ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 3
go

شامچىلىقىمىز

توردا
113سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
138 
تېما
65 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 12:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شامچىلىقىمىز




بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

خەلقىمىزدە شامچىلىق ئۇزاق تارىخ ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن شامچىلىق كەسپىدە، خەلقىمىز شامنى كالا، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تاشلاندۇق ياغلىرى بىلەن شاخار ۋە يىپنى خۇرۇچ قىلىپ ياسايدۇ.
ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى: شامچىلار كۆيۈك دېگەن ئۆسۈملۈكنى ھۆل ۋاقتىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن شاخار تەييارلايدۇ، شاخارنى تالقانلاپ، سۇ قوشۇپ كالا، ئۆچكە يېغى ۋە باشقا تاشلاندۇق ياغلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىدۇ. شاخار ياغنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە دۇغلىرىنى تارىتىپ قازان تېگىگە چۆكتۈرىدۇ. ئاندىن ئېرىگەن ياغ سۈزۈۋېلىنىپ، قازاندىكى شاخار دۇغى تازىلىنىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا ياغنى بىر قانچە قېتىم شاخار بىلەن قايناتقاندا، ياغ قولغا يېپىشمايدىغان بولىدۇ، ئاندىن ياغنى سۈزۈك سۇ بىلەن بىر قېتىم قاينىتىپ، چايقاپ، شاخار دۇغلىرىنى تامامەن چىقىرىۋېتىپ، ساپ ياغ سۈزۈۋېلىنىدۇ.
شام تۈرى ۋە قېلىپ ياساش: شام ئاق، قىزىل ئىككى خىل بولىدۇ. شامنىڭ ئەڭ چوڭلىرى 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، توملىقى ھەرخىل ئۆلچەمدە بولىدۇ، پانۇس، پوۋىسكا(پوچتا) شاملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ شاملار تاۋار سۈپىتىدە قىزىل ياسىلىدۇ. ئادەتتىكى شاملار 20 – 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ، رەڭگى تاللانمايدۇ. ياسىلىدىغان قېلىپ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە لايىق بولۇپ، بىر ئۇچى ئۇچلۇق، يەنە بىر ئۇچى دۈگىلەك شەكىلدە بولىدۇ.
شام قۇيۇش ئۇسۇلى: قېلىپقا ئۆلچەپ تۆشۈك تېشىلگەن تاختايغا قېلىپنىڭ ئۇچلۇق ئۇچىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرغۇزۇپ، قېلىپ ئوتتۇرىسىغا پىلىك يىپى تارتىپ، تەييارلانغان ساپ ياغ ئېرىتىپ قۇيۇلىدۇ. قۇيۇلغان ياغ قىشتا ئون مىنۇتتا، يازدا 20 مىنۇتتا قاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شام تەييار بولىدۇ.



مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1288 
تېما
30 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 12:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تېخى نىمىدىن ياسايدىكىن دەپتىكەنمەن،

Rank: 8Rank: 8

توردا
574سائەت 
نادىر تېما
دوست
53 
يازما
1080 
تېما
182 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 13:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شامنىڭ قانداق ياسىلىدېغانلىقىنى بىلۋالدۇق رەھمەت سىزگە.

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1220 
تېما
186 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-11 14:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلي شامنى بۇنداق ياسايدىكەندە يەنە بىر بىلىمىگە ئىگە بولىدۇم رەخمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:24

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.