ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئالېكىساندىرنىڭ ئۆلۈمى
كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 1
go

ئالېكىساندىرنىڭ ئۆلۈمى

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 23:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالېكىساندىرنىڭ ئۆلۈمى
مىلادىدىن ئىلگىرى 327 - يىلى، ئالېكىساندىرنىڭ يىراققا  يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى پىرسىيىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپتۇ. قوشۇن ھىندى دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىزلا لەشكەرلەر ئارىسىدا توپلاڭ كۆتىرىلىپتۇ. ئۇلار توپ _ توپى بىلەن تاشلاپ، باشلىرىنى سېلىپ يىغلاپ، ھىندىستادىن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشكە ئىجازەت سوراپتۇ.     بۇ ۋەقە مۇنداق باشلانغان ئىكەن: ئالېكىساندىر پىرسىيىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن،  پىرسىيە پادىشاھىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى بەك ياقتۇرغان. ئۇ پىرىسيە پادىشاھىنىڭ خوتۇنى ۋە قىزىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان، پىرسىيىلىكلەرنى «ئالېكىساندىرنىڭ تۇغقىنى» دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگەس نۇرغۇن پىرسىيىلىكلەرنى ماكىدۇنىيە لەشكەرلىرىگە كوماندىر قىلىپ تەيىنلىگەن. شۇ كۈنى بىر پىرسىيە سەركەردىسى ماكىدۇنىيە سەركەردىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا، ماكدۇنىيىلىكلەرنى خالىغانچە ھاقارەتلىگەن، بۇ ھال ماكىدۇننيە لەشكەرلىرىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان. لەشكەرلەر ئالېكىساندىر ئۆزىگىرىپ كەتتى. ماكىدۇنيىلىكەرنى كېرەك قىلمايدىغان بولدى، دەپ ھېساپلاپ، قوشۇندىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشنى ئارقا _ ئارقىدىن تەلەپ قىلغان.    ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر باينا _ سەۋەپ ئىكەن. ماكىدۇنيە لەشكەرلىرى يۇرتىدىن چىقىپ يىراققا سەپەر قىلغاندىن بۇيان، ئېغىر جاپا _ مۇشەققەتلەرنى تارتقان، تالاپەت ئېغىر بولغان. ھىندىستاننىڭ ئىسىغى، بوران _ چاپقۇنى ۋە كېلسەللىكلىرىگە چىداش قىيىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرتىدىن يىراقلاپ كەتكەچكە، ھەممەيلەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى  سېغىنغان. شۇڭا، پىرسىيە سەركەردىسى ماكىدۇنىيە لەشكەرلىرىنى ھاقارەتلىگەندىن كېيىن، لەشكەرلەردىكى نارازىلىق پارتىلاپ چىققان.    شۇ كۈنلەردە، ئالېكىساندىر بەزگەك بولۇپ قېلىپ چېدىردا دەم ئېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال چىدىردىن چىقىپ، بىر تاش ئۇرۇندۇقنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ، ئەگىتىپراق سۆزلەپتۇ:     - ئەزىمەتلەر! قېرىنداشلار! مەن سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا قايتىش ئارۇزيۇڭلاغا سوغاق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭچە بولسىغۇ نەگە بارساڭلا مەيلىڭلار ئىدى، بىراق، ئويلاپ كۆرۈڭلار، مۇشۇنداق كېتىپ قالساڭلار، ماڭا قانداق يۈز كېلەلەيسىلەر؟ _ مەن سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يەيمەن، بىر يەردە ئۇخلايمەن. قارا بېقىڭلار، بەدىنىمنىڭ يارا بولمىغان يېرى يوق، بەدىنىمدە ھەممە قورال _ ياراقنىڭ ئىزى بار، بەزىلىرىڭلار كېسەل بولۇپ قالدىڭلار، مەنمۇ كېسەل بولۇپ قالدىم. بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن، سىلەرنىڭ شۆھرىتىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار ئۈچۈنغۇ!     