- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-25
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 285سائەت
- جۇغلانما
- 1898
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 505
- تېما
- 120
- توردا
- 285سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 505
- تېما
- 120
|
ئابلىز ئىبراھىم دولان
ئىئانىنى كىمگە بېرىۋاتىمىز ؟
A:- ھەر يىلى دېگۈدەك مائاشىمىزدىن بىر قىسىم پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ‹‹ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ›› كە ئىئانە قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولۇۋاتقاندۇ ھە ؟
B :- ھەي بۇرادەر، نېمىسىنى دەيسەن ؟ مەنمۇ ھېچ بىلەلمەي قالدىم. ئىدارىمىز مەلۇم بىر ئىجىتمائى رايوننى يۆلەش، ياردەم بېرىش ئوبىكتى قىلغان ئىدى. ئىدارىدىكى 200 دىن كۆپرەك ئىشچى- خىزمەتچى ئۈنۋان دەرىجىسى بۇيىچە ھەر قېتىمدا ئەڭ تۆۋىنى 100 يۈەندىن، يۇقىرسى تۆت-بەش يۈز يۈەندىن بولۇپ يىلدا ئىككى - ئۈچ قېتىمدىن ئىئانە بېرىۋاتىمىز. بۇنى ھېسابلاپ كۆرسەك پالان پۇل بولدى دېگەن گەپ. قارىسام، يېڭى ئىدارە باشلىقى كەلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان تاپشۇرغان ئىئانىمىزمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ يۆلەش نۇقتىمىزدىكى نامراتلارنىڭ سانى ئازلاش تۈگۈل، تېخىمۇ كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. ھەتتا خېلى كۆپ قىسىملىرى سىرىتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كىتىپتۇ. بىراق، ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى بېيىش سۈرئىتى ئالاھىدە تېز بولىدى. ھەشەمەتلىك داچا سېتىۋالدى، پىكاپ سېتىۋالدى، مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئالاھىدە پايچېكىمۇ بولدى.......
A :- ئۇنىڭدىن گۇمانلانما ئاداش، ئىدارە باشلىقىڭ خېلى پاك ئەمەلداردەك قىلىدۇ. قاچان قارىسام ئۇچىسىدا شۇ ئاددى كىيىم، پۇتىدا لاتا خەي..... ھېچبىر ئۇنداقتەك قىلمايدۇغۇ ؟
B :- ھا، ھا.... شەيئىلەرنىڭ تاشقى پوستىغا قاراپ ماھىيىتىگە باھا بەرسەك ئاسانلا خاتالىشىپ قالىمىز
A :- ھە، ئەمدى چۈشەندىم بۇرادەر، بىز ئىئانىنى نامراتلارغا بەرگەندىن سېرىت، يەنە ئىدارە باشلىقىڭدەك تولۇم چاشقانلارغىمۇ بېرىۋېتىپتىمىز ھە ؟ ھەي ئىسىت......
توپ ۋە پارچە باھا
:- گېزىت-ژورنال ۋە مېدىيىلەردە ‹‹ مەشھۇر، بۈيۈك، يىتۈك، ئاتاقلىق، ئۇلۇغ، تەڭداشسىز، بىردىنبىر، تالانىتلىق، ماھارەتلىك، قابىليەتلىك، ئىقتىدارلىق...... ›› دېگەندەك مودا گەپ-سۆزلەر خېلىلا كوپىيىپ قالدى. كىم ئۇدۇل كەلسە مۇشۇنداق ئاتاۋېرىش تازا دۇرۇس بولمايدۇغۇ، دەيمەن ؟
:- دۇرۇس بولۇش بولماسلىقى چوڭ ئىش ئەمەس، بۇ بىر بازار رىقابىتىنىڭ نەتىجىسى. تۈرلۈك ئىجىتمائىى مۇناسىۋەت داۋامىدا كىشىلەر ئاشۇنداق ئاتاشلارغا تۇلىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇنداق بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرقىدەك نام-ئاتاقلار توپ ۋە پارچە باھادا سېتىلىدۇ.
:- ئۇنداقتا بۇلارنىڭ قايسىلىرى توپ، قايسىلىرى پارچە باھادا سېتىلىدۇ ؟
:- بۇ ماللاردىن ‹‹ مەشھۇر، ئاتاقلىق، يىتۈك، بۈيۈك، ئۇلۇغ، تەڭداشسىز.... ›› دېگەنلەرنىڭ باھاسى قىممەترەك قىلىنىپ پارچە باھادا سېتىلىدۇ. قالغان ‹‹ تالانىتلىق، ئىقتىدارلىق...... ›› قاتارلىقلار پارچە باھادىن ئەرزانراق قىلىنىپ توپ باھادا سېتىلىدۇ. ئىشقىلىپ، سىز ئېھتىياج ۋە يانچۇقىڭىزدىكى پۇلغا قاراپ ئىش تۇتىسىز.....
ماھىيەتلىك پەرق
كەتمەن بىلەن گۈرجەك ئىككىسى گەپ ئېتىشىپ قالدى.
كەتمەن : تارىخنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، مەن سېنىڭ بوۋاڭدۇرمەن. ئىشقىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن ھەر قايسى جەھەتلەردە مەن سەندىن ئەۋزەلرەك
گۈرجەك : توغرا، سېنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېشىڭ چوڭ، تارىخىڭ ئۇزۇن. بىراق، ئىككىمىزنىڭ مۇھىم بىر يېرى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا سەن گەرچە قەدىمىي بولساڭمۇ كىشىلەر ساڭا قارىغاندا مېنى كۆپرەك ئىشلىتىۋاتىدۇ.
