ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تۇرپان تېكىستلىرى
كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 2
go

تۇرپان تېكىستلىرى

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 01:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۇرپان ۋەسقىلىرى


بۇ ۋەسىقىلەرنى تۇرپان شەھەر ئاستانە يېزىسىدىن ئىبراھىم رەھمىتۇللا ۋە ئابلەت ئىسمايىل قاتارلىقلار ساقلاپ كەلگەن بۇ ۋەسىقىلەر چاغاتاي يېزىقىدا خەتتى تەئلىق شەكلىدە يېزىلغان. ۋەسىقىلەر ئاساسەن ياخشى ساقلانغان بولۇپ، يەر - زېمىن سېتىۋېلىش - سېتىش، ئىجارە بېرىش - ئېلىش، قەرز قايتۇرۇش - تاپشۇرۇپ ئېلىش، مىراس بۆلۈشۈش، بالا بېقىۋېلىش، خەت - ئالاقە قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەسىقىلەر ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى. نەشرگە تەييارلاشتا نومۇر قويۇلدى.(1 - ھۆججەت)تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك سەككىز. مىنگونىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى يىلى ئىككىنچى ئاي. مەنكى لاڭفۇ گۇڭشاڭدىكى مۇھەممەت باقى ھاجىنىڭ ئوغلى سېتى ئاخۇندۇرمەن. ئىقرار قىلدىمكى، ئىنىم سەيدۇل ئاخۇندىن سېتىۋالغان گۇڭشاڭ تۆۋەن كارىزدىكى مەزكۇر ئىككى ئېغىز ئۆينى كۈن چىقىش تەرەپكە ئۇدۇل ئارلىقلىرى ۋە ئارقىدىكى قوتان بىلەن قوشۇپ ۋە يەنە ئاتا مىراس ئۆزۈمگە تەۋە بولغان بىر كۈرىلىك قۇرۇق يېرىمنى قوشۇپ زېمىنلىق قىلىپ ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ياقۇپ ئاكامغا ئاتمىش تۈمەن سەر پۇلغا ساتتىم. مەزكۇر پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھەققىم قالمىدى.مەزكۇر ئۆيلەرنىڭ چېگرىسى: شەرق تەرىپى، بىر قىسمى مۇشتەرىنىڭ جايى ۋە بىر قىسمى مەنكى زېمىن ساتقۇچى سېتى ئاخۇننىڭ جايى، پاسىلى تام.شىمال تەرىپى، مەنكى سېتى ئاخۇننىڭ يېڭى سوقمامغا تۇتاش. غەرب تەرىپى، كونا تىلمىغا تۇتاش. جەنۇب تەرىپى، يول.قۇرۇق يەرنىڭ چېگرىسى: شەرق تەرىپى، مەزكۇر قوتاننىڭ تېمىغا تۇتاش. شىمال تەرىپى، تىلمىغا تۇتاش. غەرب تەرىپى، كونا تىلمىغا تۇتاش. جەنۇب تەرىپى، يول.ئۆيلەرگە ئارلىقنىڭ تۆرە تېمىدىن ئىشىك ئېچىپ ماڭىدۇ. بۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئۆي ۋە يەرلەر توغرىسىدا ئۇرۇق - تۇغقان، ئەۋلادلىرىمدىن بىرەرى چىقىپ دەۋا - دەستۇر قىلسا ئىناۋەتسىز بولۇپ، قايتۇرۇلىدۇ، دەپ شەرىئەت مۇھرىنى باستۇرۇپ بەردىم. بۇ ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردارلار: ئابدۇللا ھاجىم، راھىل ئاخۇن، بارات ئاخۇن، ھاسان باي، بارات ئاخۇن، ھەمدۇل ياقاڭ، ئابدۇقاھار ئاخۇنلاردۇر.(2 - ھۆججەت)تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش. مىنگونىڭ ئوتتۇز بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى، بىزلەركى گۇڭشاڭ چاڭشۈي.