ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ‹‹مەشرەپ›› ب د ت نىڭ ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان ...
كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 7
go

‹‹مەشرەپ›› ب د ت نىڭ ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيە

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
291 
تېما
81 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 12:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

‹‹مەشرەپ›› ب د ت نىڭ ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى›› گە كىرگۈزۈلدى

يەن رۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، 15 – نويابىر نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ‹‹مەشرەپ››نى ب د ت ئاپپاراتىنىڭ 2010 – يىللىق ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈش ماقۇللانغان.

‹‹مەشرەپ›› شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كەڭ تارقالغان، رايون ياكى رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مەشرەپنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرى، مۇقام، خەلق ناخشىسى، ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، دراما، سېرك، ئويۇن ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت بۇشلۇقى، ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت، مىللىي قائىدە – يوسۇن، مەدەنىيەت – سەنئەت قاتارلىقلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ۋە ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم سورۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام، مىللىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

ئۇقۇشىمچە، ‹‹مەشرەپ›› ئاپتونوم رايونىمىزدىن ب د ت نىڭ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگەن تۇنجى تۈر ئىكەن.

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ ... ياخشى تېمىللىرىڭىز مۇنبەر يۈزىدە داۋاملىق نۇر چاچسۇن ! ...

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
353 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئىش بوپتۇ

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1220 
تېما
186 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ياخشى خەۋەرىنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە رەخمەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
291سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
738 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 20:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھېيت-ئايەمدە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق ئىش بولماس،رەھمەت سىزگە~~

توردا
207سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
308 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 03:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ب د ت تەرەپتىن «مەشرەپ»نى قوغدىسا نىمىدىگەن ياخشى .دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىنى قوغدايدىغان ئىشكەنغۇ . بۇنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم .

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 11:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ جىددى دىگەن گەپنى قانداق چۈشەنسەك بولار ؟...

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-20 22:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
sansiz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-19 12:49
ئۇقۇشىمچە، ‹‹مەشرەپ›› ئاپتونوم رايونىمىزدىن ب د ت نىڭ‹‹جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى››گە كىرگەن تۇنجى تۈر ئىكەن.
بۇ قانداق گەپ. مۇقام ئاللىقاچان تىزىملىككە ئەمەس رەسمىي مەدەنىي مىراسقا ئايلىنىپ بولغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughraxan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-20 22:17

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:24

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.