- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-10-17
- تىزىملاش
- 2010-10-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 0سائەت
- جۇغلانما
- 31
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 59
- تېما
- 58
- توردا
- 0سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 59
- تېما
- 58
|
دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەردە رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇرلاردىمۇ رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ھەققىدىكى ئىدىيىۋى چۈشەنچىلەر بولغان ، بۇ خىل چۈشەنچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا ئاق ، كۆك ، قىزىل ، قارا رەڭلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرغان .1 . كۆك رەڭ كۆك رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئۇلۇغلىنىدىغان مۇھىم رەڭلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ئوغۇزخان ئېپوسىدا ئوغۇز خاقاننىڭ بەزى تەسۋىرىرلىرىدە كۆك سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ .يەنە مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى دىمۇ : كۆك ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ھىممىتى بىلەن ، مەن ئۆز خەلقىمگە ھۆكۈمران بولدۇم دېگەن مەزمۇن ئۇچرايدۇ .تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ھۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە كۆك ئاتلىق قوشۇن ھەرقانداق جەڭلەردە شەرق تەرەپتە ( سەپنىڭ ئالدىدا) جەڭ قىلاتتى . چۈنكى ، كۆك ئاتلىق قوشۇن ئەڭ كۈچلۈك . غالىپ قوشۇن دەپ قارالغان . ئادەتتە سەپ تۈزگەندىمۇ كۆك ئاتلىق قوشۇنلار سەپنىڭ ئالدىغا تۇراتتى . ھازىرقى شامانلارنىڭ پېرە ئويۇنى دىمۇ كۆك رەڭلىك رەختتىن ياسالغان كۆك تۇغ پېرە ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ شەرقىي تېمىغا قادىلىدۇ . ئەمما ، شامانلارنىڭ پېرە ئويۇنى دىكى كۆك رەڭ تەرەپ ئىلاھى ( شەرق تەرەپ) نى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار قەبرە بېشىغا قاداپ قويىدىغان تۇغلار تەركىبىدىمۇ كۆك رەڭلىك تۇغلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ .2 . ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ھۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە ئاق بوز ئاتنىڭ غەرب تەرەپتە سەپ تۈزىدىغانلىقى مەلۇم . ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە ، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ئاق ئات ئۇلۇغلىقى ھەققىدىكى بايانلارمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ( مۇنبەردە ئاق ئاتنى ئۇلۇغلاش ئادىتى ناملىق يوللانما بار بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز ، ئايچىۋەر ) شامان يەنە پېرە ئويۇنى ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ غەربىي تېمىغا ئاق رەختتىن ياسالغان ئاق تۇغنى قاداپ ، تەرەپ ئىلاھىنى ئىپادىلەيدۇ ..ئەمما ئادەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىرى ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ ، ساپلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بۇ خىل قاراش شامان دىنىدىكى ئاق رەڭ چۈشەنچىسىدىن نىسبەتەن كېيىن پەيدا بولغان . يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاق رەڭ --- پاكلىق چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىنغان . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭ --- غەلىبە ، يورۇقلۇقلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .3 . قىزىل رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە قىزىل رەڭ باشقا رەڭلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار توي مۇراسىمىدا يىگىتنىڭ بېلىگە توي پوتىسى باغلايدۇ . قىزغىمۇ قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيدۈرىدۇ . ئۇندىن باشقا يېڭى ئۆي سالغاندا ، ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتىن بۇرۇن خار ياغاچقا قىزىل رەختنى باغلاپ ، ئاندىن خارنى تامنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق ئادەت دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇچرايدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە شامانلار پېرە ئويۇنى دا ئۆينىڭ جەنۇبىي تېمىغا قىزىل رەڭلىك تۇغ قادايدۇ .تارىخىي مەنبەلەردە ھۇن قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىل تورۇق ئات مىنگەن قوشۇن جەنۇب تەرەپكە سەپ تۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . شىمالىي يايلاقتىكى ئەجدادلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ياشاش شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇب تەرەپ ئىسسىق بولۇپ ، جەنۇب تەرەپنى ئىسسىقلىق تەڭرىسىنىڭ ماكانى دەپ قارىغان .ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، قىزىل رەڭ -- ئوت ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، قىزىل رەڭنى ئۇلۇغلاش ئوت ئىلاھى غا چوقۇنۇش ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . شامان دىنىدا يەنە ئوت ئەڭ پاك دەپ قارالغان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپكى پاكلاش پائالىيىتى ئوت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان . بۇ مەنىدىن قارىغاندا ، ئوت - پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان . ئەمما ، ھازىر كىشىلەر ئوتنى خوشاللىق ، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ .4 . قارا رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، يامان روھلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشايدۇ ، ئۇلار كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ . بۇ خىل چۈشەنچە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتىنى چەكلىشى ، ئەجدادلارغا قورقۇنچ ئېلىپ كېلىشى ئۇلاردا ئازاب ئېڭىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئىپتىدائىي ئەجدادلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىسىنى يېڭىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن قارا رەڭ تەدرىجىي ھالدا قاراڭغۇلۇقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئەجدادلارنىڭ قايغۇ ، ئازاب ھېسسىياتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان . يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازاب ئېڭىنى قارا رەڭ بىلەن ئىپادىلىگەن . گەرچە قارا رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ، كىيىنىش ، تىل ئادەتلىرىدە يەنىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇرۇق - تۇققان ، قان - قېرىنداشلىرى ئۆلۈپ كەتسە ، قارا كىيىم كىيىپ ، ھازا تۇتىدۇ . ئادەتتە ھازا تۇتۇش نى قارىلىق تۇتۇش دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا قارا باستى ، قارا نىيەت ، قارا كۈنلەر ، بەختى قارا...... دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىلەر بار بولۇپ ، بۇ ئىبارىلەردىكى قارا سۆزىمۇ يامانلىق ، بەختسىزلىك ، دەرد - ئەلەم دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ
|
|