سېتى ئاخۇننىڭ ۋارىسلىرى - ئاياللىرى زىرىخان ۋە نىيازخان، ئوغۇللىرى سەيفۇل ئاخۇن، سەيدۇل ئاخۇن، ئابدۇرەھمان ئاخۇن، ئابدۇللاھ ئاخۇنلار، كىچىك ئوغۇللار ئابدۇلھىلىم ئاخۇن، ئابدۇلغەفۇر ئاخۇن، ياسىن ئاخۇنلارغا مەن ئابدۇرەھمان ئاخۇن ئىگە بولۇپ، (قىزلار رازىخان، زىبىرخان، ئانارخان، سەئىدخانلاردۇرمىز)، بىز ھەممىمىز دەرقەمتە تۇرۇپ، توختىخانغا بەرگەن تەقسىم خېتىمىز شۇكى، ئاتىمىزدىن قالغان يەر، سۇ، ھويلا - ئىمارەت، ئات - ھارۋا ۋە ئۆي، ئەشياكازالارنى تەقسىملەپ ئېلىش ئۈچۈن ھافىز ھاجى ئاخۇنۇم باشلىق بىرنەچچە ياخشىلارنى چاقىرىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ ياخشىلىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، ئاتىمىزنىڭ ئون تۆت دادەن بۇغداي قەرزى بار ئىكەن. ئات - ھارۋا ۋە بىرمۇنچە ئۆي - بىساتلاردىن چىقىرىپ مەزكۇر قەرزنى ئادا قىلدۇق. يەنە ئۈچ تۈمەن يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز يۈەنلىك ئۆي بىساتى ئېشىپ قالغانىدى. بۇ نەرسىلەردىن ئوغۇل - قىزلارغا تەقسىملىنىپ ھەرقايسىمىز ئۆز نەسىۋىلىرىمىزنى ئالدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەر - سۇدىن مەلۇم بولغىنى: تۆۋەنكى كارىزدا يىگىرمە بەش كۈن كۈزلۈك نۆۋەت ۋە ئون ئالتە كۈن يازلىق نۆۋەتلىك بىر پۈتۈن كارىز. بىر يۈرۈش ھويلا ۋە بىرمۇنچە دەرەخ. بەش يۈز ئون ئۈچ مو يەر.يۇقىرى كارىزدا يىگىرمە تۆت كۈن نۆۋەتتە ئون بىر يېرىم كۈن كۈزلۈك سۇ ۋە قالغىنى يازلىق سۇ. ئۇنىڭغا تەۋە بىر يۈز يىگىرمە مو يەر. بىر يۈرۈش ھويلا - ئىمارەتلەر. مەزكۇر نەرسىلەرنى ۋارىسلارغا تەقسىم قىلغاندا توختىخانغا تەيىنلەنگەن نەسىۋە شۇكى، يۇقىرى كارىزدا بىر يېرىم كۈنلۈك كۈزلۈك سۇ ۋە بىر كۈنلۈك يازلىق سۇ، ئون ئالتە مو يەر ۋە ئۆي. ئۇنىڭدىن باشقا توختىخاننىڭ چاتقال كۆنچى كارىز ئانا تەرەپتىن كەلگەن بىر ئاز يەر سۈيى ئاتىمىز ھايات ۋاقتىدا سېتىلىپ بۇ ئۆيدە خەجلىنىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن، يۇقىرى كارىزدىن چاڭشۈي يېرىم كۈنلۈك سۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەر بىلەن توختىخاننى رازى قىلدۇق. توختىخانغا تەقسىملەنگەن يەرنىڭ چېگرىسى:شەرق تەرىپى، كىچىك قىزلارغا تەقسىملەنگەن يەر فاسىلى ئارىلىق، شىمال تەرىپى، توغرا ئارىلىق. غەرب تەرىپى، باھائۇددىن ھاجىنىڭ كارىزى، فاسىلى يول. جەنۇب تەرىپى، ئەبرار ئاخۇنۇمنىڭ يېرى، فاسىلى يول.ۋە يەنە يېرىم كۈنلۈك جاڭشۈي سۇغا چىقىرىپ بەرگەن يەرنىڭ چېگرىسى:شەرق تەرىپى، كىچىك قىزلارنىڭ يېرى، فاسىلى ئارىلىق. شىمال تەرىپى، قۇم دۆڭ. غەرب تەرىپى، توختى ھاجىمنىڭ يېرى، فاسىلى قىر. جەنۇب تەرىپى، توغرا يول.توختىخانغا يەنە يۇقىرىقى كارىزدىكى ھويلىدىن بىر ئېغىز سامانلىق ئۆي ۋە بىر چوڭ قوتان، كۈن چىقىشقا ماڭىدىغان يولى بىلەن قوشۇپ ئۆي ئورنى تەقسىملەپ بەردۇق. مەخپىي قالمىغايكى، يۇقىرىقى كارىزدا تەقسىم قىلىنماي قالغان بىر كۈن كۈزلۈك ۋە يېرىم كۈن يازلىق قۇدۇق سۈيى ئوغۇل - قىزلارغا تەقسىملەنگەنىدى. ئوغۇللارنىڭ ھەربىرىگە ئىككى يېرىم سائەتتىن كۈزلۈك سۇ، قىزلارغا بىر سائەت ئون بەش مىنۇتتىن كۈزلۈك سۇ، يازلىق تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ يەر - سۇلارنىڭ ھەرقايسى يەر - سۇغا ئىگە بولغۇچى ۋارىسلار نەسىۋىمىزگە چۈشلۇق ئىشلىتىمىز. بۇندىن كېيىن بۇ توغرىدا بىر - بىرىمىزگە دەۋا قىلىشمايمىز دەپ خەت قىلىپ، شەرىئەت مۇھرىنى باستۇردۇق.