ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان ...
كۆرۈش: 895|ئىنكاس: 11
go

ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
291 
تېما
81 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

توردا بولۇۋاتقان تىل توغرىسىدىكى ھەرخىل تالاش-تارتىش ،پىكىرلەرنى كۆرۈپ تىل توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم ،بىز ھازېر غەمخورلۇق،تەرەققىيات،كۆڭۈل ئېچىش،مەجبۇرىيەت ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىردە كۆپ خىل تىل ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتامىز،كۆپ خىل تىلنى ئۆگۈنۈشتىكى سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. خەنزۇتىلى: خەنزۇتىلىنى دۆلەت تىلى بولغانلىقى ،مەركەزنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ،غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش ،خىزمەت،تۇرمۇش،سودا ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
2. ئىنگىلىس تىلى : ئىنگىلىس تىلىنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش،چەتئەلدە ئوقۇش ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، ئۆزىمىزنىڭ خەلقىئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ساقلاپ قېلىش ،ھەرخىل كومپىيۇتېر تىللىرىدىن ياخشى پايدىنلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
3. ئەرەپ تىلى : ئەرەپ تىلىنى كۈندىن -كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان ئىمانىمىز،ناچارلىشىۋاتقان ئەخلاقىمىز سەۋەپلىك ئازلاۋاتقان رېسقىمىزنى قوغداش، ئىمانىمىز ۋە روھىمىزنى كامىللاشتۇرۇشقا دىنغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ياخشى ئۆگۈنىشىمىز كىرەك
4. روس تىلى: روس تىلىنى بىز بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىش ،قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز .
5.ياپون تىلى : ياپون تىلنى بولسا ئۇلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرى بىز بىلەن قانداقتۇر مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ،قەدىمى تارىختا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ بولۇشى ،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ياپونىيە خەرىتىسنى تۇنجى بولۇپ سىزغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىزگە قىزقىدىغانلىقى ،بىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، بىزنى تەتقىق قىلدىغانلىقى ئۈچۈن ، ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش ،تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ،ئۇلارنىڭ زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۆگۈنۈۋاتىمىز.
6. تۈرۈك تىلى : تۈرۈك تىلىنى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن تىل ،تارىخ مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ يېقىن قېرىنداش مىللەت بولغانلىقى، سودا ئالاقىسى،مەدەنىيەت ۋە تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ،تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش، كورىتلار ۋادىسىغا ئوخشاش نادىر تۇرۈكچە فىلىملەردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆگۈنىۋاتىمىز.
7. ئۆزبىك تىلى : ئۆزبىك تىلىنى تارىخى -مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا دائىر بەزى كىتاپ ماتىرىياللارنىڭ ئۆزبىك تىلدا بولغانلىقى ،تاشقى سودا مۇناسىۋىتى، تەرەققى قىلغان ناخشا-كىنو سەنئىتىدىن ھوزۇرلىنىش ، ئوز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
8. ULY:ULYنى بولسا ئۇچۇر ئالاقە ئىنتايىن تېز بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز يانفون قىسقا ئۇچۇرى، MSN, QQ Email دېگەندەك زامانىۋى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز. ئەمما يۇقىرىقى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تېخىچە ئەرەپ يېزىقلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى تولۇق قوللاش سەۋىيىسىگە يەتمىدى.ULY نىڭ ئىملاسىنى توغرا ئىشلىتىش يەنە تور بېكەت ناملىرى، توردا شەخسىي ئىسىم-نام تىزىملىتىش، ماركا تىزىملىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىش، ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ULY دەك بىر يانداش يېزىققا ھەقىقەتەن مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزدەك، زۆرۈر ئەھۋالدا ULYنى توغرا بولغان ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئۈگۈنۈۋاتىمىز .
9. ئانا تىل : ئۇيغۇر تىلنى بولسا مەدەنىيىتمىزنى يوقۇتۇپ ،تارىخنى ئۇنتۇپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز كىرەك.
10. كورىيە تىلى: كورىيە تىلىنى بولسا ئاتالمىش تۇرمۇشقا يېقىن ،تەسىرلىك مۇھەببەت فىلىمىلىرى بولغان (يەنە بىر كۆرسەم ، مۇھەببەت شەرىتلىرى )گە ئوخشاش كىنولارنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كورىيە يىگىتلىرىگە كۆيۈپ قالغان قىزلىرىمىز،كورىيە گۈزەللىرىگە ئاشىق بولغان يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە كورىيەگە چىقىش ئۈچۈن كورىيە تىلنى ئۈگۈنىۋاتقانلار يوق ئەمەس.
11.ھىندى تىلى: ھىندى تىلنى بولسا ھىندىستان كىنولىرىدىكى شارۇلخان ، روشەن خارتىك لارنىڭ جەلىپكار قىياپەتلىرى ، ئامىنتا بەچچاپ ،ئاسىل مىرا لارنىڭ باتۇر،مەردانە ئوبرازلىرىدىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىپ مەخسۇس شارۇلخانغا خەت يېزىش ئۈچۈن ئۈگەنگەنلەرمۇ بار ئەلۋەتتە.
12. چاغاتاي تىلى ,ئۇرخۇن يېزىقى ياكى, قەدىمقى ئۇيغۇر ،پارىس تىللىرىنى بولسا مەڭگۈ تاشلار ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت تارىخى بايلىقلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش،تەتقىق قىلىش،ئۈچۈن ئۆگۈنىشىمىز كىرەك .
13. يەنە تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن كومپىيۇتېر ،توربەت تىللىرنى ئۈگۈنۈۋاتمىز.
مۇشۇنداق تىرىشىپلا ئۈگەنسەك يېقىن ئارىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تىل ئىشلىتىغان مىللەت بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، لىكىن باشقا ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن بارىلىق نەرسىلىرىمىز (مەدەنىيەت ،ئۆرۈپ-ئادەت، بايلىق،بىلىم ،زىھنىمىز)دىن ئايرىلىپ پۈتۈن مىللەت بويىچە تەرجىمانلىق قىلىپ جان باقىدىغان تەرجىمان مىللەت بولۇپ قالماسلىقمىز كىرەك ،
دىققەت: كۆپ تىل ئۆگۈنۈش خاتا ئەمەس لىكىن دىققەت قىلىش كىرەككى بىر تىلىنى ياخشى ئۆگۈنۈشىمىز ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتنىمۇ بىلشىمىز ،شۇ مىللەتنى ياخشى چۈشۈنىشمىز كىرەك بۇجەرياندا ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتمىزگە مۇخالىپ ناچارئىللەتلىرنى بىلىپ -بىلمەي يۇقتۇرىۋېلىپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مەنبە: ئۇيغۇرباي