كەتمەن : قېنى دەپ باقە، ئىككىمىزنىڭ قايسى يېرى ئوخشىمايدىكىن ؟
گۈرجەك : ئىككىمىزدە ماھىيەتلىك پەرق بار. سەن جاپا يىققۇچى، مەن جاپانى قوغلىغۇچى. مەسلەن : كىشىلەر سەن بىلەن تۇپا ئاتقاندا سەن، جاپا قېنى ئالىدىمغا كەل دەپ ئۆزۈڭگە تارتىسەن. مەنچۇ، جاپا-مۇشاقەت بىر دەم بولسىمۇ نېرى كەت دەپ ئىتتىرىمەن. قانداق ئەمدىغۇ قايىل بولغانسەن ؟ ھا،ھا،ھا.......
ئۈچنى سورىماسلىق تۈزۈمى
:- مائاش ئالمىغىلىمۇ تۆت-بەش ئاي بولاي دەپ قالدى. تېخى دەمئېلىش كۈنلىرىمۇ ئارام ئالماي ئىشلەۋاتىمىز، ئىشتىنمۇ بەك كەچ چۈشۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىمۇ خېلى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. ئاخىر بېرىپ باشلىقلىرىمىزدىن بىرەرسى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپارمىكىن دەپ قالدىم.
:- ھا،ھا،ھا، سېلىنىڭ ئىدارەڭلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ تازىمۇ دىتى يوقكەن. بىزنىڭ باشلىقتەك ‹‹ ئۈچنى سورىماسلىق تۈزۈمى ›› نى يولغا قويغان بولسا ھېچقايسىڭلار غىڭ قىلالمايتىڭلار
:- ئاداشەي، دېگىنىڭلار قانداق تۈزۈمكەن ئۇ ؟
:- ئالامەت تۈزۈم ئۇ. بىرىنجى ماددىسى: قاچان مائاشىمىزنى بېرىدۇ دەپ ھەرگىز سورىماسلىق . ئىككىنجى ماددىسى : ئارام ئېلىش كۈنىمىزنى قولىمىزغا بېرىڭلار دەپ پەقەت سورىماسلىق. ئۈچىنجى ماددىسى : قاچان ئىشتىن چۈشىمىز دەپ سوراپ ئاقساقاللىق قىلماسلىق. قۇشۇمچە ماددا : ئەگەر كىمدە كىم يۇقىرقى تۈزۈمنىڭ قايسى بىر ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن قىلچىمۇ يۈز-خاتىرە قىلىنمايدۇ. قىلمىشى يىنىك بولغاندا يولداشلار ئارىسىدا ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا جەرىمانە تۆلەيدۇ، ئىش ھەققى تۇتۇلىدۇ، ئىشتىن ھەيدىلىدۇ.
تەرجىمىنىڭ تەرجىمىسى
:- ماۋۇ يەرگە ‹‹ بۇ دۇكان ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ ›› دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا دۇكان ئىگىسى خەيىر-ساخاۋەتچى كىشى بولسا كېرەك، ‹‹ دۇكان ›› نى بىكارغىلا ‹‹ ئۆتۈنۈپ ›› بەرگەنلىكىگە قارىغاندا...
:- بۇ ئۇنداق گەپ ئەمەس. تەرجىمىسى : ‹‹ بۇ دۇكان پۇل بەرسىڭىز سىزگە سېتىپ بېرىلىدۇ ››
بەزى ماقال-تەمسىللەرگە كىنايە
:- ‹‹ ئىشلىگەن چىشلەيدۇ ››
:- ناتايىن، ئىشلىمەي تۇرۇپ چىشلەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
:- ‹‹ قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ ››
:- ناتايىن، بەزى چىرىك ئەمەلدارلار ئۆز كۈمۈچىگە چوغ تارتىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى چوقۇشىدۇ.
:- ‹‹ پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ ››
:- ئانچە توغرا ئەمەس، بەزىلەر دەيدۇكى : ‹‹ يۈز ساتماي تۇرۇپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ››
:- ‹‹ ئوڭدا ياتقان گىردە يەر،
كەتمەن چاپقان جىگدە يەر ››
:- توغرا، ئەگەر كەتمەن چاپقانلار گىردىنى يەۋالسا، ئۇنداقتا ئوڭدا ياتقانلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمامدۇ ؟!
چايخانىدىكى پاراڭلار
:- ھوي مامۇتاخۇن، بۈگۈنكى دىيەنشى ( تېلۋۇزۇر ) نى كوردىڭلىما ؟ ئۇنىڭدا چوڭ بىر ئەمەلدارنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇ ئەمەلدار پاش بولۇپ چىقىپ قولغا ئېلىنىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدا ؟
:- بەك ساددىكەنسىلە بەكىراخۇن، ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە بار. ئەگەردە پاش بولۇپ قالدى دېيىلسە پەقەت ئۇنى ئىككىلا ئادەم يەنى بىرى خوتۇنى، يەنە بىرى ئاشنىسى پاش قىلىپ قويمىسىلا ھەرگىزمۇ پاش بولۇپ قالمايدۇ.
:- ھىم، ھەقىقەتەن توغرا گەپ قىلدىڭلا مامۇتاخۇن. لىكىن تەكشۈردىغانلار بۇنى بىلەمدىغاندۇ ؟
مەنبە؛شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى |
|