گۇۋاھلار: ئەسئەدۇللاھ ھاجى داموللام، ئابدۇقەييۇم ئاخۇنۇم، ئابدۇللا ھاجىم، ھەمدۇل بۇجاڭلاردۇر.(3 - ھۆججەت)مىنگونىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى يىلى ئون بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى. مەنكى مەمەت باقى ھاجىمنىڭ ئوغلى سېتى ئاخۇندۇرمەن. ئىقرار قىلدىمكى مېھرئەنگۇزخان ۋە ئايشەمخاندىن ئالغان بىر يېرىم قىزلىق ئۆي زېمىنىمنى ياقۇب ئاخۇن ئاكامغا بىر يۈز ئون ئىككى يېرىم دوللارغا ساتتىم. مەزكۇر پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھېچقانداق ھەققىم قالمىدى. بۇ توغرىدا مەن ياكى مېنىڭ ئەۋلادلىرىمدىن بىرەرسى چىقىپ دەۋا قىلسا شەرىئەت ھۆكمى بويىچە قايتۇرۇلسۇن، دەپ خەت قىلىپ قولۇمنى بېسىپ بەردىم. مەنكى سېتى ئاخۇن.قۇربان ئاخۇن، ئىبراھىم ئاخۇن، ھەمدۇللا ئاخۇنلار شاھىددۇر.(4 - ھۆججەت)مەنكى ھۆججەت بەرگۈچى مۇتىۋەللى مۇھەممەد رەھىم ئاخۇندۇرمەن. شۇ توغرىدىن ھۆججەت بېرىمەنكى، سەلىم بەگنىڭ سەمەت يار ئاخۇننىڭ زىممىسىدىكى 32 - يىلىلىق ئىجارە ھەققى قالمىدى، دەپ قولۇمنى بېسىپ بەردىم.(5 - ھۆججەت)تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك يەتتە. مىنگونىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئون بىرىنچى ئاي، مەنكى لاڭفۇ گۇڭشاڭدىكى مەمەت باقى ھاجىنىڭ ئوغلى سەيدۇل ئاخۇندۇرمەن. ئىقرار قىلدىمكى تۆۋەنكى كارىزدىكى ھويلىدىن ماڭا تەگكەن ئىككى ئېغىز ئۆي، يېرىم ئارلىقنى ئارقىدىكى قوتان بىلەن قوشۇپ زېمىنلىق قىلىپ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئاغام سېتى ئاخۇنغا ئاتمىش تۈمەن سەرگە ساتتىم. مەزكۇر پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھەققىم قالمىدى. مەزكۇر زېمىننىڭ چېگرىسى:شەرق تەرىپى: بىر قىسمى ياقۇپ ئاكامنىڭ جايى، بىر قىسمى مۇشتەرىنىڭ جايى فاسىلى تام.شىمال تەرىپى: مۇشتەرىنىڭ سوقمىسى، غەرب تەرىپى، سوقما. جەنۇب تەرىپى، يول، بىر قىسمى قىزلارنىڭ ئۆيى. بۇندىن ئېتىبارەن بۇ سېتىلغان زېمىن توغرىسىدا مەن ياكى مېنىڭ ئەۋلادلىرىمدىن بىرەرى چىقىپ دەۋا - دەستۇر قىلسا ئىناۋەتسىزدۇر، دەپ خەت قىلىپ شەرىئەت مۇھرىنى باستۇرۇپ بەردىم. گۇۋاھچىلار: ئابدۇللا ھاجىم، ياقۇپ ئاكام، راھىل ئاخۇن، بارات ئاخۇن، ھاسان باي، ھەمدۇل ياقاڭ، مۇھەببەت قاھارلاردۇر.



ماقالە ئەسلى مەنبەسى

:
يۇرتىمىز تور بېكىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eldiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-1 01:06

توردا
200سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1399 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرپانلىقلار يوققۇ؟؟؟

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
36 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سۇ كەلگۇچە تۇغان سال دىگەن مانامۇشۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.