قەدىمكى ئۇيغۇر قوللانغان ئىسىملار
( ئىسىملار ) _ ( مەنىسى ) ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۆڭۈلنى ئالغۇچى ئابىنچۇ قاتىن _ كۆڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى ئاتات _ تاي ، قۇلان ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت ئاتاي _ بالا ، باچكا ئاتلىغ _ ئابرويلۇق ، ئاتالغان ، مەشھۇر ، باشلىق ئاتىش _ ئېتىشماق ئاتمىش قارا _ ئاتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئاتىم _ مەرگەن ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز ئاچۇق _ ئوچۇق
ئاچىق _ چوڭ ئاكا ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چىۋەر ئادەم ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن ئارتۇن _ زىرە ( ئۆسۈملۈك ) ئارسلان _ شىر بالىسى ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى ئارغۇن _ ئارغىماق ئارقار _ ياۋا قوي ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىز ئارىغ _ پاكىز ، ساپ ئازغىر ( ئادغىر ) _ ئايغىر ئازۇق _ ئوزۇق ، يېمەكلىك ئازۇقلۇغ _ ئوزۇقلۇقى بار ئادەم ئازىغ _ ھوشيار كىشى ئاژۇن _ دۇنيا ، دەۋر ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان ) ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب ئاشان _ ھۈرمەتلەن ، غىزالان ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل ئاشاي _ غايە ، مەقسەت ئاغارلاغ _ ھۈرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئالقا _ مەدھىيىلىمەك ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە ئامساق _ ھەۋەس ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق ئاناچ _ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ ئاي _ ئاسماندىكى ئاي ئايۇق _ ئايىغۇچى ، قوغدىغۇچى ئايكۈن _ ئاي ۋە كۈن ئاي سىلىگ _ ئايدەك پاك ئايخان _ ئايدەك خان ئايتەڭرى _ تەڭرى : ئىسمى ، ئاي : سۈپىتى ئاي تۇغمىش _ ئايدىن تۇغۇلغان ئايتولدى _ ئايدەك تولغان
ئاي چەچەك _ ئايدەك چىرايلىق ( قىز ) ئەدگۈ ( ئەزگۈ ) _ ياخشى ، ئېسىل ، چىرايلىق ئەرەن _ يىگىت ، ئەركەك ، ئەر ئەر بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر ئەردەم _ ئەدەب ، ئەخلاق ، پەزىلەت ئەردەنى _ گۆھەر ، مەرۋايىت ، ئۈنچە ئەردەنى قاتىن _ گۆھەر خېنىم ئەرك _ ئەركىنلىك ، سەلتەنەت ئەركەچ _ تېكە ئەسەن _ ئېسەن ، ساق – سالامەت ئەسەن قارا _ بۈيۈك ساقلىق ، كاتتا ئېسەنلىك ئەكە _ ئۇكا ، سىڭىل ئەلكۈن _ خەلق ، قەبىلە ئەۋلىك _ خوجايىن ، ئۆيلۈك ، ئۆي ئىگىسى بابا _ بوۋا ، ئاتا باخشى ( باقشى ) _ ئۆگەتكۈچى ، موللا ، ئۇستاز ، دوختۇر بادۇر _ ئۆلچەن بارچا تۇرمىش _ ھەممىسى تۇرغان ، ھەممىسى تەل
بارچا تۇغمىش _ ھەممىسى تۇغقان بارس _ يولۋاس بارغۇت _ قەبىلە نامى بارغۇت كۈن _ بارغۇت : ئىسمى ، كۈن : سۈپىتى بارلىغ _ باي ئادەم بارمان _ دۆلەتمەن باسا تەمۈر _ تەمۈر ( تۆمۈر ) : ئىسمى ، باسا ( ياردەم ) : سۈپىتى باسمىل _ قەبىلە نامى بارسغان _ يولۋاستەك خان باسۇت _ ياردەمچى ، يۆلىگۈچى باشلاغ _ باشلىغۇچى ، باشلىق باقلان _ پاقلان بالتۇ _ پالتا بالىغ _ (1) شەھەر ، قەلئە ، (2) بېلىق باياغۇت _ دۆلەتمەن ، باي باي تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، باي : سۈپىتى بەدۈك _ بۈيۈك ، كاتتا ، يۈكسەك بەرك _ كۈچلۈك ، ساغلام بەكرىش _ مۇستەھكەم بەكتۇر _ چىڭ تۇر بەگ _ بەگ ، خان ، شاھزادە ، ئەركەك ، ئەر بەگى _ بەگدەك بەگ ئارسلان _ ئارسلاندەك ئەر بەگ بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر بەگلەن _ بەگ بول ، بەگدەك بول ، قابىل ئەر بولۇپ چىق بەگتاش _ تاشتەك مۇستەھكەم ئەر بەگ تەمۈر _ تۆمۈردەك بەگ ، تۆمۈردەك ئەر بەگلىك _ بەگ ئەۋلادى ، ئالىيجاناب بەگ تۇتۇق _ مەرتىۋىلىك ئەر بەگ تۇرمىش _ بەگدەك تۇرغان بوتۇق _ بوتىلاق بۇرخان قۇلى _ بۇدداھنىڭ قۇلى بۇغۇغ _ ئالىم ، دانىشمەن بۇرسلان _ قاپلان بۆرە تېگىن _ بۆرىدەك باتۇر شاھزادە بۇزاغۇ _ موزاي بۇغرا _ ئەركەك تۆگە بوغۇ _ بۇغا بۇقا _ بۇقا بۇقاخان _ بۇقىدەك كۈچلۈك خان بۇلاق _ (1) بۇلاق ، (2) قەبىلە نامى ، (3) ئېقىن دەريا
بۇلان _ بىر خىل ھايۋان ئىسمى بۇيان _ ساۋاب ، بەخت ، ياخشىلىق بۇيان قار _ بەخت ياغدۇرغۇچى قار بۇيرۇق _ ئەمەلدار بۆكە ( بۇكا ) _ (1) جەسۇر ، پالۋان ، باتۇر ، (2) ئەجدىھا ، ياۋۇز بۆكەخان _ باتۇر ، پالۋان خان بۆگۈ _ بىلىملىك ، ئەقىللىق بۆگۈ بىلگە _ ئەقىللىق ئالىم بۆگۈ خان _ دانىشمەن خان بۆگۈش _ ئەقىلدار ، دانىشمەن بىكە _ خېنىم بىگۇ _ ئەقىللىق بىلگە _ ئالىم ، دانىشمەن ، بىلىملىك بىلگە بەگ _ دانىشمەن بەگ بىلگە قاغان _ دانىشمەن خان بىلگە تۇتۇق _ بىلىملىك ، مەرتىۋىلىك ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ بىلگە ئەر _ بىلىملىك ئەر بىلگە قاتىن _ بىلىملىك مەلىكە
تابدۇ _ تاپار تاردۇش _ مەرتىۋە ، دەرىجە تارىقچى بەگ _ دېھقان يىگىت تاڭسۇق _ نەپىس ، قىممەتلىك ، كەم ئۇچرايدىغان تارخان _ خان ، بەگ تاش _ تاشتەك مۇستەھكەم تايۇق _ تۇيغۇن ، زېرەك تايانغۇ _ تايىنىدىغان ، ئىشىنىدىغان تايانچ _ تىرەك ، يۆلەك تەركەن _ خاقان ، پادىشاھ ، ۋىلايەت ھۆكۈمدارى تەكىش _ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى تەگىن ( تىگىن ، تېكىن ) _ (1) قۇل ، (2) شاھزادە تەگىن ئۈگە _ بىلىملىك شاھزادە تەمۈر _ تۆمۈر تەمۈر بۇقا _ تۆمۈردەك بۇقا تەڭىز _ دېڭىز تەڭىزخان _ دېڭىزخان تەڭرى _ تەڭرى ، ئىلاھ ، ئاسمان تەڭىرلى _ تەڭرىلىك ، خۇداگۇي ، مۆئمىن بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! تەڭرى تۇغمىش _ تەڭرى تۇغقان تەڭرىدە بولمىش _ تەڭرى ياراتقان توزۇن _ كېلىپ چىقىشى ياخشى ، ئېسىل ، ئوچۇق – يورۇق تورۇم _ بۇتا ( ھايۋان ئىسمى ) تورۇمتاي _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمى توسۇن _ مىنىلمىگەن ئات توغرۇل _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش توقىش _ جەڭ ، ئۇرۇش ، توقۇنۇش تولۇن _ تولغان ، تولۇق ، يېتىلگەن ، پۈتۈن تويزۇن _ يېزا ئاقساقىلى تويىن _ راھىب تويىن قۇلى _ راھىبنىڭ قۇلى تۇتۇق _ (1) مەرتىۋە ، (2) ئىدارە قىلغۇچى تۇتۇق ئەر _ (1) مەرتىۋىلىك ئەر ، (2) ئىدارە قىلغۇچى بەگ تۇتۇش _ كايىماق ، قاتتىق سۆزلىمەك تۇدۇش _ ئۇرۇش ، سوقۇش تۇدۇڭ _ باشلىق تۇرمىش _ تۇرغان ( ئورنىدىن تۇرغان ) تۇغمىش _ تۇغۇلغان ، ئەۋلاد تۇڭا _ قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان تۇڭاخان _ قاپلاندەك خان تۆلىك _ جاسارەت ، غەيرەت تۈركان قاتىن _ تۈرك خانىشى تۈزمىش _ تۈزۈلگەن ، توغرا ، قۇسۇرسىز تۈزۈن – تۈزۈتلۈك ، كەمتەر ، مۇلايىم تېتىك _ تېتىك ، جانلىق ، ماھىر تىگىن بەگ _ شاھزادە يىگىت چاغرى _ (1) لاچىن ، (2) بۈركۈت چاغرى بەگ _ بۈركۈتتەك ئەر چاۋىش _ يول ، تەدبىر ، تەدبىرچى چەبەر _ چېۋەر ، قابىل چەچەك ( چېچەك ) _ گۈل ، غۇنچە ، چېچەك چوغلۇق _ (1) نۇرلۇق ، ئىسسىق ، (2) بىر خىل گۈل ئىسمى چوبەن _ چوپان ، پادىچى چىگىل _ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى
