ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مەدىنىيەت ۋە تارىخ › ياغاچ قىرمىچىلىقى
كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 2
go

ياغاچ قىرمىچىلىقى

توردا
113سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
3 
يازما
138 
تېما
65 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 12:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياغاچ قىرمىچىلىقى



قىرمىچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ھۈنەر–سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
خەلقىمىزنىڭ قىرمىچىلىقى ئاساسەن قوشۇق ، قەدەھ، ، خونچا ئاياق (ياغاچ لىگەن)، ئاياق ، چۆمۈچ ، كاساڭ ، تەڭنە ، چاق ، يىك ، سۈرگۈچ ، پوزا ، دۈشە ، نوغۇچ ، سوغا ، مۇشىت ،(پاختا ئاتىدىغان)،ھاۋانچا ، ھويلا –ئىمارەت ۋادەكلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، بۇرۇنلا شۆھرەت قازانغىنى قوشۇقچىلىق سەنئىتى.
خەلقىمىز بۇ خىل ھۈنەر–سەنئەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا كەسىپ قىلغان.
قىرمىچىلىق كۆپ خىل بولۇپ ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكا تەلىپى ، كېرەكلىك ياغاچ ماتېرىيالى ، ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى بار . كاساڭ ، ئاياق ، تەڭنە خاس ھاڭگا تېرەكنىڭ غولى توم ھەم قاتتىق بولغاچقا ، ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ چىدامچانلىقى يۇقىرى بولۇپ ، ئىككى –ئۈچ ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . سوغا ، دۈشە ، چۈمۈچ قاتارلىقلار ئادەتتىكى تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . سۆگەت ، ئۈجمە ، ياڭاق ، توغراق ، ئۈرۈك ياغىچىدىنمۇ بۇ خىل بۇيۇملارنى ياساشقا بولىدۇ . مۇشت مەخسۇس چىلان ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ئاياق ئادەتتە چىنە رولىنى ئوينايدۇ . چۈمۈچ ئاش – تائام ئۇسۇشقا ، كاساڭ خېمىر يۇغۇرۇشقا ،بەزى چوڭ تەڭنە كىر يۇيۇشقا ، مۇشت كىگىزچى ، پاختىچى ئۇستىلارنىڭ يۇڭ ، پاختا ئېتىشىغا (زەيگە ئۇرۇشقا)ئىشلىتىلىدۇ . يىكنى مەخسۇس يۇلغۇن شېخىدىن ياسايدۇ . يىك ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئىنسانلار پاختىدىن يىپ چىقىرىپ ئاددىي ماتا توقۇشنى باشلاش بىلەنلا چاق بىلەن يىك ياسالغان .
خەلقىمىزنىڭ قوشۇمچىلىق سەنئىتى خاس شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلگىمۇ داڭلىقتۇر . تارىختىن ھازىرغىچە چەت ئەللەرگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان كىشىلەر ياغاچ قوشۇقنى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىشىدۇ.






شىنجاڭ گېزىتىدىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 13:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالغۇلۇق ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-12 13:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋالدۇق،
يەنە مۇشۇنداق قەدىكى ماتىرىياللار بولسا تەمىنلەپ تۇرغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:24

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.