- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-29
- تىزىملاش
- 2010-8-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 196سائەت
- جۇغلانما
- 2225
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 833
- تېما
- 86
- توردا
- 196سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 10
- يازما
- 833
- تېما
- 86
|
گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى . ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى ، بەزى تارىخىي كىتابتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىكى يېزىلغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن << ئىپارخان >> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان . جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان . 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان . ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان . بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن . ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن . ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان . ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇ - ھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا ، ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى ، يۈرت - قەۋمىدىن ، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان ، پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن . ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن . ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسونىدا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان ، لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان ، چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ : << ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى ، ئۆلۈشكە رازىمەنكى ، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن ، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن >> دېگەن . چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن ، ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان ، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى ، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر .
1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى بار بولۇپ ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان ، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى << يۈدى سارىيى >>نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان . رەسىمنىڭ ئاستىغا << ئىپارخان _ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى ... >> دەپ يېزىلىپ ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان . شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان . ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە :
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن ،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر - شەپقەت بىلەن .
...
...
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن .
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا ،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن .
بېيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەر بۇ بايانلارغا ئاساسەن << ئىپارخاننىڭ غەزىپى >> ، << ئىپارخان >> ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان . ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە << ئىپارخان >> ناملىق بېيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان . بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى ، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان ، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن . ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان :
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا ،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا .
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى ،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا .
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس ،
قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى .
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى .
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى ،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ... |
|