ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تىياتىر ۋە ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى
كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 2
go

تىياتىر ۋە ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
486 
تېما
244 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 12:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تىياتىر ۋە ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى



تۇغلۇق تۇرسۇن



تىياتىر ــــ بىر خىل ئۇنىۋېرسال سەھنە سەنئىتى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن سەنئەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇزىكا ئامىلى، ئارتىسنىڭ سۆزى ۋە ناخشىسى، سىرتتىن بېرىلگەن ئاۋاز، ئۇسسۇل ئامىلى، ئارتىسنىڭ ھەرىكىتى ۋە قىياپىتى قاتارلىقلارنىڭ تىياتىردىكى رولى ۋە ئورنى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇلار ئورگانىك بىرىكىپ سەھنىدە ئوبراز يارىتىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.


تىياتىر باشقا سەنئەت ژانىرلىرىغا ئوخشاشلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنكاس قىلىدۇ. ھەر بىر تىياتىر ئەسىرىگە ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىق تەرىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دەۋر ئۆزگەرسە، تىياتىر تېمىسى ۋە ئۇسلۇبىدا ماس ھالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. تىياتىر دىراماتورگ، رېژىسسور، ئارتىس، سەھنە لايىھەلىگۈچى، مۇزىكا، كىيىم لايىھەلىگۈچى قاتارلىق خادىملارنىڭ ئورتاق ئەمگىكى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.


تىياتىر دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تارىخىي تىياتىر ۋە ھازىرقى زامان تىياتىرى، ئىپادىلەش شەكلىگە قاراپ دىراما، ئوپېرا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، مۇزىكىلىق تىياتىر، زىددىيەت توقۇنۇشىنىڭ خاراكتېرى، ئىپادىلەش ماھارىتى، تاماشىبىنلارغا بەرگەن تەسىرىگە قاراپ كۆپ پەردىلىك ياكى بىر پەردىلىك تىياتىرغا بۆلۈنىدۇ.


ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، «غېرىب - سەنەم»، «تاھىر - زوھرا»، «تاشۋاي» قاتارلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرى خېلى بۇرۇنلا سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، خەلقىمىزنىڭ سەنئەت مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغانىدى. بىر مەھەل گۈللەنگەن ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن كېيىن ئاستا- ئاستا چېكىنىشكە باشلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا دىراما ئىجادىيىتىمۇ تەدرىجىي ئاجىزلاپ كەتتى. بۇنداق ئاجىزلىشىش تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ مېنىڭچە، تېمىنىڭ تارلىقى، ئىزدىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئىجادىيەتنىڭ كەمچىلىكى بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىشكە بولىدۇ.


دىراما يېزىۋاتقان بەزى بىر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دىراما سەنئىتىگە، دىراما ئىجاد قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۈزەكىيلىكىدىن يېزىلىۋاتقان، ئوينىلىۋاتقان دىراما ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.


تىياتىر سەنئىتى ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا، شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە، ئۇيغۇرلار «مايتىرى سىمىت» تىياتىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئوينىغان زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى، ئېتىقاد، ئەخلاق قاراشلىرىنى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنى مۇشۇ ژانىر ئارقىلىق تەسىرلىك، ئوبرازلىق، سىمۋوللۇق تۈستە ئىپادىلەپ ھەم ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ كەلگەن، شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىياتىر ئىجادىيەتچىلىرىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە ئىشىنىمەن.



ئاپتور: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىدىن



مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 14:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تىياتىرغا بەك ئامراق ماڭا بەك قىززىق تۇيۇلۇدۇ بۇ تېمىنى ئەۋەتىپ ياخشى قىپسىز رەخمەت قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

توردا
925سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1184 
تېما
120 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-18 14:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ ھازىر تازا تايىنى قالمىدىمۇ قانداق ؟

تۇركىيەنى دورۇپ باقسا بۇلاتتى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.