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 22:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ! ...

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 23:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئەمدى ئۇگۇنۇپ بۇلالمايمەن دە .باللىرىمىنى ئۇگۇتەرمەن ، مەن شۇ ئۇيغۇر تىلى ، خەنىزۇ تىلى ، ۋە رۇس تىلنى ئازىراق بىلىمەن ،ئەمدى ئۇگۇنەي دىسەم قىرىپ كەتتىم ،ئامال يۇق دە .

رەخمەت تىمىڭىزىغا

توردا
852سائەت 
نادىر تېما
دوست
121 
يازما
1660 
تېما
327 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 23:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمڭىزغا رەھمەت...شۇنداق بىز ئۇيغۇرلار بارغانچە...كۆپ تىل بىلىدىغان بولۇپ كېتىمىز...كۆپ تېللىق بولۇش ياخىشى ئېش......لېكىن
بىر قېسىملىرىمز ئۆز تېلىمىزنى ئۆگەيلەپ كىلىۋاتىدۇ....بۇنداقلار ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىسا بوللاتتى...

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 00:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپ تېل بىلىش شەرەپ، لىكىن ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس..

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
575 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 11:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ! ...

توردا
256سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
1348 
تېما
199 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 16:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك رەخىمە ت سىزىگە \مەن ئەمىدى ئۇگۈنەي مىكىن دەيىمەن . .ئويىلاپ باقىسام ئەمىدى خىلى بوش ۋاقىتىم با ر ئىكەن . يولىغنىڭىزغا تەشەككۈر

توردا
200سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1399 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 16:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىل ئۆگۇنۇش ياخشى ئىش .لىكىن بەزى مىللىتىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنۇتقان كىشىلەر ،تىلنى كۆپ ئۆگەنگەنسېرى ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ ..
ئەڭ ئاددىيىس ئەتراپىمىزدىمۇ بار ...
تورداشلار سىلەر تورخانىغا كىردىڭلار جۇمۇ ..网吧 WANG BA غا ئەمەس

توردا
200سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1399 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-24 16:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىگنىنىم توغىرمۇ يا

توردا
108سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
246 
تېما

ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-26 23:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشقا تىللارمۇ مۇھىم،ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.