ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئالبېرت لېكوكنىڭ تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن قى ...
كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 0
go

ئالبېرت لېكوكنىڭ تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن قىمممەتلىك مەدىنى يادكار

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 20:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالبېرت لېكوك بىر ھاراق سودىگىرى ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، بېلىندىكى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە مەخسۇس تىل ئۈگەنگەن . ئۇ ئەرەب ، تۈرك ، پارس تىللىرى ھەتتا سانسكرت تىلىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەن . ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى بۇ بىلىملىرى كېيىنكى چاغلاردىكى ئېكىسپېدتسيلىرىدە زور رول ئوينىغان . 1904 – يىل 9 –ئاينىڭ 12 – كۈنى ئالبېرت لېكوك ئەترەت ئەزاسى دىئودور بارتوس بىلەن بېرلىندىن يولغا چىقىپ ، شىنجاڭ چېگرىسىغا كىرگەن . ئۇ دەسلەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ، ئاندىن تۇرپانغا بارغان . شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ، ئالبېرت لېكوك ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئېكىسپېدتسىيە نىشانى بولغان قارىغوجا ۋە تۇرپان شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ‹‹ ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ›› خارابىسىگە يېتىپ بارغان . بۇ يەر مىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى تۇرپان ئويمانلىقىدىكى سىياسىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ ، خەن – چىن دەۋرىدىكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ‹‹ گاۋچاڭ ›› ( ئېگىز رايون دېگەن مەنىدە ) دەپ خاتىرىلەنگەن . مەزكۇر جاينىڭ تارىختىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ، ھەمدە قۇرغاق كېلىماتىنىڭ تەبىئىي قوغداش رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردە نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەر ساقلىنىپ قالغان . گرونۋېدىلنىڭ تۇنجى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى بۇ يەردىن جەمئىي 46 ساندۇق ئاسار ئەتىقە يىغقان بولسىمۇ ، ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قېزىشىقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى . شۇڭا ، ئالبېرت لېكوك بۇ جاينى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ بازىسى قىلىپ ، تېخىمۇ كۆپ ئاسار ئەتىقە قېزىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى . نۇرغۇن قېتىملىق قېزىش جەريانىدا ، ئالبېرت لېكوك زور مىقداردا شايى ، قەغەز ، قوي تېرىسى بىلەن يۇمشاق خۇرۇملارغا يېزىلغان ھەر خىل تىلدىكى قوليازمىلارنى يىغقان . بىر بۇددا مۇنارىسى خارابىسىدىكى ئىككى كىتاب ئامبىرىدىن تاپقان قوليازمىلارلا بىر نەچچە تاغارغا قاچىلانغان . بولۇپمۇ شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان شىمالىي لياڭلىق جۇرچىنىڭ جۇ سۇلالىسىنى تىنىچلاندۇرۇشىغا ئائىت ‹‹ ئىبادەتخانا ياساش تۆھپىكارلىرى ئابىدىسى ›› ( مىلادىيە 445 – يىلى ) ھەمدە ‹‹ ئىدىقۇت يەرلىك ئاھالىسى دۇرغاپ يىنىشنىڭ ئىبادەتخانا ياسىغانلىق خاتىرىسى ›› قاتارلىقلار قەدىمكى تۇرپانغا ئائىت تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە قىممەتلىك پاكىتلار ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە بىر نىستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسىنى بايقىغان . بۇ ئىبادەتخانىدا بىر مۇنچە تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا بىر قېتىملىق دۇئا – تىلاۋەت مۇراسىمى تەسۋىرلەنگەن ئىدى . ئالبېرت لېكوك يەنە بىر يەردە ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئىككى مېتىر كېلىدىغان ، مانى دىنى مەزمۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر تام رەسىمنى بايقىغان ، ئۇ بۇنى مانى دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى مانىنىڭ رەسىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ، بىلدۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئادەم بويى چوڭلۇقىدىكى بىر بۇددا ھەيكىلىنى قېزىۋالغان ، بۇلار پۈتۈنلەي گاندارا سەنئىتىگە تەۋە ئىدى . ئالبېرت لېكوك ئۆزىنىڭ ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭدىكى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بايلىقلار ›› دېگەن كىتابىدا ، بىر كىتاب ئامبىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قانغا بويالغان كاساياغا ئورالغان ، بىئەجەل ئۆلگەن بىر بۇددا راھىبىنىڭ قۇرۇپ قالغان جەسىتىنى ئۇچراتقانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : ‹‹ جەنۇب تەرەپتىكى قۇببىلىك ئىمارەتنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆيدە بۇددا راھىبلىرىنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلغان يۈزگە يېقىن جەسىتىنى كۆردۇق . نۇرغۇن جەسەتلەردىكى قورقۇنچلۇق يارا ئىزلىرى كۆزگە ناھايىتى ئېقىن تاشلىناتتى ›› . ئەمەلىيەتتە بۇ ، دىنىي ئۇرۇشلارنىڭ شەپقەتسىز كۆرۈنۈشى ئىدى ، خالاس . تارىختا تۇرپان رايونى كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون بولۇپ ، 15 – ئەسىردىن كېيىنلا بۇددا دىنى يوقىلىپ ، ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان دىنىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى . ئالبېرت لېكوك ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىدە تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت خالىغانچە قېزىش ئېلىپ بارغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ بۇ يەردە 24 خىل يېزىقتا يېزىلغان 17 خىل تىلدىكى قوليازما ۋە پۈتۈكلەرنى بايقىغان ئىكەن . بۇ يەردىن باشقا ئۇ يەنە بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى توپى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مۇرتۇقنىڭ بويىغا جايلاشقان . بۇ يەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تاشكېمىردىن 57 سى بار . تاشكېمىرلەردىكى تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ ، لېكوك بۇ ئاجايىپ نەپىس تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ ، لېكوك بۇ ئاجايىپ نەپىس تام رەسىملىرىنى كۆرۈپ ھاڭ – تاڭ قالغان . ‹‹ بىر قۇم دۆۋىسىگە دەسسىگىنىمدە ، بىر قۇم شۇئان ئىككى تەرەپكە بۆلۈشكە باشلىدى . توساتتىن مۆجىزىدەك ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تاملاردا كۆركەم ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تام رەسىملىرى كۆرۈندى ، بۇ رەسىملەرنىڭ رەڭلىرى ھېلىلا سىزىلغاندەك نۇر چاقناپ تۇراتتى ›› دەپ يازىدۇ لېكوك . لېكوكنىڭ ئېكىسپېدىتسيە ئەترىتى بۇ يەردىن چوڭ رەسىملەرنى قېزىۋالغان . بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە قۇم ئاستىدىن ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ياسالغان ، ئادەم بويى چوڭلۇقىدىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى بايقىغان . بەزى ھەيكەللەر قىزىل چاچ ، كۆك كۆز بولۇپ ياۋروپالىقلارنىڭ نەق ئۆزى ئىدى . كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەن لېكوك ھەر قانچە بەدەل بېرىشتىن باش تارتماي ، ئۇلارنى بېرلىنغا يۆتكەپ كېتىش قارارىغا كەلگەن ، ئۇ كېيىن يازغان كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ : ‹‹ ئۇزۇن مەزگىل جاپالىق خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ، بۇ تام رەسىملىرىنى مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا ھەرىدەپ ئالدۇق . ئاندىن 20 ئاي يول يۈرۈپ ، بېرلىنغا بىخەتەر يۆتكەپ كەلدۇق . بۇ نەرسىلەر بېرلىن مۇزېينىڭ بىر ئۆيىگە لىق تولدى . بۇلار پۈتۈن بىر تاشكېمىردىكى تام رەسىملىرى ئىدى ›› . بۇ تام رەسىملىرىنى رەسسساملار تامغا سىزغان ئىدى . ئۇنداقتا ، لېكوك بۇ رەسىملىرى قانداق ئېلىپ ، گېرمانىيىگە يۆتكەپ كەتكەن ؟ لېكوكنىڭ بايانلىقرىغا ئاساسلانغاندا ئۇ تولىمۇ ياۋايىلارچە ئۇسۇل قوللانغان ، يەنى تام رەسىملىرىنى پىچاق ۋە ھەرە بىلەن پارچىلاپ ئېلىپ ، تور پاختىغا يۆتكىگەندىن كېيىن ، تاختاي ئارىسىغا تاڭغان . ئاندىن سېۋەت ياكى ساندۇقلارغا قاچىلاپ بېرلىنغا يۆتكىگەن . كېيىن بۇ پارچىلارنى باشتا تارتىۋالغان سۈرەت بويىچە چاپلاپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كىشىنى ئېچىندۇرغىنى ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، بېرلىن مۇزېيىغا قويۇلغان بېزەكلىك تام رەسىملىرىنىڭ %40 ى زىيانغا ئۇچرىغان ، ئۇلار ئىچىدىكى 28 پارچە ئەڭ چوڭ تام رەسىمى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلغاندا كۈلگە ئايلانغان . لېكوك بىلەن بارتوس بېزەكلىكتىن باشقا يەنە تۇيۇق قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، بىر مۇنچە تام رەسىملىرى ، كەشتە بۇيۇملىرى ۋە قوليازمىلارنى قېزىپ ئېلىپ كەتكەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە خرستىئان دىنىنىڭ بۇ يەرگە تارقالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇقەددەس كرېست ۋە ‹ ئىنجىل › پارچىلىرى قاتارلىق ۋەسقىلەر بار ئىدى . بۇلار جەمئىي 200 ساندۇق بولۇپ ، ئۇلارغا ھەر خىل يېزىقتىكى ۋەسقى – قوليازمىلار ، نوم ، تۈرلۈك پۇللار ، ھەيكەل ، تاش ئويما ، تام رەسىمى ۋە باشقا مەدەنىيەت بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئىدى . لېكوك ئارقىدىنلا يەنە تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ ، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىدە ئاسار ئەتىقە قېزىۋاتقان بارتوس بىلەن ئۇچراشقان . 8 – ئاي مەزگىلىدە تۇرپاندا قۇياش ئوتتەك قىزدۇراتتى ، لېكوك ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى سۇ يەكلىگەنلىكتىن تېرە كېسەللىكتىن تېرە كېسەللىكىگە گىرپتار بولغان . ئۇلار ئىسسىقتىن قېچىپ ، قۇمۇل بوستانلىقىغا ئېكىسپېدىتسىيىگە ماڭغان . قۇمۇلدا ئۇلار بىر تۈركمەن سودىگەردىن قۇمۇلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دۈنخۇاڭ دەشت ئاتا رايونىدىكى مىڭئۆيلەر دەپ ئاتىلىدىغان جايدا بىر راھىبنىڭ قەدىمكى نوملار يوشۇرۇپ قويۇلغان بىر ئۆڭكۈرنى تاساسىپىي بايقاپ قالغانلىقى ، ئۇ يەردە تۈرلۈك قەدىمكى كىتاب ۋە قوليازمىلارنىڭ دۆۋىلىنىپ ياتقانلىقىدەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇچۇرغا ئېرىشكەن . لېكوك بىلەن بارتوس بۇ ئۇچۇرنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن ، بېرىپ كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلغان . ئۇلار دەل شەرققە قاراپ يولغا چىقىشىقا تەملىشىۋاتقاندا ، ئالبېرت گرونۋېدىلنىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۈپ ئالغان . تېلېگراممىدا ، ئۇ ئۆزىنىڭ بېرلىندىن يولغا چىققانلىقى ، مۆلچەرىچە ئالتە ھەپتىدىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەكلىكى يېزىلغان . شۇنىڭ بىلەن لېكوك ئامالسىز پىلاندىن ۋاز كېىپ ، بارتوس بىلەن قەشقەرگە ماڭغان . شۇ ۋەجىدىن لېكوك دۈنخۇاڭغا بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان . ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ، ئۇ يەردىكى تام رەسىملىرىمۇ بۇ گېرمانىيلىكلەرنىڭ تالان – تاراج قىلىشىدىن قۇتۇلالمىغان بولاتتى .
www.panyekin.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-1 22:13

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.