ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ دۆلەت باشلىقى ئوكتاۋىيان
كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 1
go

دۆلەت باشلىقى ئوكتاۋىيان

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-14 23:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دۆلەت باشلىقى ئوكتاۋىيان
مىلادىدىن ئىلگىرى 43 _ يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئەتىگەنلىكى، رىمدا تۇيۇقسىزلا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان. پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممە دەرۋازىلىرىدا، كوچىلاردا، مەيداندا، دەريا كېچىكلىرى ۋە تاغ چوققىلىرىدا قورال ۋە ھەربىي بايراق تۇتقان لەشكەرلەر قىم _ قىم بولۇپ كەتكەن؛ ھەتتا شەھەر سىرتىدىكى يۇرتلاردا، زەيلىك - كۆللەردە، ئومۇمەن ئادەم ئۆتەلەيدىغان ياكى يۇشۇرۇنالايدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە پوست قويۇلغان. شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە «ئومۇمى دۈشمەن» دەپ جاكالانغانلارنىڭ ئىسمىلىكى يېزىلغان ئېلانلار چاپلانغان: ئومۇمەن «ئومۇمى دۈشمەن» دەپ جاكالانغانلارنى ئۆلتۇرگەنلەر، ئۆلتۇرۈلگۈچىنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەلسە، غايەت زور پۇل بىلەن تاتۇقلىنىدۇ؛ ئەگەر قۇللاردىن «ئومۇمى دۈشمەن» نى ئۆلتۈرگەنلەر بولسا مۇكاپات بېرىلگەندىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. كىمكى «ئومۇمىي دۈشمەن» نى يۇشۇرسا، «ئومۇمىي دۈشمەن» گە ئوخشاش جازالىنىدۇ. بىر بوۋاي ئېلاننى ئوقۇپ بولۇپ ئارقا _ ئارقىدىن مۇنداق دېگەن: _ ھەي، يەنە ئادەم ئۆلتۈرۈلدىغان بولۇپتۇ. ئادەم ئۆلتۈرۇلىدىغان بولۇپتۇ! نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق ئىش، نېمە دېگەن ۋەھمە! بوۋاينىڭ يېنىدا تۇرغان بىر موماي باش چايقاپ مۇنداق دېگەن: _ تۈگىمەس ئاپەت! ئاڭلىشىمچە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن شەھەردە نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار يۈز بەرگەنمىش: كالا زۇۋانغا كەلگەنمىش. ئەمدىلا تۆرەلگەن بوۋاق سۆزلىگەنمىش، چىلبۆرىلەر ھۇۋلىشىپ مەيداندىن ئۆتكەنمىش. بۇلار يامانلىقنڭ ئالامەتلىرى! ئاللا كېرىم يەنە بىزنىڭ جاجىمىزنى بېرىدىغان بولۇپتۇ! _ ئېلانغا ئىمزا قويغان ئوكتاۋىيان دېگەن كىم؟ _ دەپ سورىغان سەھرالىق بىرەيلەن. ئوكتاۋىيان؟ _ دېگەن بوۋاي ھاڭ _تاڭ بولۇپ، _ سەن ئوكتاۋىياننىمۇ بىلمەمسەن؟ ئۇ كايزانىڭ جىيەنى نەۋرىسى! كايزا ئۆز مىرالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگەن. تېخى ئۇنى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالغان. ئۇ بۇ يىل ئەمدى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ھاكىمدار بولدى! سۆز ئارىسىدا، بىر يۈز بېگى بىر قولدا قىلىچ، بىر قولىدا چىپ _ چىپ قان ئېقىپ تۇرغان ئادەم بېشىنى كۆتەرگەن پېتى كەلگەن. _ تېز بولۇڭلار! _ دېگەن ئۇ كەينىدىكى لەشكەرلەرنى چاقىرىپ، - ئومومى دۈشمەنلەر قېچىپ كەتمىسۇن! ئۇلارنىڭ بېشىنى كېسىپ تارتۇق ئالايلى! ھەقىقەتەن ئىسمى «ئومۇمىي دۈشمەن» قاتارىغا تىزلىغانلار قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بۇلارنىڭ كۆپىلىكى ئوكتاۋىيان تەرەپدارلىرىنىڭ سىياسى رەقىبى ۋە كايزانى ئۆلتۈرگەن ئاقساقاللار تەرەپدارى بولغان ئاقسۆڭەكلەر ئىكەن. يەنە بەزىلىرى ئوكتاۋىيان تەرەپدارلىرىنىڭ شەخسى دۈشمەنلىرى ۋە ئادەتتىكى بايلار ئىكەن. لەشكەر ۋە پاترولۇق قىلىغۇچىلار ھەممە جايلاردا پايلاقچىلىق قىلغان. تارتۇق ئېلىشنى ئارزۇ قىلغانلار ھەممە يەردە ئۇلارنى ئىزلىگەن. قۇدۇققا، ئازگالغا، مورىغا، كېسەكلەر دوۋسىگە يۇشۇرۇنمىسۇن