يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرجىمىسى
ئابدۇغېنى رەجەپ
بىلىم ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى شەيئىلەر ئارقا -ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد، سىياسەت، پەن - تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يېڭى سۆز - ئاتالغۇ كۆپەيدى. يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن سۆز - ئاتالغۇغا جاۋاب بېرىش كونكرېت تەرجىمە ئەمەلىيىتىدىن ئېيتقاندا ئوڭاي ئەمەس. چۈنكى، تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ «يېڭى» ۋە «كونا» لىقىنى بەلگىلەش مۇھىم بىر مەسىلە. ئالايلۇق، «يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار لۇغىتى» غا كىرگۈزۈلگەن «دېھقانلار جەمئىيىتى»، «قوشۇمچە يېمەكلىكلەر»، «خەلق كوممۇنىسى» دېگەن سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى سۆزلەر، بەزىلىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى سۆزلەردۇر، ئەمما، لۇغەت تۈزگۈچىلەر بۇلارنى «يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار» دەپ لۇغەتكە كىرگۈزگەن.
تەرجىمە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ‹‹يېڭى سۆز - ئاتالغۇ›› دېگىنىمىز مەلۇم بىر ۋاقىت بۆلىكىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان، لۇغەت تەركىبىدە يوق سۆز - ئاتالغۇلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقاچقا، يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان يېڭى سۆز - ئاتالغۇ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى. «يېڭى» بىلەن «كونا» سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ پەرقىنى ۋاقىت بويىچە ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: «نانومېتىر تېخنىكىسى»، «ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش»، «تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇش»، «ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىن بولۇش» قاتارلىقلار يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن سۆز - ئاتالغۇلاردۇر.
يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك.
توغرا چۈشىنىش، توغرا ئىپادىلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش تەرجىمنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى. يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلىش تەرجىمدىكى مۇھىم ھالقا. يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشى ــــ مۇھىمى يېڭى سۆز - ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلىگەن ئىچكى مەنىسىنى تولۇق توغرا تەرجىمە قىلىشقا باغلىق. شۇڭا، يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى چوقۇم توغرا قىلىش كېرەك.
2. سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئىخچام، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار «يېڭى» بولغاچقا، ئىشلىتىش دائىرىسى جەھەتتە بەزى پەرقلەرگە ئىگە. يېڭى سۆز - ئاتالغۇلاردىن ئىخچام، ئۇقۇملۇق، ئۆزلىشىشچان، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن بولغانلىرى خەلق ئارىسىدا تېزلا ئومۇملىشىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ۋە ئىشلىتىش قېتىم سانى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئىخچام، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك.
3. يېڭى سۆز - ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلغاندا سۆز ياساش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
قىسقىسى، يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار تەرجىمىسى مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بىر بۆلىكى، شۇنداقلا قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك تەتقىقات قىلىدىغان تېما بولۇپ، يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار تەرجىمىسى مىللىي تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، تەرجىمە ئورۇنلىرى، تەرجىمانلار ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، بېكىتىش، ئېلان قىلىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يېڭى سۆز - ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنىڭ توغرا، تېز، قېلىپلاشقان بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن |