ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مەدىنىيەت ۋە تارىخ › سالام بېرىش ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش
كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 6
go

سالام بېرىش ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
53 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 03:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(غەنى ئەرشىدىن يازمىسى)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىنداشلار بۇ تېمىنى ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولارمىكىن ،سالامدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى گۇزەل ئەخلاقىمىزدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلىرىمىزگە ئوقۇپ پايدىلنىشى ئۈچۈن ياردىمى بولارمىكىن دەپ ئويلاپ مۇنبەرگە يوللىدىم ، ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن .


قەدىمقى زاماندا ئوتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇخراچە كىيىنىپ ،نەۋرىسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئېكىنزارلارنى ئارلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېققان ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلمىسىمۇ ،خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۇرۇپتۇ . شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان ،قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ .قايتاشىدا نەۋرىسى بوۋىسىدىن :
_بوۋا ، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ ،ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نىمە ئۇچۇن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟- دەپ سۇراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانى تەربىيەنىڭ كەملىگىنى ھىس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
- ئەي، ئەزىز پۇشتۇم ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ . ئېسىڭدە تۇت ، بىر ئېغىز سەمىمى سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۇرەلەيدۇ ...................
بىزدە << سالام بېرىش قەرىز ، ئىلىك ئېلىش پەرىز >> دەيدىغان ھېكمەت بار . ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن- تونۇشمىسۇن ، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ ، بىر- بىرىنىڭ كۆيۈنىشى، ھۆرمىتى ، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن . شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر ، ئۆزئارا ئەنئەنە بويىچە تەمەنناسىز ، سەمىمى سالاملىشىشتەك گۇزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق ! بۇ تولىمۇ ئاددى ئەمما مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي !

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 10:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايتى توغرا گەپ!
ھازىرغۇ بىز خەنزۇ پەدىسىدە «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم»نىڭ ئورنىغا «ياخشىمۇ سىز»نى «تېچلىقمۇ» دەپ سالاملىشىدىغان بوپ قالدۇق!

توردا
1546سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
11 
يازما
2166 
تېما
91 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 10:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىرقى بەزى كىشىلىرىمىز سالامنى بەك چىكىدىن ئاشۇرۋېتىدۇ ................سالام دىگەن سالامدەك بولغىنى ياخشى .........................
خەيىر...................................................!

Rank: 8Rank: 8

توردا
277سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
19 
يازما
596 
تېما
235 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 13:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمما بىر قىسىم ياشلىرىمىز باركى ئۇچۇرۇشۇپ قالسىڭىز مۇزايدەك قاراپلا تۇرۇدۇ.شۇڭا ئۆز-ئارا سالاملىشىش ھۆرمەتلەش، ئىززەتلەش ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇشقا،ئادەتلەندۈرۈشكە توغىرا كېلىدۇ.

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 17:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سالامنى ئۇنتۇپ قالمايلى

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
314 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 17:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
<< سالام بېرىش قەرىز ، ئىلىك ئېلىش پەرىز >> ھازىر سالام لىرمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتىدۇ، بەلكى ئېتىبار بېرىلمەيۋاتىدۇ

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
35 
تېما
1 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىغا خاتىرەمدىكى مۇنۇ سۆزنى يازغىم كىلىپ قالدى :‹‹ ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادلىرىنىڭ ‹ئالىم ئادەم› بولۇشىغابەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەن، شۇڭا ئۇلاردىن جاھاننى تاڭ قالدۇرىدىغانلار چىققان ، بىز بولساق ئالىم بولۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۋىتىپتۇق. ›› بالىنىڭ قانداق بولىشى ئائىلە تەربىيىسىدىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.