ياكى تىز پۇكۇپ يىغلاپ يالۋۇرمىسۇن ھىچنەرسە دال بولمىغان. ھاقارەتلىنىشنى خالىمىغان بەزى «ئومۇمىي دۈشمەن» ئاچلىق ئېلان قىلغا. ئۆزىنى ئولتۇرۇۋلغان، ئۆزىنى دەرياغا تاشلىغان، ئوتقا تاشلىغان ياكى ئۆزىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن. بالىسى دادىسىنى پاش قىلىدىغان، خوتۇنى ئېرىنى ساتىدىغان ياكى قۇللار خوجايىنلىرىنى قوغداپ بىرگە ئۆلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. بۇ قېتىمقى دەھشەتىلىك قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مال _ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان ئاقساقال 300 گە، چەۋەنداز 2000 غا يەتكەن. ئوكتاۋىيان بىلەن ئىمزا قويۇپ «ئومىي دۈشمەن» ئىسملىكىنى ئېلان قىلغان يەنە بىرىسى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىدار ئانتونى ئىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 42 - يىلى، ئانتونى رىمنىڭ شەرقىي ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىسى بولۇپ، مىسىرغا بارغان. كېيىن ئۇ يەردىن كىشى ھەيران قالىدىغان خەۋەرلەر كەلگەن. _ باش ۋالى ئانتونى مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھىغا كۆيۈپ قېلىشپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپتۇ! _ ئاڭلىشىمىچە، باش ۋالى خوتۇنىنىڭ «خانىش» قىلىپ بېكىتكەنمىش، ھەتتا، مەن ھەممە نىل دەرياسىنىڭ چاياننىڭ، (ئايال پادىشاھنىڭ) گېپىنى ئاڭلايمەن، دەپ جاكالىغانمىش! _ بۇ خەۋەرلەر رىم تۆرىلىرىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان. ئۇلار ئوكتاۋىياننى ھىمايە قىلىپ، ئوكتونىغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلغان. ئاقساقاللار مەھكىمىسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىسى ئانتونىنى ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئانتونى ۋە مىسىر ئايال پادىشاھسىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنى قارار قىلغان.جازا يۇرۈش قىلغۇچى بۇ قۇشۇنغا ئوكتاۋىيا قوماندان بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 31 - يىل 9 - ئايدا، جازا يۈرۈشى قىلغۇچى قۇشۇنلارنىڭ كېمە ئەترىدى بىلەن ئانتونى ۋە قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ كېمە ئەترىتى بىلەن ئانتونى ۋە مىسىر ئايال پادىشاھىنىڭ كېمە ئاترىتى يۇناننىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدىكى دېڭىز يۈزىدە جەڭ قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ كېمىلىرىنىڭ سانى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت تېخى تايىن تاپمىغان چاغدا، مىسرنىڭ 60 دانە كېمىسى تۇيۇقسىزلا مىسىر ئايال پادىشاھىدىن دەرھال مىسىرغا قايتىڭلار دېگەن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئانتونىمۇ ئۆز كېمىلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ مىسىر تەرەپكە قاراپ قاچقان. ئانتونىنىڭ قېلىپ قلاغان نۇرغۇن كېمىسى قوماندانلىقتىن ئايرىلىپ قالغاچقا يېڭىلىپ تەسلىم بولغان. 2 - يىلى يازدا، ئوكتاۋىيان مىسىرنىڭ پايتەختىگە لەشكەر تارتىپ كىرگەن. ئانتونىنىڭ قلدۇق قوشۇنلىرى كەينى _ كەينىدىن تەسلىم بولغان. ئانتونى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىگە خەنجەر سېلىپ ئۆلۈۋالغان. مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئوردىدا ئۆزىنى زەھەرلىك يىلانغا چاقتۇرۇپ ئۆلۈۋالغان. ئوكتاۋىيان رىمغا قايتقاندا، كايزاغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئەرباپ بولۇپ قالغان. ئوكتاۋىيان رىملىقلارغا تېچلىق ئاتا قىلماقچى بولۇپ، پۇقرالارغا 2 - كۈنى يانوس ئىبادەتخانىسىغا بېرىشنى چاقىرىق قىلغان. 