- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-24
- تىزىملاش
- 2010-2-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 114سائەت
- جۇغلانما
- 1167
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 282
- تېما
- 176
- توردا
- 114سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 6
- يازما
- 282
- تېما
- 176
|
ئەرمەنىيە
ئەرمەنلەر خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق بولۇپ دۇنيا بويۇچە 5 مىليون نوپوسى بار. ئەرمەنىيەنىڭ ئۆزىدە 3 مىليون ئەرمەن ئولتۇراقلاشقان. يەر مەيدانى 29.800 كم2.
ئەرمەنلەرنىڭ قەدىمقى تىلى ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ شىمالى فارس تىل تارمىقىغا تەۋە تىل بولۇپ ھازىر كۆپرەك گىرىك تىلىنىڭ تەسىرى بار.
ئەرمەنلەر 1917-يىلى ئەڭىليە ۋە روسىيەنىڭ ياردىمىدە ئەرمەن دۆلىتى قۇرغان بولۇپ 1922- يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا كىرگەن. 1991- يىلى مۇستەققىل بولغان.
ئەرمەنلەر تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتى، گىروزىيەنىڭ باتۇمى ئاپتۇنوم رايۇنى ۋە ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى ئۆزىگە قوشۇپ بىۋاستە قارا دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان ئەرمەن دۆلىتىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.
ئەرمەنلەر 1989- يىلى سوۋىت ئىتپاقى روس قوشۇنلېرىنىڭ ياردىمىدە ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى بېسىۋالغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا 200 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەربايجان شىھىت بولغان ۋە بىر مىليوندىن ئۇشۇق ئازەرى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
ئەرمەنلەر ئوسمان تۈركلېرى 1915- يىلى 1.5 مىليون ئەرمەننى ئاممىۋى قىرغىن قىلغان دەپ قارايدۇ. ھەم ياۋرۇپا ۋە ئامىركادىكى ئەرمەن تەشكىلاتلېرى ۋە خىرىستان كۈچلېرىنىڭ ياردىمىدە دۇنيادا 39 دۆلەت بۇ ئاتالمىش " ئاممىۋى قىرغىن"نى ئېتىراپ قىلغان. تۈركىيە بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. تۈركىيەنىڭ قارىشىچە 1915- يىلى ئارمەنلەر ئۇرۇسلارنىڭ ياردىمىدە تۈركىيەنىڭ كافكازدىن چىكىنگەن نۇرغۇن پۇقرالېرىنى قىرغان ھەم تۈركىيەنىڭ كارس رايۇنىدا تېنچ پۇقرالاردىن نەچچە يۈزمىڭنى قىرغىن قىلغان شۇڭا ئوسمان ئارمىيەسى ئەرمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىككىلا تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەن. بۇ ئاممىۋى قىرغىن ئەمەس بەلكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى دەيدۇ.
تۈركىيە تارخ قۇرۇمىنىڭ سابىق باشلىقى پىرافىسور يۈسۈپ ھالاجوغلى ئوسمانلى، بىرلەشكەن مىللەتلەر(دۆلەتلەر) تەشكىلاتى، ئامىركا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، روسىيە ۋە ئەڭىليەنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئارخىپلېرىنى تەكشۈرىش ئارقىلىق شۇ 1915- يىلى ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئومومى سانى 47 مىڭ، ھەرگىزمۇ ئەرمەنلەر ئېيتقاندەك 1.5 مىليون ئەمەس دەيدۇ. بۇ 47 مىڭ ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەرمەنلەرنى تۈركىيەنىڭ باشقا جايلېرىدىن تۈركىيەنىڭ شەرقىگە كۆچىرىش جەريانىدا تۈرلىك قاتناش قازالېرى، كىسەللىك، ئاچارچىلىق قاتارلىقلاردىن 37 مىڭى ئۆلگەن، يەنى 8.5 مىڭ ئەرمەن يولدا مۇسۇلمانلارنىڭ زەربىسىدە ئۆلگەن، يەنە 1.5 مىڭ ئەرمەننىڭ ئۆلىمى ئېنىق خاتىرلەنمىگەن دەيدۇ.
