ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئۇيغۇر خانلىقىدىكى خانلار
كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 3
go

ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئۇيغۇر خانلىقىدىكى خانلار

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئۇيغۇر خانلىقىدىكى خانلار

ئىسمايىل تۆمۈر


ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كوپچىلىك قىسمى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى،مەدەنى پائاليەتلىرىنى ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىغا يۆتكەشكە مەجبور بولدى.ئورخۇندىن كۆچۈپ،ئىدىقۇت رايۇنىغا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمى ئىدى<1>بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن قەبىلە تەشكىلاتىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن،ئۇلار بۇ رايۇننى ئۆز مىلىتىنىڭ ۋە ئەسلىدە شۇ يەردە ياشىغۇچى ئاھالىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈنئىدارە قىلىشقا مۇۋۋەپەق بولالىدى.<2>


ئەنە شۇ بىر پۈتۈن قەبىلە تەشكىلاتىنى ساقلاپ قاللالىغان ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمى بولغان ئىدىقۇت ئۇيۈۇر خانلىقىنىڭ ئالى ھۆكۈمرانلىرى-خانلىرىنىڭ شەجەرىسى،ئورخۇن بويىدىلا شەكىللەنگەن ئەنئەنە بويىچە خانلىق ھاكىميىتى ئاساسەن ئاتىدىن بالىغا مىراس قىلىش ئۇسولى بويىچە داۋاملاشقاندى.


ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىسىم ناملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشتىن ئىلگىرى دىققەتكە سۇنۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىككى مەسىلە بار.بۇنىڭ بىىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىم ياكى نام ئۇنۋانى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇققەددەس بەخت قارىشىنى ئەكس ئەتۈرىدىغان ئىدىقۇت ياكى قۇت ئەل تۇتقۇچى ياكى تەڭرى تەرپىدىن بەخت ئاتا قىلنىغان دىگەن مەنىلەرگە ئەگە سۆزلەر بىلەن باغلىق ئىكەنلىكى يەنە بىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىگۈچىتۈنجى ئىدىقۇت خانىنىڭ ئىسمى بەزى ئەسەرلەردە بارغۇن تېكىن بەزى ئەسەرلەردە مەڭلىك تېكىن دەپ ئېلىنغان يەنە بەزى ئەسەرلەردە پان تېكىن دەپمۇ ئېلىنغان بولۇپمۇ ئىككىنچى مەسلە كىشىلەردە سەل مۇجىمەل چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن لېكىن بۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھازىر قولىمىزدا سېلىشتۇرما قىلىدىغان بىرىنچى قول ماتىريال يوق.شۇ سەۋەپتىن ئىدىقۇت خانلرىنىڭ ئىسمى ناملىرىنى كۆرسىتۈشكە ھازىرچە سېستىملىقراق بولغان ئەسەر
يىلماز ئوزتۇنانىڭ«تۈركىيلىك » بۈيۈك تۈركىيە تارىخىنىڭ 1-قىسمىدىن پايدىلاندۇق.

1.پان تېكىن
856-873

2.پان تېكىننىڭ ئوغلى –بۇقۇقاغان-؟

3.بىلگە بايىنچور قادىرخان؟

4.تافغاچ ئۇغۇلچاق قادىرخان <4> بۇ ئۈچ خان ھاكىميەت تۇتقان مەزگىل 873-940

5.كۈن ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئۈلۈغ قۇت-ئۇرنانمىش ئالپىن ئەردەمدىن ئىلتۇتمىشئالىپ ئارىسلان قۇتلۇق كۈل بىلگە قاغان 94.-948

6.ئىدىقۇت كۈن ئاي تەڭرىدە كۆسۈنچىغ كۆرتلى يارۇق تەڭرى بۆگۈ تەڭرىكەن-؟

7.ئارىسلان خان 948؟-990

8.ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن ؟1235-<5>

9.بارچۇق ئارت تېكىنىڭ چوڭ ئوغلى ئۆرگۈنىچ ؟

10. بارچۇق ئارت تېكىنىڭ ئوتۇرانچى
ئوغلى سالىند1235-
1245؟-

11. بارچۇق ئارت تېكىنىڭ كىچىك
ئوغلى چۈشمەس1245؟- 1225؟-

يۇقارقى خان ئىسىملىرىنى تۈركىيلىك يىلماز ئۆزتۈتانىڭ تۈركىيە تارىخى ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى ۋە قاھار بارات قاتارلىقلار ئېلان قىلغان ئىدىقۇت گاۋچاڭ ۋاڭلىقى تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە تېكىستى ئۈستىدە سېلىشتۇرما
تەتقىقات ناملىق ماقالكىسىدىن پايدىلنىپ تۈزۈلدى

12.ئىدىقۇت ئۈگرەنچىنىڭ ئوغلى مامۇراق ؟

13.قوچقار تېكىن
؟

14.سۆكسۆ
؟

15.نۆلىن
؟

16.تەمۇر بۇقا
؟

17.سەڭكى
؟

18.يۆلۇ تەمۇر [بۇ خاننىڭ كىمنىڭ ئوغلى ئىكىنلىكىنى تەختتە ئولتارغان ۋاقتى نامەلۈم ]

20.ساڭگى
؟

21.بۇ تاشرى ؟

22.خارشاڭ
؟

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرىدىن قولىمىىزدا بار ماتىريالغا ئاساسەن يۇقۇرقى 22 نەپەر خاننىڭ ئىسمىنى كۆرسەتۇق ۋاھالەنكى 500 يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ھاكىميەت تۇتۇپ ئۆتكەن ئەپسوسكى ماتىيالنىڭ قىسلىقى –بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ماتىيالنىڭ كەمچىل بولىشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە شۇنچىلىك ئەمكانيەتكە ئېرشەلدۇق داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلسە بۇ ھەقتە كېيىنچە تۇلۇقراق نەتىجە ھاسىل قىلنىشى مۇمكىن

ئىزاھات «قىسقارتىلدى:

ئىسمايىل تۆمۈرنىڭ «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنيىتى»دىگەن كىتابىنىڭ 2-پاراگىراپىنى قىسقارتىپ

ئېلدىيار تەييارلىغان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eldiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-1 01:12

توردا
200سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1399 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋالدىم ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 23:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ،ئەجداتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلىش شەرەپ
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
120سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
741 
تېما
13 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 15:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالىدىم ......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.