2 - كۈنى تاڭ سەھەردە، رىملىقلار تەرەپ _ تەرەپتىن يانوس ئىبادەتخانىسىغا قاراپ يول ئالغان. كۈن چىققان مەزگىلدە ئوكتاۋىيان مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ياساۋۇللىغىدا ئىبادەتخانا ئالدىغا كەلگەن. ئوكتاۋىيان بىر دۆڭگە چىقىپ، ئىككى قولىنى كۆتىرىپ تەنتەنە قىلغۇچىلارنى تىنچلاندۇرغان، ئاندىن كېيىن ۋاقىراپ سۆزلىگەن: - پۇقرالار! سىلەرگە مەلۇم، يانوس ئىبادەتخانىسىدا بىزنىڭ غازات خۇدايىمىز مارشىنىڭ ھەيكىلى بار. ئۇرۇش بولغان چاغلاردا ئۇلۇغ غازات خۇداسى بىزگە مەدەت قىلسۇن دەپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىمىز. توپ _ توغرا 200 يىلدىن بۇيان ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرۇپ كەلدى. ھازىرئۇرۇش ئاياقلىشىپ، تېچلىق يېتىپ كەلدى. شۇ سەۋەپتىن، بىز رىملىقلارنىڭ مەڭگۈ تېچ ياشىشىمىز ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكى ھازىردىن ئېتىۋارەن ئېتىۋېتىلسۇن دەپپ بۇيرۇق بېرىمەن! ئوكتاۋىياننىڭ سۆزى تۈگۈشى بىلەن تەڭ كىشىلەر ئارىسىدا تەنتەنە سادالىرى كۆتىرىلىگە. كاتتا دىنىي مۇراسىمىدىن كېيىن، يانوس ئىبادەتخانىسىنىڭ يوغان، ئېغىر ئىشىكى ئاستا تاقالغان. ئوكتاۋىياننىڭ رىملىقلارغا «مەڭگۈ تېچ تۇرمۇش ئاتا قىلىشى» مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە؛ بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن رىمدا 200 يىل تېچلىق ھۆكۈم سۈرگەن. ئاقساقاللار مەھكىمىسى كايزاغا بەرگەن شۆھرەتنىڭ ھەممىسىنى ئوكتاۋىيانغىمۇ بەرگەن. ئوكتاۋىيان ھاكىمىدار، باش ھاپىز ۋە خەلق پاسىبانى بولغان. «ۋەتەن ئاتىسى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان مىلادىدىن ئىلگىرى 27 - يىلى ئاقساقاللار مەھكىمىسى ئۇنىڭغا يەنە «ئاۋگۇستۇس» دەپ نام بەرگەن. «ئاۋگۇستۇس» دېگەن سۆز لاتىنچىدە «مۇقەددەس»، «ھۆمەتلىك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز غەرپ خان _ پادىشاھلىرىنىڭ بىر خىل ئۇنۋانى بولۇپ قالغان. ئوكتاۋىيانغا يەنە «ئاقساقاللار مەھكىمىسىنىڭ باش پۇقىراسى» (دۆلە باشلىقى) دېگەن ۋ مارشال پەخرى ناملار بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىمنىڭ مەمۇرىي، ھەربىي، ئەدلىيە ۋە دىنى چوڭ ھوقۇقلىرىنى تەنھا تۇتۇپ تۇرغان. «دۆلەتباشلىقى» دېگەن سۆزنى شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن دۇنيا ئەللىرى رەسىمىي قوللانغان. ئۇچاغدا ئوكتاۋىيان 36 ياش ئىكەن. ئوتاۋىيان رىمغا 43 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇ دەۋىر قەدىمقى رىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەڭ بېيىغان دەۋرى ھەمدە قەدىمقى رىمنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى «ئالتۇرن دەۋرى» بولغان. ئوكتاۋىيان باشلاپ بەرگەن دۆلەت باشلىقى. سىياسسى، ئەملىيەتتە رىمنىڭ پادىشالىق تۈزۈمىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇ گەرچە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەملىيەتتە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى بولغان. جۇمھۇرىيەت تونىغا ئورالغان بۇنداق مۇستەبىتلىك تاكى مىلادى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا دىئوكلېتانۇس ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، ئاندىن ئاشكارا ھالدا پادىشاھلىق - مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ئوزگەرتىلگەن.
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-16 08:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئازراق نەزەر سېلىپ قۇيۇڭلار ؟!...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.