ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تۇمشۇقتىكى قەدىمىي ئىزلار
كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 2
go

تۇمشۇقتىكى قەدىمىي ئىزلار

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 00:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0 تۇمشۇقتىكى قەدىمىي ئىزلار
تۇمشۇقتىكى قەدىمىي ئىزلار
تۇمشۇق— سىرلىق ۋە سېھرىي كۈچكە تولغان قەدىمىي شەﻫەر. ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، شىمال تەرىپى تەڭرىتېغىغا ، جەنۇپ تەرىپى يۈرۈڭقاش دەرياسىغا تۇتىشىپ، قىزىل (قەشقەر) دەرياسى ۋە زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مارالبېشى ناﻫىيىسىنىڭ دائىرىسىدە بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولى كېسىپ ئۆتىدىغان جاي، شۇنداقلا غەربى يۇرتنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلەردىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەﻫەر قەدىمىكى دەۋرلەردىكى غەربى يۇرتتا يۇلتۇزدەك چاقنىغان 36 شەﻫەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان سەپەرباي بەگلىكى، شەرقىي خەن دەۋردە غەربىي يۇرتتىكى تايانچ بازىلارنىڭ بىرى، تاڭ دەۋردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئوغور ئوبلاستى، قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋردە بارچۇق شەﻫىرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋردە مەركىزىي ﻫەربىي ئىشلار ئۆتىڭى بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش، چېگرا رايوننى گۈللەندۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇﻫىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، 2002 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق شەﻫەر قىلىپ تەستىقلانغان. بۇ جاينىڭ ﻫەرقانداق يېرىدە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دولانلىقلارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىز بېسىپ ياشاپ كەلگەن ماكانى ﻫېسابلىنىدۇ. 19 – ئەسىردىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ۋە ئېكسپېدىتسىيە دولقۇنىدا تۇمشۇقتىن ئىبارەت كەڭ زېمىنغا شۋېتسىيىلىك سىۋىن ﻫىدىن، فىرانسىيلىك پائول پېللىئوت، گىرمانىيلىك فون لېكوك، ئەنگىلىيىلىك مارك ئاتىئورىل سىتەيىن، ياپونىيىلىك ئوتانى كوزى، روسىيىلىك مالوۋ قاتارلىقلار قەدەم بېسىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى ياراتقان خەلقىمىزدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى خالىغانچە قېزىپ، ﻫۆججەت – ۋەسىقىلەر، ۋەسيەتنامىلار، رىۋايەت، ئەپسانىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بېرىپ داڭق چىقىرىپ، تەرجىمﻬالى كەڭ تارقالدى. ئەمما تۇمشۇق شەﻫەرىدىكى قەدىمكى ئىزلار يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۇپەيلى ئېغر دەرىجىدە تالان – تاراجغا ئۇچرىدى.
تۇمشۇق شەﻫىرىدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن 51 – تۇەن(تۇمشۇق) ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يىل دەۋرى تاڭ سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋر ( مىلادى 618 –، 1279 – يىللار)غا توغرا كېلىدۇ. تۇمشۇقتا تارىخىي خارابىلىقلار ۋە جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئارلاشما ئىزلىرىدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن تەبىئىي كۆركەم مەنزىرىلەر، ئېتنوگرافىك سەيلىگاﻫلار، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ياۋايۈ ﻫايۋانلار ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەردىكى ئورپ- ئادەت، ئۆزگىچە مىللىي پۇراق، سىﻬرىي كۈچكە تولغان رىۋايەتلەر، سىرلىق قەدىمىي شەﻫەر خارابىلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
قەدىمكى خارابىلىقلار
توققۇز ساراي: يىپەك يولىغا جايلاشقان قەدىمكى ئاۋات شەﻫەر بارچۇق ، ئىگىلىگەن كۆلىمى نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تاغ ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قارىسىڭىز قەدىمكى ئىبادەتخانىلار ، ئۆي – ئىمارەتلەر ، قەلئەلەر ، مەﻫەللىلەرنىڭ خارابىلىرىنى ۋە سىرلىق يىپەك يولىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكى شەﻫەر سېپىل بىلەن ئورالغان بولۇپ ، ئىچكى شەﻫەر، تاشقى شەﻫەر ۋە كىچىك شەﻫەردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، شەﻫەر سېپىلى ئىچىدىكى تاغ دۆمبەللىرىدە نۇرغۇن بۇددا مۇنارلىرى بار، ﻫازىرمۇ تاغ دۆمبەللىرىنىڭ ئۇيەر – بۇيەرلىرىدە ساقلىنىپ قالغان بۇددا رەسىملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، سېپىلنىڭ شىمال تەرەپ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا تاڭ دەۋردىكى كۆركەم قەدىمكى شەﻫەر خارابىسىنىڭ تاغنى بويلاپ جايلىشىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۇرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 1957 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ›› دەپ بېكىتىلگەن.
بۇددا دىنى خارابىسى: توققۇز ساراي شەﻫەر خارابىسىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى تاغ دۆمبىلىدە چوڭ – چوڭ ساڭرام، ئىبادەتخانا خارابىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تاڭ شۈەنزاڭ غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا بۇ يەردە قونۇپ ئۆتكەن ﻫەمدە « ﻫىنايا مەزﻫىپىدىكى بۇددا دىنى گۈللەنگەن، نۇرغۇن راﻫىبلىرى بار، بۇددا دىنى تۈسىگە ئىگە، ئىبادەت ئىشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ » دەپ خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى گۈللىنىشنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ نېمە سەۋەبدىن ۋەيران قېلىۋىتىلگەنلىكى تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىر بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ يىل دەۋرى مىلادى 618 –، 1279 – يىللارغا توغرا كېلىدۇ. 1999 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ›› دەپ ئېلان قىلىنغان.