چىگىل ئارسلان _ چىگىللارنىڭ ئارسلانى خان _ (1) خان ، ھۆكۈمدار ، (2) قان خانبابا _ خاندەك ئاتا راتنا _ ئۈنچە ، گۆھەر راتنا قار _ ئۈنچىدەك قار زەمۇران _ زۇمرەد ساچۇ _ چۇچا ( ياغلىق چۇچىسى ) سارسال _ سۆسەر ( بىر خىل ھايۋان ) سارمۇساق _ سامساق سارىغ _ سېرىق رەڭ سارىغ خان _ سارىغ : ئىسمى ، خان : سۈپىتى ساغۇن _ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان سالچۇق _ قەبىلە نامى سانگۈن ( سەنگۈن ، سانغۇن ) _ سەركەردە ، قوماندان سانمىش _ سانالغان ساۋ _ شۆھرەت ، خەۋەر سەۋۈگ _ سۆيگۈ سەۋىگ _ ئەزىز سەۋىگلى _ سۆيۈملۈك سەۋىنچ _ شادلىق سوغۇن _ تاغ تېكىسى
سۇنغۇش _ نەيزىۋازلىق سۇقاق _ بۆكەن ( ھايۋان ئىسمى ) سۇڭقۇر _ شۇڭقار سۆڭو _ خەنجەر ، نەيزە سۈپۈرگۈ _ سۈپۈرگە سىم _ كۈمۈش سىلىگ _ سىلىق ، پاكىز ، زېرەك ، مۇلايىم سىلىغ _ سىلىق ، مۇلايىم سىنان _ سىنالغان قابان _ تاۋاق قاپان _ قاۋان قاپلان _ يولۋاس قاتمىش _ قاتقان ، مۇستەھكەم ، چىڭ قاچڭار _ توشقان قارا _ (1) قارا رەڭ ، (2) پۇقرا ، خەلق ، مىللەت ، (3) ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ قاراخان _ پۇقرانىڭ خانى ، ئۇلۇغ خان قارا باقشى _ چوڭ ئۇستاز قارا بۇغا _ چوڭ بۇغا قارا تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى قارا تويىن _ چوڭ راھىب قارا قۇش _ بىر خىل چوڭ قۇش
قارۇغچى _ مۇھاپىزەتچى قارغىلاچ _ قارلىغاچ قارلۇق _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى قاسۇق _ مىق قاغان _ خاقان ، خان ، پادىشاھ قانتۇرمىش _ قاندۇرغان ، رازى قىلغان قاۋۇش _ كېلىشمەك ، ئۇيۇشماق قاۋشۇت _ كېلىشتۈر ، ئۇيۇشتۇر قاي _ قەبىلە نامى قاياق _ قايماق قەدىر _ قەيسەر ، كەسكىن قەيسەر _ رۇم شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى قورۇمچى ئوغۇل _ چوڭ ئوغۇل قوزى _ (1) قوزا ، (2) سۆيۈملۈك قۇرسۇز _ يۈز – ئابروي ، سالاپەت قۇنشى _ قوشنا قۇت _ بەخت ، دۆلەت قۇتادمىش _ بەخت كەلتۈرگەن قۇتلۇغ _ قۇتلۇق ، بەختلىك قۇتلۇغ بەگ _ بەختلىك ئەر قۇتلۇغ بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى
قۇتلۇغ بۇقا _ بۇقا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى قۇتلۇغ بىلگە قاغان _ بەختلىك ، دانىشمەن پادىشاھ قۇتلۇغ تىگىن _ بەختلىك شاھزادە قۇتلۇغ تەڭرى _ بەخت بەرگۈچى تەڭرى قۇتلۇغ تەمۈر : تەمۈر : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى قۇتلۇغ تۇرمىش _ بەختلىك تۇرغان ، خۇشال تۇرغان قۇتلۇغ ئوغۇل _ بەختلىك ئوغۇل قۇتغان _ بەختلىك ، بەخت تاپقان قۇرتۇلمىش _ قۇتۇلغان ، يەڭگىللىگەن قۇشتر _ مۇئەللىم ، ئۇستاز قوغۇرسۇ _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىن بىرى قوغۇرسۇ ئالتۇن _ ئالتۇن : ئىسمى ، قوغۇرسۇ : سۈپىتى قۇلان _ قۇلان ( ياۋا ئېشەك ) قۇلۇن _ قۇلۇن ( ھايۋان ئىسمى ) قۇلۇن قارا _ قارا رەڭلىك قۇلۇن
قۇنتۇز ( قۇندۇز ) _ قۇندۇز ( بىر خىل ھايۋان ئىسمى ) قۇنچۇي ( خۇنچۇي ) _ مەلىكە قىرا _ ئېتىز قىرچەچەك _ قىردا ئۆسكەن گۈل قىز _ قىز بالا ، قىزچاق قىنىم _ جەسۇر قىيىمتۇ _ ھۇشيار كەنچ ( كەنج ) _ كەنجى ، كىچىك ، كېيىنكى ، ئاخىرقى كەنچ تۇغمىش _ كېيىن تۇغۇلغان كەنچ ئوغلان _ كەنجى ئوغۇل كۆركلۈگ _ كۆركەم ، چىرايلىق كۆزۈن _ كۈچ ، قۇۋۋەت كۆل _ كۆل ، دېڭىز كۆلتىگىن _ ئەقلى كۆلدەك شاھزادە كۆۋشەك _ گۈزەل ، چىرايلىق ، يۇمشاق كۈچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، كۈچ ( كۈچلۈك ) : سۈپىتى كۈچ تىگىن : كۈچلۈك شاھزادە كۈچلۈگ _ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك كۈسەمىش _ ئارزۇ قىلغان كۈسەن _ كۇچارنىڭ قەدىمكى نامى كۈسەنچ _ ئارزۇ ، تىلەك كۈگەلىك _ مۇقەددەس ، مەشھۇر كۈلچىرە _ خۇش چىراي كۈل بىلگە