شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدە ئېكۋادوردىكى تونگۇراۋا يانار تېغى قايتىدىن شىددەتلىك پارتلاشقا باشلىدى . ھۆكۈمەت تەرەپ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يانار تاغ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى چېكىندۈردى ھەمدە ئاساسلىق تاشيوللارنى قامال قىلىپ يانار تاغ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ جىددىي ئاپەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى .
تونگۇراۋا يانار تېغى ئېكۋادورنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاندىس تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، پايتەخت كىتودىن 180 كىلومېتر يىراقلىقتا ، ئېكۋادوردىكى ئەڭ ھەرىكەتچان ۋە خەتەرلىك يانار تاغلارنىڭ بىرى . 1999-يىلى قايتا جانلانغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم پارتلىغان . بولۇپمۇ يېقىنقى 6 ئايدىن بۇيان كىچىك دائىرىلىك پارتلاش ھەرىكىتى ئۈزۈلمىگەن .