ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۈرۈمچى شەھىرىنى  چۇشۇنىۋىلىڭ! (دىتالچى)
كۆرۈش: 1317|ئىنكاس: 18
go

ئۈرۈمچى شەھىرىنى  چۇشۇنىۋىلىڭ! (دىتالچى)

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۈرۈمچى دۇنيا بويىچە دېڭىز -ئوكيانلاردىن ئەڭ يىراق،نۇپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى،ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارلىقى 2250كىلومىتىر كىلدۇ.
2.ئۈرۈمچى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆلكە مەركەزلىرى ئىچىدە مىللەت تەركىبى ئەڭ كۆپ شەھەر بۇلۇپ ،37مىللەت ياشايدۇ.
3.ئۈرۈمچى شەھەر رايۇنىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 1944-يىل7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆرۈلگەن.شۇ كۈندىكى ھاۋا تېمپىراتۇرسى 43.4گىرادۇسقا چىققان.ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا1951-يىل2-ئاينىڭ 27-كۈنى كۆرۈلگەن .شۇ كۈندىكى تېمپىراتۇرا41.5-گىرادۇسقا چۈشكەن.
4.ئۈرۈمچى شەھەر رايۇنىدىكى ئەڭ ئىسسىق ئاي 7-ئاي بولۇپ،يىللار جەريانىدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرا23.5گىرادۇسقا چىققان.ئەڭ سوغوق ئاي 1-ئاي بولۇپ،يىللار جەريانىدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرا15.4-گىرادۇسقا چۈشكەن5.ئۈرۈمچىدە يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان يىلى 1958-يىلى بولۇپ،ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىياۋچۈيزى تاغ رايۇنىدا يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى 796.9مىللىمىتىرغا يەتكەن.ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز بولغان يىلى 1977-يىلى بولۇپ ،ئۈرۈمچىنىڭ 70كىلومىتر شەرقىي جەنۇبىدىكى داۋانچىڭدا يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى64.3مىللىمېتىربولغان.
6.ئۈرۈمچىدە قار ئەڭ بالدۇر ياغقان كۈنى 1986-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى .ئەڭ كىچىكىپ ياققان ئاخىرقى قار1958-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى.ئۈرۈمچىدە قىسقا ۋاقىت ئەڭ قاتتىق چىققان بوران تېزلىكى 40مېتىر سېكونىتتىن ئاشقان ،ئۇنىڭ ئورنى داۋانچىڭ سېيىدا ،ۋاقتى 1971-يىلى4-ئاينىڭ 16-كۈنى بولغان.ئۈرۈمچىنىڭ يەر توڭلاش قەۋىتى ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا 1.62مېتىرغا يەتكەن بۇلۇپ ،ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى ئايروپوروتتا .ۋاقتى 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 7-،9--كۈنلىرى. بىز  
7.ئۈرۈمچى رايۇنىدا 1987-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت ئۈچتىن باشلاپ تۆت سائەتتىن ئارتۇق يامغۇر يېغىپ ،بىر قەۋەت يالتىراق مۇز قاپلاپ كەتكەچكە قاتناش ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالغان ،بۇ ئۈرۈمچىدىكى قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە ياغقان ئەڭ قاتتىق يامغۇر ھېساپلىندۇ.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى رادىئۇ ئىستانسىسى 1923-يىلى 5-ئايدا شەرقىي قۇۋۇقنىڭ سىرتىغا قۇرۇلغان ،شۇنىڭدىن باشلاپ بېيجىڭ ۋە قەشقەرلەردە تۇنجى قېتىم رادىئو ئالاقىسى يولغا قۇيۇلغان.
8.ئۈرۈمچىدە تۇنجى تېلفۇن 1930-يىلى ئورنىتىلغان .شۇ يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جىڭ شۇرېن سىرىتتىن 50توچكىلىق تېلغۇن ئۇلاش باش ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىپ،ئۇنى دۇبەن ئىشخانىسى ۋە بىر قىسىم مۇھىم ھەربىي ئورۇنلارغا ئۇرناتقان.
9.ئۈرۈمچىدە تۇنجى ھاۋارايىنى كۆزىتىش ئاپپاراتى 1914-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان .ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئېلىكتىر ئىستانسسى1928-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ،ئورنى ھازىرقى دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنىدا ئىدى.
10.ئۈرۈمچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئوت ئۈچۈرۈش ئەتىرىتى<تېنىچ سۇ ئۇيۇشمىسى >بۇلۇپ ،1917-يىلى قۇرۇلغان.ئۈرۈمچىدە سىملىق رادىئو پىروگىراممىلىرنى ئاڭلىتىش 1935-يىلىدىن باشلانغان.
11.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئۆتۈشمە كۆۋرۈك جەنۇبىي ۋوگزالدىكى ئۆتۇشمە كۆۋرۈك بۇلۇپ 1960-يىلى 12-ئايدا ياسالغان.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى يەر ئاستى يولى ئۆكتەبىرمەيدانىدىكى پىيادىلەر يەر ئاستى يولى بۇلۇپ ،ئومومىي كۆلىمى 4000كۋادىرات مېتىر كىلدىغان ئىككى ئويمان مەيدان ۋە ئالتە يەر ئاستى يولى قوشۇلۇپ 1987-يىلى 9-ئايدا ياسالغان.
12.ئۈرۈمچىدە ئەڭ دەسلەپ ئېچىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى بانكىسى 1851-يىلى ئېچىلغان .بۇنى روسىيە سودىگەرلىرى ئاچقان.ئۇ تىيەنشى بانكىسى دەپ ئاتىلاتتى .
13.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ شىنجاڭ ئىنىستوتى بولۇپ ،1935-يىلى قۇرۇلغان .ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپ ھۆكىمەت باشقۇرۇشىدىكى دىخۇاگۇەنلى شۆسومەكتىپى بۇلۇپ 1909-يىلى قۇرۇلغان.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى بالىلار باغچىسى شەھەرلىك بالىلار باغچىسى 1938-يىلى قۇرۇلغان.14.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى خەۋەرلەر گېزىتى قەرەلسىز تۆت فورماتلىق تىيانشان گېزىتى 1918-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلىنغان.ئۈرۈمچىدىكى مىللىي يېزىقتىكى تۇنجى گېزىت شىنجاڭ گېزىتى بۇلۇپ 1934-يىلى نەشىر قىلىنغان.
15. 1949-يىلى 10-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكا ئۈرۈمچىدە تارقاتقان سانلىق رەقىمى ئەڭ چوڭ پۇل 6مىليارد سوممىلىق پۇل بۇلۇپ ،دۇنيا بويىچە سانلىق قىممىتى ئەڭ چوڭ پۇل ھىساپلىندۇ.
16.ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ بالدۇرقى ،ئەڭ چوڭ ،ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك 1965-يىلى سېلىنغان دەريا كۆۋرۈكى بۇلۇپ،ئەينى چاغدا بۇ كۆۋرۈككە چوڭ كۆۋرۈك دەپ نام بىرىلگەن ،ئورنى ھازىرقى چوڭ كۆۋرۈك ئورنىدا .ئۈرۈمچىدە خارابىسى ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىكى شەھەر ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى بۇلۇپ ،ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئون نەچچە كىلومىتر يىراقلىقتا . 17.ئۈرۈمچى شەھەر رايۇنىدىكى ئەڭ ئىگىز نۇقتا يامالىق تېغىدىكى ياشلار چوققسى بولوپ،دېڭىز يۈزىدىن 1397.6مېتىر ئىگىزلىكتە.ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئىگىز كۆل تەڭرىكۆلى بۇلۇپ ،ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ 110كىلومىتر شەرقىي شىمالىدا .تەڭرىكۆلىنىڭ سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1980 مېتر ئېگىز .
18.ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ بالدۇرقى ئۆلكىلىك كۈتۈپخانا 1944-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان.ئۈرۈمچىدە ئىسلاھات دەۋرىدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئەڭ ئاۋات بازار دۆڭكۆۋرۈك بازىردۇر.
19.ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئېگىزقەۋەتلىك بېنا كوئىنلون مېھمانخانىسى بۇلۇپ 1959-يىلى سېلىنغان.ئۈرۈمچىدە ئەڭ بالدۇر ياسالغان سۇ ئامبىرى خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرى بۇلۇپ 1942-يىلى ياسالغان.
20.ئۈرۈمچى مەمىلكىتىمىزدىكى بىردىنبىر يەرلىك ۋاقىت ئىشلىتىدىغان شەھەر ھىساپلىندۇ.ئۈرۇمچىدىكى تۇنجى ئايروپوروت 1932-يىلى پۈتكۈزۈلگەن.

