوردىدا خانىش بولغان ،دەيدۇ .بىراق بۇ پاكىتنىڭ راسلىقى توغرۇلۇق چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرلىرىدىن ھېچقانداق بىر ئىشەنچىلىك پاكىتنى تاپقىلى بولمايدۇ . يەنە بەزى كىشىلەر چەنلۇڭ خاننىڭ " روڭفىي " نامىلىق بىر خانىشى دەل ئىپپارخاندۇر دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ .ئەمەلىيەتتە " رۇڭفىي " بولسا 15يېشىدا ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن .1788- يىلى ئۆلگەن .ئۇنىڭ جەسىدى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ زۇڭخۇا ناھىيىسىگە دەپىنە قىلىنغان . ئىپپارخان بولسا 27 يېشىدا ئوردىغا بارغان دېيىلىدۇ .قەشقەردىكى ئىپپارخان مازىرى 1640-يىلى بېنا قىلىنغان .دېمەك يوقۇردىكى تارىخى پاكىتلار بىر - بىرىدىن 100يىلدەك پەرىق قىلىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىپپارخاننىڭ تارىختىكى " رۇڭفىي " ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بەزىلەر ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە ، ئىپپارخان ئۆلگەندىن كېيىن چەنلوڭ خان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ - ئادىتى بويىچە ئىش كۆرۇپ ، ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ ، قەشقەردە مازار بېنا قىلدۇرۇشنى ئىپپارخاننىڭ يەڭگىسى سۇدېشاڭغا ھاۋالە قىلغان دەيدۇ . پاكىتلارغا ئاسساسلانغاندا ، قەشقەردىكى ھەشەمەتلىك ئاپپاق خۇجا مازىرىنى ئىپپارخاننىڭ چوڭ بوۋىسى مامۇت يۈسۈپ ئىپپارخان ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىسلام مەزھەپلىرىدىكى " ئاق تاغلىقلار " نىڭ پىشۋاسى ئاپپاق خوجا ئۈچۈن بېنا قىلدۇرغان .، ئىپپارخان پەقەت خوجا ئەۋلادىدىن بولۇش سالاھىتى بىلەن بۇ مازارغا قويۇلغان .
دېمەك ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چەنلوڭ خاننىڭ خانىشلىرى ئىچىدە ئىپپارخان ئىسىملىك ئۇيغۇر مىللىتىدىن كېلىپ چىققان بىر خانىش بولغان ئەمەس.
ئىز تورى بەك ياخشى
www.iz.la