قاغان _ بىلىملىك ، ماختاشقا لايىق خان كۈل قاغان _ خۇش چىراي خان كۈمۈش تىگىن _ تېنى كۈمۈشتەك ئاق شاھزادە كۇرشاد _ قەدىمكى ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ ئىسمى كۇشان _ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى كۈن _ كۈن ، قۇياش ، شەرق كۈنخان _ كۈندەك خان كۈن بەرمىش _ كۈن بەرگەن ، بەختكە ئېرىشتۈرگەن كۈنتۇغدى _ كۈن چىقتى كۈن تەڭرى _ كۈندەك تەڭرى كۈن سىلىگ _ كۈندەك ئىللىق كىشى _ ئۇستاز كىشى قارا _ چوڭ ئۇستاز لاچىن _ لاچىن ، بۈركۈت مەڭۈ تەمۈر _ ئەبەدىي تۆمۈردەك مۇستەھكەم مەڭلىگ ( مەڭلىك ) _ (1) بەلگىلىك ، (2) مەڭلىك ، (3) بەختلىك ، خۇشال مەڭلىگ سەنگۈن _ قۇتلۇق باتۇر مۇڭسۇز _ غەم – قايغۇسىز ، خاتىرجەم مىڭ تەمۈر _ مىڭ : ئىسمى ، تەمۈر : سۈپىتى مىڭ قارا _ مىڭ : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى نوم قۇلى _ دىن قۇلى نىكۇ _ ياخشى ئوتاچى _ تېۋىپ ، دورىگەر ئوردۇبەگ _ ئوردىدا خىزمەت قىلغۇچى بەگ ئوزمىش _ قۇتۇلغان ، نىجاد تاپقان ئوغلان _ ئوغۇل بالا ، ئەزىمەت ئوغلاغۇ قاتىن _ دۆلەتمەن خوتۇن ئوغۇز _ (1) ئوغۇز سۈتى ، (2) تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى ئوغۇل _ ئوغۇل بالا ئوغۇل تىگىن _ ئوغۇلدەك شاھزادە ئۇتار _ ئۇتۇپ چىقىدۇ ئۇتۇش _ يەڭگۈچى ، ئۇتقان
ئۇچقۇر _ بىلىملىك كىشى ئۇدغۇرمىش _ ئۇيۇشقان ، غەلىبە قىلغان ئۇدمىش _ شەپقەتلىك ئۇز _ چىرايلىق ، گۈزەل ئۇسۇق _ ئۇسسىغان ئۇسۇن _ ئۇزۇن ، ئۇزاق ئۇغراق _ ئارزۇ ، نىيەت ئۇلۇغ _ ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ ئۇلۇغ بەگ _ ئۇلۇغ ئەر ئۇلۇغ خان _ ئۇلۇغ پادىشاھ ، كاتتا خان ئوماي _ (1) بىر خىل ھايۋان ئىسمى ، (2) يولداش ، ھەمراھ ، (3) تەڭرى ئۇمۇن _ ئۈمىد ئۇئىغۇر _ ئۇيغۇر ئۆتەمىش _ ئۆتكۈر ، ئۈزۈپ ماڭغۇچى ئۆتكۈر _ ئىتتىك ، تېز ، كەسكىن ئۆتكۈرمىش _ ئۆتكۈرلەشكەن ئۆتۈنچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئۆتۈنچ ( قەرزدار ) : سۈپىتى ئۆكۈش قارا _ ئۆكۈش ( يىلقا ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئۆگرۈنچ _ خۇشاللىق ، شادلىق ئىدىقۇت _ مۇقەددەس بەخت ئىسىگ تارخان _ مۇلايىم خان ئىش بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىش ( دوست ) : سۈپىتى ئىش قارا _ ئىش ( چاچ ئۆرۈمى ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئىل _ ھۆكۈمدار ، مەملىكەت ، دۆلەت ، خەلق ئىل ئاشمىش _ ھۆكۈمدارلىقتا يۈكسەك ئىل ئالمىش _ دۆلەت ئالغان ئىل ئەتمىش _ دۆلەت قۇرغان ، ئەلنى ئىدارە قىلغان ئىل ئەتمىش بىلگە قاغان _ ئەلنى ئىدارە قىلغان دانىشمەن خان ئىل ئەردەم _ (1) خەلقپەرۋەر ، (2) دۆلەتنىڭ ئەدەب ، ئەخلاقى ئىل بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى ئىل تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى ئىل تۇتمىش _ دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىل تۈزمىش _ ئەلنى تۈزگۈچى ئىل قۇتادمىش _ ئەلنى بەختىيار قىلغان ئىل ئۈگەسى _ دۆلەتنىڭ دانىشمىنى ، ئەلنىڭ ئۇستازى ئىل ئىككەرمىش _ ئەلنى ئىدارە قىلغان ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغان ئىل ئىنانچ _ دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ، ئەل ئىشىنىدىغان ئىل ئىنانچ تىرەك _ دۆلەتنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكى ئىل يىغمىش تەڭرىم _ ئەلنى توپلىغان تەڭرىم ( پادىشاھىم ) ئىلىكتا _ يەر ئىگىسى ئىلىگ ( ئىلىك ) _ (1) خان ، خاقان ، (2) ئەل ، قۇل ، (3) ھۆكۈمدار ئىلىگ بەگ _ (1) شاھزادە ، (2) ھۆكۈمدار بەگ ، (3) خان ئىلىگ قان _ پادىشاھ ئىلچى _ ئەلچى ئىلچى قارا _ كاتتا ئەلچى ئىنىگە _ ھىڭگان تۆگە ئىنىك _ ئۇكا ئىناق قۇلى _ دوستلۇق قۇلى ئىنانچ _ (1) ئىشەنچ ، ئىشەنچلىك ، (2) ۋەزىر ئىنانچ بۇيرۇق _ ئىشەنچلىك ئەمەلدار ئىنال _ ئانىسى ئېسىلزادە ، ئاتىسى ئاددىي خەلقتىن بولغان كىشى ياپغۇ _ بىر خىل ئۇنۋان نامى ياچانقىر _ ئۇياتچان ، ھايالىق ياراغ ( ياراق ) _ قورال ياران _ دوست ، ھەمراھ يارۇغلۇ _ ئوتلۇق ، نۇرلۇق يارۇق _ يورۇقلۇق ، يورۇق يارىچى _ ياردەمچى ياشقان _ ياش يىگىت ياغما _ تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى يانداق _ يانتاق ياغان _ پىل يەتمىش قارا _ يەتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى يۇرتۇغ _ ھەمراھ يوللۇغ تىگىن _ يولى بار شاھزادە يىدلاغ _ خۇشپۇراق
ئىسىملەر ۋە مەنىلىرى
ئوغول ئىسىملىرى
ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ. ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ. ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ. ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش. ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق. ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئەدھەم : قارا، ئىشكەل. ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق. ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق. ئۇسامە : يولۋاس. ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
!
ئەسەد : قەھرىمان. ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك. ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، ئاللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ. ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق. ئەكرەم : مەرد، سېخى. ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول. ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس. ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى. ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق. ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى باسىت : مۇلايم. باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن. بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى. سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان. ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى. ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى. ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق. ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى. ھەمزە : يولۋاس. ھەيدەر : يولۋاس. خالىد : باقىي، مەڭگۈ. خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر. داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ. زاكىر : ئاللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك. زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى. رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى. رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ. رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك. زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق. سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم. سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال. سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق. سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت. سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.! سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن. سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ. شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى. شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي. شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى. شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى. شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت. سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك. سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە. سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل. سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز. تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى. تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى. تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس). تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت. ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى. ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق. ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى. ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى. ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى. ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان. ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا. ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى. ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت، ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان. ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ. ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش. ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ. ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى. غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى. فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك. فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.
فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى. فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى. قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى. كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان. كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك. كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت. مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات. مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى. مۇختار : تاللانغان. مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ. مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال. مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى. مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، ئاللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى. ناسىر : ياردەم بەرگۈچى. نايىف : ئىگىز. نەزىر : ئوخشىغۇچى. نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات. نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ. ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى. ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ. ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى. يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن جامال : گۈزەللىك.