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
223 
تېما
22 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 12:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوخخو~دۇچۇ !سىز ئۈرۈمچىلىكما ؟؟؟
بارلىقىم ئاتا-ئانام ئۈچۈن...

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 12:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوخخوي يە بالاڭزا  ئەججەپ ئىنىق بىلىدىكەنسەن ھە!!
ۋىييۇ!!
      

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 12:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەلىك دەپقاغان! سەرالىقمىكىن دىگەنما!

ئىنىق بىلىدىكەندسە دەپ قاپسە ! قارە! .....ئۇرۇمچىدىن تۇرۇپ بىلمىسەك سەت تۇرا ئەمدى!

توردا
528سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
162 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 12:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
925سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1184 
تېما
120 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 13:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
خەپ خوتەن توغۇرلۇق يازمىسام !

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 13:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا بولسا شىنجاڭ توغۇرلۇق يازمىسام مەنمۇ تازا! قاغىلىق توغۇرلۇق يازىمەن ئەمدى! ئىزدىنىۋاتىمەن!

توردا
498سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
791 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 13:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەجەپ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز. ئۈرۈمچىىگە بارغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ئۇقۇغۇچە.

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 13:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ قاپىيەلىرىم تەستىقلانمىدىمۇ نىمە!

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
10 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-9-21 13:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەجەپ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسەن. مەننمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ھەجەپ مەن بىلمەيدىكدنمەن غا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.