ھەممەيلەن جىمجىت بولۇپ كېتىپتۇ، ئالېكىساندىر سۆزىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، روھلىنىپ، توختىماي ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرنى سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ يۇناننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قانداق قىلىپ ئۇلارنى باشلاپ ماكىدۇنىيە تىرىتورىيىسىدىن 50 ھەسسە چوڭ كېلىدىغان پرسىيە ئىمپىرىيىسىنى بېسىۋالغانلىقىنى، نەچچە يۈزمىڭ پىرسىيە لەشكىرىنى يوقاتقانلىقىنى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق قىلىپ مىسىرنى بوي سۇندۇرغانلىقى، مىسر راھىپلىرى ئۇنى «قۇياش خۇداسىنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتىغانلىقىنى؛ قانداق قىلىپ شەرقتىكى مەشھۇر شەھەر بابىلنى  بېسىۋېلىپ «بابىل ۋە ئالەم پادىشاھى» دەپ ئاتالغانلىقىنى... ئەسلەپ ئۆتۈپتۇ.     لەشكەرلەر ئالېكىساندىرنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ كۆپلىرى راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. راستلا ئۇ قەتئى ئىرادىلىك، پاراسەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ، ئۇرۇشتا كارامەت خىزمەتلەر كۆرسەتكەن. شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ غەرپتە سەھرايى كەبىرگىچە بولغان كەڭ رايۇنلاردا ماكىدۇنىيە ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. بىراق، ئۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ ھېرىپ _ چارچاشىلىرى ۋە ئۆلۈش _ تىرىلىشگە قارىماي، ئۇدا ئۇرۇش قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىجەزى ئەسكى بولۇپ، كىشىلەرگە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغان. ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قومانداننى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يەنە بۇ قومانداننىڭ دادىسىنى _ ماكىدۇنىيە قوشۇنىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق پىشقەدەم سەركەردىنىمۇ ئۆلتۈرگەن؛ ئۇ زىياپەت ئۈستىدە ئۆزىگە سادىق بولغان بىر لەشكەر بېشىنى ئوينىغاندەك ئۆلتۇرۇۋەتكەن؛ ئاندىن ئۇزۇن ئۆمەيلا  ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىراققا يۈرۈش قىلىپ كەلگەن تارىخچىنى ئۆلتۈرگەن، چۈنكى بۇ تارىخچى  ئۇنىڭ شەرقىنىڭ يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى بولغانلىقىغا ئاشكارا قارشى چىققان. لەشكەرلەر يەنە شۇنى ئەسلىرىدىن چىقارمىغانكى، ئۇلار پىرسىيىنىڭ بىر چوڭ شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بايلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن . بۇ بايلىقلار 3000 تۆگە ۋە 2000 خېچىر _ ئات بىلەن توشۇلغان. بىراق، بۇنىڭ ئازغىنا بىر قىسىملا لەشكەرلەرگە تەككەن...    ئالېكىساندىر سۆزلەپ بولۇپ، ھالسىزلىقتىن چىققان چىكىسىدىكى تەرلەرنى قولىياغلىقى بىلەن ئېرتىپ، لەشكەرلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنى سۆيگەن ھەمدە يەردىكى قورال _ ياراقلارنى ئېلىپ ئۇلارغا تۇتقۇزغان. بىر نەچچە لەشكەر تەسىرلىنىپ، ئۇنى سۆيگەندىن كېيىن چېدىرلىرىغا قايتىپ كەتكەن. لېكىن كۆپىنچىسى يەنىلا لام _ جىم دېمەي جىم تۇرۇۋالغان. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئالېكىساندىر ئامال قىلالماي بىر قىسىم ياشانغان ۋە يارىدار  _ مېيىپ لەشكەرلەرنىڭ ماكىدۇنىيىگە قايتىپ كېتىشىگە ماقۇل بولغان.     لېكىن، بىرنەچچە كۈن ئېچىدىلا 10 نەچچە مىڭ ئادەم كېتىپ قالغان. ئالېكىساندىر لەشكەرلىرىنىڭ راينى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى چاتاق چىقىرىشقا باشلامچىلىق قىلغان ماكىدۇنىيە سەركەردىسىگە ۋە 10  نەچچە لەشكەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. نەتىجىدە، لەشكەرلەر تېخىمۇ نارازى بولۇپ، سەركەدىلەر يىغىنى چاقىرىپ، سەركەردىلەرگە لەشكەرلەرنى قاتتىق تىزگىنلەشنى تاپشۇرغان. بىراق يىغىندا سەركەردىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ۋەتەنگە  قايتىشنى تەشەببۇس قىلغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئالېكىساندىر قايتىشقا بۇيرۇق بېشىكە مەجبۇر بولغان.     قوشۇن ھىندى دەرياسىنى بويلاپ غەرىبي جەنۇپ تەرەپكە قاراپ چېكىنىگەن بىر نەچچە ئاي ھەربي يۈرۈش قىلىپ قوشۇن ھىندى دەرياسىسىنىڭ ئەرەپ دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغا كەلگەن. بۇ يەردە نەزىر  - چىراق ۋە زىياپەت قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، بىر يولى دېڭىز ئارقىلىق غەرپكە قاراپ يولغا چىققان.     بىر يولى چۆل _ جەزىرلەر ئارقىلىق بابىلغا قاراپ يولغا چىققان.    ئالېكىساندىر بىر يول قوشۇننى باشلاپ، پايانسىز كەتكەن چۆل _ جەزىرىسىگە كىرگەن. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقى، ئاچلىق - ئۇسسۇزلۇق تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئۈسىتگە ھەر خىل كېسەللىك يامراپ كەتكەنلىكى، يىلان، چايان چاققانلىقى، يەنە دائىم دۈشمەنلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھەربىي يۈرۈش ئىنتايىن ئاستا  بولغان، ئادەم، ئات _ ئۇلاق چىقىمى ئېغىر بولغان. لەشكەرلەرنىڭ كىيىم _ كېچىكى جۇل - جۇل بولۇپ كېتىپ، يالىڭاياق يۈرگەن؛ يارىدار كېسەللەر ۋە سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار چۆل _ جەزىرىلەردە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ ئاستا _ ئاستا ئۆلۈپ كەتكەن. بىر مۇنچە لەشكەرلەر يىراققا يۈرۈش قىلغانغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرگەن، ھەتتا توپىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 325 - يىلىغا كەلگەندە، قېلىن قالغان قسىملار بابىلغا يېتىپ كەلگەن، ئون يىل داۋام قىلغان ماكىدۇنيە يىراققا يۈرۈشى شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشقان.     ئالېكىساندىر بابىلغا كەلگەندىن كېيىن، بابىلۇن شەھىرىنى ماكىدۇنىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ يېڭي پايتەختى قىلغان. ئۇ يەنە غەرپكە يۈرۈش قىلىپ شىمالىي ئافىرىقا ۋە ئىتالىيسىنى بوي سۇندۇرۇشنى ئويلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 323  - يىلى يازدا، ئۇنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش تەييارلىقى پۈتكەن، بىراق ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ يېقىنلىشىپ قالغان.     بىر كۈنى، ئالېكىساندىر ئادەتتىكىدەك ھەرقايسى خۇدالارغا ئاتاپ ياغ پۇرۇتۇپ، خۇدالارنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى ئامەت ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ. شۇ ئاخشىمى ئۇ بىر يېقىن دوستى بىلەن ھاراق ئىچىپ بەزمە قىلىپتۇ. ئاندىن يۇيۇنۇپتۇ. تۇيۇقسىزلا ئۇ قىزىپ كېتىپ، شۇ ياتقىنىچە قوپالماپتۇ. لېكىن، ئۇ يەنە ھەر كۈنى سەركەردىلەرنى چاقىرىپ، ھەربي يۈرۈشنى قانداق باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ تۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈنگە قالمايلا، ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا كۆز ئىشارىتى بىلەن سەكەردىلەرنى داۋاملىق غەرىبكە يۈرۈش قىلىشقا ئۈندەپتۇ. ئۆلۈش ئادىدا، مېنىڭ دەپنە مۇراسىمىمنى ئۆتكۈزش مەزگىلىدە، كاتتا ھەربىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ ۋەسىيەت  قالدۇرۇپتۇ. شۇ يىلى ئالېكىساندىر ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن ئىكەن.     ئالېكىساندىر ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھوقۇق تارتىۋېلىش يولىدا كەسكىن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئالېكىساندىر بوي سۇندۇرغان زىمىندا بىر قانچە يېڭى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. تېرىتورىيسى ياۋرۇپا، ئاسيا ۋە ئافىرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئە زىمىنگە سوزۇلغان ماكىدۇنيە پادىشاھلىقى شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن پارچىلىنىپ كەتكەن.
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 08:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تارىخي شەخسلەرنى نەزىرىڭلاردىن ساقىت قىلدىڭلارمۇ ؟
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.