ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرىپن ...
كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 2
go

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرىپنىڭ بارلىققا كېلىشى

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
291 
تېما
81 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 12:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرىپنىڭ بارلىققا كېلىش قىسقىچە تارىخى ھەققىدە
(ئەسەت سۇلايمان)
7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دېنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان.شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دېنىغا دائىر دېنى دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى 26ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارىسلار ئۆزلەشتۈرگەن ژ، گ،پ قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى زال، ئىتقۇ،ئېزغۇ،ئېغىر ھ، سات، زات قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن.

بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1930يىللارغا كەلگەندە ئەسلىدىكى ئېلىپبەنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ماسلاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇلاھىزىلەر باشلانغان. 1956-يىلىدىن كېيىن ھازىر زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەپچىگە خاس بولغان ئەيىن قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىللە ڭ ھەرپىنى رەسمى بېكىتكەن. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ.

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 302-بېتىدىن ئېلىندى

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 12:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ بىلىۋىلشقا تىگىشلك بىلىملەرىكەن رەخمەت سىزىگە

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 17:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت، بۇنىڭىدىن كېيىن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى دىمىسەكمۇ ، ئۇيغۇر يېزىقى دىسەك بۇلا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.