تۈركىيە ئەرمەن قىرغىنلىقىنىڭ ئەكسىچە شۇ چاغدا ئەسلى تۈرك قىرغىنى يۈز بەرگەن دەيدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا ئەرمەنلەر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلېرىدا ياۋرۇپا قوشۇنىغا ماسلىشىپ تۈرك پۇخرالارغا ھۇجۇم قىلىپ 122 مىڭ مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كىيىن 1915- يىلى ئەرمەنلەرنى كۆچىرىش باشلانغان، كۆچىرىش باشلانغاندىن كىيىن 1915- يىلدىن 1920- يىلغىچە ئەرمەنلەر چەتەل كۈچلېرىنىڭ ياردىمىدە يەنە 410 مىڭ مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن، كافكاز ئۇرۇشىدا تۈركىيە روسىيەگە يېڭىلگەندىن كىيىن كافكازدىن چىكىنگەن 1 مىليون مۇسۇلماننىڭ 700 مىڭى تۈركىيەگە ساق كېلەلىگەن قالغان 300 مىڭ مۇسۇلمان يولدا ئەرمەنلەر ھۇجۇمىدا ئۆلگەن دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1918- يىلى ئەرمەنلەر ھازىرقى ئازەربايجان باشكەنتى باكۇنى بېسىۋېلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئازەرى تۈركىنى ئۆلتۈرگەن، يېقىنقى ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان ئەرمەنلەر ھازىرقى ئەرمەنىستان دىگەن دۆلەت زىمىنىدىكى 2 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنىڭ كەنتلېرىنى ۋەيران قىلىپ 1.5 مىليون ئازەرى تۈركىنى ئانا يۇرتلېرىدىن قوغلاپ چىقاردى ۋە يېرىم مىليون ئازەرى تۈركىنى ئۆلتۈردى. 1989- يىلدىن 1993- يىلغىچە ئەرمەنلەر ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى بېسىۋېلىپ 200 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنى ئۆلتىردى ۋە 1 مىليوندىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنى ئانا يۇرتلېردىن قوغلاپ چىقاردى. ھازىرقى قەدەر ئازەربايجاننىڭ 20% زىمىنىنى بې سىپ يېتىپتۇ دەيدۇ.
ئەرمەنلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى ئىتپاقداش دۆلىتى روسىيە بىلەن ئىراندۇر. ئەرمەنىيەنىڭ ھازىرقى مالىيە مەنبسىنىڭ 70% ئەرمەنىستاندىكى روسىيە شېركەتلېرىدىن كېلىدۇ. روسىيە يىلىغا ئەرمەنىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈچۈن بىر مىليارد دوللارلىق قۇرال ياردەم قىلىدۇ.
ئەرمەنلەرنىڭ يەنە بىر ئىتپاقدىشى ئىران. روسىيە – گۈرجىستان ئۇرۇشىدىن كىيىن روسىيەنىڭ گۈرجىستان ئارقىلىق ئەرمەنىستانغا كىرىدىغان ياردىمى ئۈزۈلىپ قالغاندىن كىيىن ئىران ئەرمەنىستانغا نېفىت، تەبى گاز، يىمەك ئىچمەك قاتارلىق ياردەملەرنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەرمەن باشقانى ساركاسيان ئىراننى زىيارەت قىلغاندا ئەرمەن- ئىران نەچچە ئون مىلياردلىق سودا توختامى ئىمزالىدى ھەم ئەرمەنىستانغا 4 يۈز مىليون ئامىركا دوللار ياردەم قىلدى. 200 مىڭ نوپوسلۇق ئىران ئەرمەنلېرىنىڭ تىلىگە ئىراننىڭ ئىككىنچى دۆلەت تىلى مۇقامىنى بەردى. لېكىن ئىران نوپوسىنىگ 35 مىليوننىنى ئىگەللەيدىغان، ئىراندا مىڭ يىلدىن ئۇشۇق ھاكىميەت بېشىدا ئولتۇرۇپ سالجۇق، سەفەۋى، قاچار قاتارلىق دۆلەت ۋە ئىمپېريەلەرنى قۇرغان ئازەرى تۈركلېرىگە بىرەر ئانا تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قويمىدى ۋە ئانا تىلىدا سۆزلەشكە يول قويمىدى.
ئەرمەنلەرنىڭ چەتەللەردىكى ئەڭ كۈچلىك تەشكىلاتلېرى يىغىلغان دۆلەت ئامىركا بولۇپ بۇلتۇر ئامىركا سايلىمىدا ئوباما ئەرمەن تەشكىلاتلېرىغا ئەگەردە مەن سايلامدا غەلبە قىلسام 1915- يىلدىكى ئەرمەن قىرغىنىنى ئېتىراپ قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بۇ يىل ئوباما تۈركىيە سەپىرىدە تۈركىيەنى قاراباغ سوقۇشىدىن بۇيان تاقالغان تۈركىيە- ئەرمەنىيە چىگراسىنى ئېچىشقا قىستىدى. ھەم تۈركىيە بىلەن ئازەربايجان ئوتتۇرسىدا چوڭ ئىختىلاپ پەيدا قىلدى.
مەنبە: ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىكى غالىپ ئەلقۇت بىلوگى(http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog)دىن ھازىقى زامان كونا يىزققا ئۇيغۇرچىلاشتۇۇلۇپ يوللاندى
|
|