- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-27
- تىزىملاش
- 2010-5-31
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 847سائەت
- جۇغلانما
- 8298
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2991
- تېما
- 474
 
- توردا
- 847سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 128
- يازما
- 2991
- تېما
- 474
|
تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى
ئاماننىساخان
(1534 - 1567)
ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىر ، مەرىپەتچى ، ئىستىداتلىق مۇزىكانىت . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تۇنجى بولۇپ رەتكە سالغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان .
مايمىخان
(1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
نۇزۇگۇم
(1808 - 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
مايسىخان
ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر
زۇلەيخان بىگىم
17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .
راھىلە خانىم
( 1860 - يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن .
ئايخان ئانا
(1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا
مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .
شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ
كىلىپ ، 1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
1943 - يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ .
ئايشەمخان
1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە
ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى " ئوشماق مازار " نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. |
|