ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
كۆرۈش: 786|ئىنكاس: 10
go

ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-18 15:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تالانلىقشائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىتۇرپان شەھرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەنمەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىكشائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىئى ئوقۇشقا باشلىغان.
1916 - يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللەبېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل - يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىليېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇكىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىكئەدەبىياتىنىڭ " سۇ بويىدا"، "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" رومانلىرىنىڭمەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇنجوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگىراتىيىگە نىسبەتەنتونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدالكونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم - پەننى ئوموملاشتۇرۇشئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى تۇغۇلغان.1923 - يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇتمۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 - قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىمتەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنىئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنىئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. 1926 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپكېلىپلا يېڭىچە ئىلىم - پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنىئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت جۇرنالنەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىنئەكسىيەتچى، مىللىتارىس ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجاقاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927 - يىلى" ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى" نامىدا بىرمەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭقوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا "ھۆرىيەت مەكتىپى"، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ....
بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتائەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 - يىلى 11 - ئايدا"ئويغان"، "ئاچىل" دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكەچوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىلتۇرىدۇ.1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشىقوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپتۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ. جاللات شىڭشىسەي 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگەباش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا "ياشىسۇن ئەركىنلىك!"، "ياشىسۇن ئازادلىق!" دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ....

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن مەھمۇت زەيدى، مەھمۇتئەكبەر، ئىمائىل تۆمۈرىلەر نەشرگە تەييارلىغان " ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى"ناملىق كىتابتىن.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-18 20:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئىدى،ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ قولىدا ئۆلگەن قەھرىمانلىرىمىز ئاز ئەمەس ،ئۇلارنى خەلىق مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ!~~~~~~~~~~~~`

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-18 22:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇ شائىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ...بىراق ئەپسۇس....مىڭ ئەپسۇس......
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
35 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-18 22:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئۇيغىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەكتى ، لىكىن خەلىقنىڭ ئويغانغىانلىقىنى كۆرەلمىدى....................

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-19 00:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
..................................................................................................................

........راست گەپنى قىلسام
مەن ئەڭ ياقتۇردىغان شائىر مۇشۇ ئۇيغۇر..

بۇنى مەن ئۇنۇتمايمەن
باشكىلار نىڭمۇ ئۇنۇتماسلىقى ئۇچۈن بالامغا مۇشۇ ئوغلاننىڭ نام شەربىنى قۇيۇشنى ئارزۇ قىلىمەن


ئاللا ئۇغۇل نىسىپ قىلسا...

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
702 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-19 00:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
داڭلىق شائېرلىرىمىزنىڭ بىرى جۇما مەنمۇ ياخشى كۆرەتتىم . بىراق ھازىر شىئېرلىرى كىتاپلاردىن ئازلاپ كەتتى . بالىلارنىڭ سەۋىيسىگە ماس كەلمىسە كىرەك .

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-19 11:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يازما . ياخشى ئەسەر ... قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ... داۋاملىق ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
353 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-19 14:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە چۇشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت !!!!!!

توردا
143سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
354 
تېما
19 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-19 18:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆلگەندىن كىيىن ۋايسىغاننىڭ ئەھمىيتى يوق ......

توردا
34سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
24 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 14:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەمتىلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئويغۇر ...مىللەتنىڭ ھەقىقى مۇنەۋۋەر ئوغلى . ئەل رازى ئاتا رازى ، ئاتا رازى خۇدا رازى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.