مانى دىنى خارابىسى: بۇ خېلى كاتتا كۆلەمگە ئىگە ساڭرام بولۇپ، بورچى تېغى (يەرلىك كىشىلەر تۇمشۇق تېغى دەپمۇ ئاتايدۇ) نىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى مانى دىنىنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن ئاۋات مەنزىرىسىنى شەك – شۇبىﻬسىز ﻫېس قىلغىلى بولىدۇ. ساڭرام ئىچىگە كىرسە شۇ يىللاردىكى مۇخلىسلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئىستى – قامەت قىلغان ئىزلىرى ئۇچرايدۇ.
مىڭ يىللىق قەبرىلەر: زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى كۆز يەتكۈسىز بىپايان كەتكەن قويۇق قەدىمكى توغراق ۋە يۇلغۇن بىلەن ئورالغان. بۇنىڭدىن 3000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ياۋروپا قان سىستېمىسىدىكى ساكلار ئوت – چۆپ ۋە سۇ قوغلىشىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۇرگەن بولۇپ، ئۇلار بېشىغا ئۇچى ئۇچلۇق مالخاي، پۇتلىرىغا ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتەك كىيىپ، ئوقيالىرىنى ئېسىپ، ساداقلىرىنى يۈدۈپ، بۇ جايدا ياشاپ ئۆتكەن. ﻫازىر شۇ دەۋرگە ئائىت 100 دىن ئارتۇق قەبرە ساقلىنىپ قالغان. بۇ يېزا ئىگىلىك 3 – شى تۇمشۇق شەﻫىرى 49 – تۇەن(گەمىلىك مەيدان بازىرى) نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يەرلىك خەلق ‹‹ سۇلتانىم مازىرى ›› دەپ ئاتايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەفراسىياپ ( ئالىپ ئەرتۇڭئا) نىڭ ئوغلى مۇشۇ يەرگە دەپىنە قىلىنغانمىش.
قۇملۇق قەدىمكى قەلئەسى: توققۇز ساراينىڭ غەربتىن شەرققە سۈزۈلغان كەڭ زېمىنىدا يەنە ‹‹ چوڭ تىم ›› ، ‹‹ زەي تىم ››، ‹‹ قوشماق تىم ›› ، ‹‹ يالغۇز تىم ›› ، ‹‹ مارجانلىق›› قاتارلىق ئون نەچچە شەﻫەر خارابىسى بىر – بىرىگە تۇتاشقان ﻫالدا ساقلىنىپ قالغان. قەلئە ئەتراپىدا قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئاﻫالىلەرنىڭ مەﻫەللىلىرى، ئېرىق – ئۆستەڭ، ئېتىز قىرلىرى، قەدىمكى يىپەك يولى ۋە تۈرلۈك پىشىشقلاش مەيدانلىرى خېلى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يىل دەۋرى مىلادى 618 –، 1279 – يىللارغا توغرا كېلىدۇ. 1999 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى›› دەپ ئېلان قىلىنغان.
مىڭ يىللىق مازارلار: يېزا ئىگىلىك 3 – شى تۇمشۇق شەﻫىرى 50 – تۇەن(مازار خوجا) تەۋەسىدە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مازار خوجا، سائادەت بەگ، غازى بەگ قاتارلىق ئۈچ مازار بار بولۇپ، مازار خوجا مازىرى 1684– يىلى ياسالغان، قالغان ئىككىسى15 –، 16 – ئەسىرلەردە ياسالغان.
قەدىمكى يېزىقلار: توققۇز ساراي زېمىنىدا ياشىغان قەۋملەر مىلادى 3 – ئەسىردىن 8 – ئەسىرگىچە سانسكرىت يېزىقى، 4 – ئەسىردىن 8 – ئەسىرلەرگىچە توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى (ساكلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 20 – ئەسىرلەردە تۇمشۇقتا ئولتۇراقلىشىپ ئىشلەتكەن)، قەدىمكى ئۇدۇن يېزىقى، مىلادى 6 – ئەسىردىن 9 – ئەسىرلەر ئارلىقىدا تۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى ( مىلادى 3 – ئەسىرلەر ئەتراپىدا)، ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، ئەرەب – پارس يېزىقى ( 1958 – يىلى توققۇز ساراي قەدىمكى شەﻫىرىدىن مىلادى 1109–، 1110 – يىللىرى ئەتراپىدا ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان بىر پارچە قول يازما توختامنامە، ﻫۆججەت تېپىلغان) قاتارلىق يېزىقلارنى ئىشلەتكەن. دېمەك، بۇ يەردىكى قەۋملەر ﻫەرخىل تارىخىي باسقۇچلاردا مۇناسىپ يېزىقلارنى قوللانغان.
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 10:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ يەرلەرنى بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن..يىڭىدىن پەيدا بولغان شەھەر ئوخشىمامدۇ
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
223 
تېما
22 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-15 13:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇ يەر ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئارال ئوخشىمامدۇ؟؟؟
بارلىقىم ئاتا-ئانام ئۈچۈن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.