ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ چۈش   غەليانلىرى
كۆرۈش: 624|ئىنكاس: 6
go

چۈش   غەليانلىرى

توردا
334سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
846 
تېما
26 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 00:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چۈش غەليانلىرى

ئەسسىلام ئەزىز تورداشلار بۇ تىمىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كورگەن ئىدىم ، ماڭا بەك ياقتى ، سىلەرنىمۇ كۈرۈپ باقامدىكىن دەپ بۇ مۇنبەرگە ئېلىپ كەلدىم .. قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن

سۇئال ؛

1

ئۇپۇق پەردىسىنى قايرىغاندا باغرىم توغانلىرى سەن تامان ئېچىلدى. ئېتىلىپ چىقىۋاتقىنى مىڭ يىللىق ھەسرەتنىڭ زەرداپقا تولغان جاملىرى ئىدى...
غېرىبلىق چۇقانلىرى قەلىپ ئەينەكلىرىنى چەكمەكتە. ئەتراپ يەنىلا قىزارغان ياپراقلاربىلەن تولغان...

2
چۈشلىرىمنى ئوغۇرلاپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن...
باھار، كەلدىيۇ كەتتى. گۈللەر ئېچىلدىيۇ، توزىدى
ئەتراپ ئاپئاق قار. لىكىن، كۆڭۈللەردە قەدىم بىر قارايغان ھەسرەت...
3

چۈشلىرىم بۇزۇلماقتا...
يوللىرىڭنى تورىغان قايسى قاراقچى؟!...
قۇياشنىڭ قارىيىۋاتقىنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. لىكىن سەندىكى نەپرەت قىزارماقتا..
4

كۈتۈش...
نىمانچە ئازاپلىق سۆزسەن...
ھاياتىم سېنىڭ ھەرىپلىرىڭ بىلەن لىپمۇلىق تولدى. لىكىن ئۇ توختاۋسىز بۇ جامنى قايتا تولدۇرماقتا...
كەچۈر گۈلۈم!...
5
كېچە ...
چۆچەكلىرىمنىڭ شاھىدىسەن ... قوللىرىدا قىزىل گۈتۈرگەن گۈلچى قىزنىڭ قەبرىگاھىسەن ... تاشقا ئايلانغان شەھەر ، شاۋقۇنسىز – قىيانلار ، پەيلىرى تەتۈر ئۆرۈلگەن قۇشلار ، ماڭدامدا بىر ئۇچىرايدىغان ساڭا سۇنىلىدىغان قوللار ، ئۇلارنىڭ تالاي گۈزەل ئارمانلىرى ساڭا كۆمۈلگەن ...
كېچە ...
تاڭغا ئۇلىشالمىغان گۈزەل يەر ...
كېچە ...
چۈشلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر ...
6

خىيال
قار ئاراسى ساڭا ئەگىشىپ يىراقلارغا كىتىپ قالدىم ... قۇلۇمدىن يىتىلەپ مېڭىۋاتقىنى _ ئۆلۈم ...
خىيال ...
ھۇجۇدۇم بارغانسىرى ساڭا ئايلىنىپ بارماقتا ...
خىيال ...
كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى يانماقتا ...
خىيال ...
ئاداققى ئۇچىدىن شەربەت تامماقتا ...


جاۋاپ


1
مېنىڭ بەڭۋاش تۇيغۇلىرىم سېنى ئۇپۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدە ، مىڭ يىللىق قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى زېمىن كۆتۈرەلمەيۋاتىدۇ ، زەڭگەررەڭ ئىتەكلىرىڭنى ئۇنىڭغا يايغىن دەپ بىلجىرلاپلا كەتتى ، ئۇپۇڭقنىڭ رەڭگى نىمىلەرگە تەققاسكىن ؟
چۈشلىرىمنى ئوغۇرلاپ سېنىڭ قولوڭغا تۇتقۇزۇپ قويغان ھېلىقى قانىتى يوق قۇشنى قارغاپ تىللايمەن ...
ئۇ كەلسلا باھار بولاتتى ، دەيمەن باغرىمنى كۆيدۈرىۋاتقان باغرىمغا ...
2
نەپرەتنىڭ يۈرىكىنى شاماللار يالاپ كەتتى ، نەپرەت بەلكىم نەپرەت ئەمەس مېنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان خىياللىرىمدا ...، ئەلمىساقنى باشلاپ كېلىۋاتقان
يوق نەرسىلەرگىلا بېرىۋەتتىم مۇھەببەتنىڭ ھەممىنى ...
3
كېچىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاۋاتقان شاماللارغا ھەۋەس قىلىمەن ، كېچىنىڭ خىياللىرىغا چۆچەك ئېيتىپ بېرىۋاتقان جىمجىتلىقنى نەقەدەر سۆيىمەن !
قولوڭدىكى قىلىچىڭ بىلەن كېچىنىڭ باغرىنى تىلىۋەتكىن ، مەن قولياغلىقىم بىلەن قىپقىزىل قانلىرىنى سۈرتۇپ قوياي
4
خىياللارغا باغلانغان خىياللىرىمدا ، سېنىڭ ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنمايدۇ ...
بىر ئۇچى ئەبەدىيلىكتە ، يەنە بىر ئۇچى سەندە قالغان خىياللارنىڭ يۈرىكى تۆشۈك ...، مەن بارماقلىرىمنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ ھەسرەتلىرىڭنى ياماۋاتىمەن ...

مەنبە ؛ مىسرانىم

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1288 
تېما
30 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 01:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياخشى ئەسەرگە ب ىرمۇ ئىنكاس چۈشمەپتىيا،،،

توردا
852سائەت 
نادىر تېما
دوست
121 
يازما
1660 
تېما
327 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 03:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز.......تىخىمۇ تېرىشىڭ....

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 09:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈتۈش...
نىمانچە ئازاپلىق سۆزسەن...
ھاياتىم سېنىڭ ھەرىپلىرىڭ بىلەن لىپمۇلىق تولدى. لىكىن ئۇ توختاۋسىز بۇ جامنى قايتا تولدۇرماقتا...
كەچۈر گۈلۈم!...

بۇ مىسرالىرى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ
خاتىرەمگە كۆچۈرۋالاي ھە!

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
314 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 10:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەتكە ئالاقىدار پاراڭلارنى سىلەرگە بېرەي

توردا
334سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
846 
تېما
26 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 16:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياقتۇرغان بولسىڭىز كۈچۈرۋېلىڭ

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 17:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇلىدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.