قىز ئىسىملىرى
ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان، ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز. ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام. ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر. ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار. ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت. ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ. بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال. بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان. گۈلنار : ئانار گۈلى. جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن. ھەبىيبە : سۆيۈملۈك. ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى. ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال. ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال. ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال. ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل. ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال. خالىدە : مەڭگۈ، دائىم. خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق. خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ. زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى. زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال. رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال. رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە. زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى. زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال. زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال. زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ. زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى. زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى. زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن. ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال. سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل. سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال. سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق. سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك. سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال. سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق. سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق، مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال. سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال. سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال. سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال. سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال. سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(ئاللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن). سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە. سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى. شادىيە : ناخشىچى ئايال. شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال. شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال. شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە : ئاللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال. شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ. سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال. سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال. سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال. سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال. سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست. تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال. تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال. تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن. زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال. ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل. ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال. ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب. ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق. ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك. ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە. ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك. ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك. ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق. فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال. ئىز تورى بەك ياخشى فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن. فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال. فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت. فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر. قەمەر : ئاي. كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال. كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ. لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق. لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك. لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى. مارىيە : ئاقپىشماق ئايال. مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى. مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى. نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام. ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە. نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال. نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب. نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ. نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق. نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق. نەجىيە : سىر، سىرداش دوست. نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ. نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل. نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا. نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش. نەزىيرە : ئوخشىغۇچى. نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم. نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى. ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى. ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال. ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.
تۆۋەندىكى ئىسىملار بەلىكىم باشقىچە ئاڭلىنىشى مۇمكىن شۇنداقتىمۇ يوللاپ قوياي:
ئاباقان---ئەجداد قېنى،نەسىلنىڭ داۋامى
ئاتئال---ئېتىڭ تارالسۇن،داڭىق قازان ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاجۇن---دۇنيا،ئالەم
ئاداشقول---قىرىنداشلىق،دوستلۇق قولى
ئارخان---خاراكتىرى ئۈستۈن،غورۇرلۇق خاقان
ئارىغ---ساپ،پاكىز،مۇقەددەس
ئاقبۇغرا---ئاق رەڭلىك ئەركەك تۆگە
ئاقتۇرمۇش---پاكىز،ئاق،پاك
ئاقمان---سەمىمى،تۈز كۆڭۈل كىشى
ئالىپتېكىن---قەھىرمان شاھزادە
ئالىپتۇغ---باتۇرلۇقنىڭ سىموۋلى بولمىش تۇغ
ئالچۇر---بەخىت تاپ،قۇت تاپ. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندىنلىغىنىڭ 6-خانى قۇتلۇق بىلگە خاننىڭ ئىسمى
ئاياز---قىش پەسلى،سوغوققان،ئېغىر بىسىق كىشى
ئايتۇغ---ئايدەك جىلۋىلەنگەن تۇغ
ئايتۇغمىش---ئايدىن تۇغۇلغان
ئايتېكىن---ئايدەك سۈلكەتلىك يىگىت،شاھزادە !
ئايقاچ---سۆز قىلغان،ئەقىل بىرىدىغان كىشى،خەلىق شائىرى،شائىر
ئاقبىكە---ئاپئاق،بەدىنى سۈزۈك خېنىم،مەلىكە
ئايتۇرا---قەدىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى 'تۇرا' ،بۇ دىمەك ئۇيغۇر نەسلىدىن بولغان گۈزەل قىز، ئۇيغۇرنىڭ ئېيى
ئايچىن---ھەقىقى،چىن ئاي
ئايزېت--- قەدىمكى تۇركلەر مۇھەببەت ئىلاھىنى مۇشۇنداق ئاتىغان.
ئەدگۈ---ياخشى،ئېسىل
ئاچارى _______ ھەزرەت،ئۇستاز.
. تونيۇقۇق---ئالى مەرتىۋە ئېگىسى،ھەممە ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىجىرگۈچى
تۇرا---قەدىمقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ،موڭغىلىيەدىكى تۇغلا دەريا ۋادىلىرىدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان. مۇناسىبەتلىك ئىسىملاردىن---تۇراخۇن(تۇرائاخۇن)،تۇرابەگ،تۇرابېك(5-ئەسىرلەردىكى تۇرا نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى مۇشۇنداق)،تۇراجان( تۇرا نەسىللىك كىشى،بۇنىڭدا كىيىنچە جان دىگەن پارىس تىلى ئۇيغۇرچىغا سىڭىپ ئۆزگەرگەن)،تۇراخان،تۇراگۈل( گۈل پارىسچە).
|