- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-8
- تىزىملاش
- 2010-6-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 108سائەت
- جۇغلانما
- 844
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 214
- تېما
- 31
- توردا
- 108سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 0
- يازما
- 214
- تېما
- 31
|
[align=justify]ئۈزىنى تۇنۇش ئۈزىنىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى
[align=justify]تۇردى توختى [align=justify]
مەن ئۈزىدىن ھالقىش،كىملىكىنى ئىزدەش،كىملىكى يوق دىگەن ئاتالغۇلارنى پات-پاتلا ئاڭلاپ تۇرساممۇ زادى ئۇنىڭ قانداق ئاتالغۇلار ئىكەنلىكى ئۈستىدە بەكمۇ باش قاتتۇرۇپ كەتمىگەن ئىكەنمەن.چۇنكى مەن مائارىپ ساھىسىدە ئىشلەيدىغان كەسپىي خىزمەتچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق دەبدىبىلىك ئاتالغۇلارنى ئالىم،يازغۇچى،شائىرلارلا قىلالايدۇ ھەم ئۇنىڭغا تەبىر بىرىپ شۇ بۇيۇچە ئىشلارنى يۇرۇقلۇققا چىقىرالايدۇ دەپ ئويلايتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يازغان بىلەن يازغان ماقالىلىرىم،مەكتەپلەردە جەمىيەتتە،كۆز ئالدىمدا،ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار بۇلۇپ،بۇنى ئەمىلى مىساللارنىڭ يىغىندىسى دىسەك بۇلۇدۇ.باشقىچە چۈشەندۈرگەندە بۇ بىر تەجىربىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.
ئۈزىدىن ھالقىش دىگەن بۇ تۇيغۇ، مەن‹‹ داڭلىق›› تورىغا يازغان بىر پارچە ماقالەمگە يېزىلغان بىر پارچە ئىنكاس ئاساسىدا پەيدا بولۇپ قالدى.شۇندىن كىيىن ئۈزىدىن ھالقىش دىگەن بۇ ئۇقۇم خىيالىمدىن كەتمىدى.بەزى بىر پىكىرداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ كورگەنمۇ بولدۇم...مۇشۇنداق تۇيغۇلار ئىچىدە يۈرۈپ ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،تېخىمۇ چوڭراق توھپە يارتىش كېرەك دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى ئاستا-ئاستا تۇنۇپ يىتىشكە باشلىدىم.
زۇلپىقار بارات ئۆزباش‹‹تۇردى توختى،سىزدە مائارىپقا نىسپەتەن بىر ئوت بار ئىكەن،ئۇزۇندىن بىرى ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۇپ كەلدىم.سىز پەقەت ئۆزىڭىزدىن ھالقۇيالمىدىڭىز،تىرىشىڭ...››دىگەن مەزمۇندىكى ئىنكاسنى يازغان ئىدى.بۇ بىر ئاددى گەپتەك قىلخان بىلەن،ۋەزنى ئېغىر سۆزلەر ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە ئۈزىدىن ھالقىش توغرىسىدا،بۇلۇپمۇ،مەن ئۈزەمدىن ھالقىيالايمەن يەنى تۇردى توختى تۇردى توختىدىن ھالقىپ ،ئۆزلۈك يارتىش كېرەك دىگەن ئىديەۋى ئاڭمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى.مىنىڭ قارىشىمچە بىر يېزا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى ئاساسى ئىختىدارنى ھازىرلىسا،ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىپ،ئۇلارغا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويالىسىلا شۇ كۇپايە ئىدى.
زۇلپىقار بارات ئوزباشنىڭ يۇقىرىقى ئىنكاسى مىنى بىر تەستەك سېلىپ،مەندىكى تۇرغۇنلۇق ئىدىيەسىنى تەۋرىتىپ قويدى.ئادەم ھەقىقىتەن ئۈزىدىن ھالقىش كېرەكمۇ؟ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى نىمە؟دىگەن مەسىلىلەر مىنىڭ كاللامدا توختىماي ئۈزىگە جاۋاپ تېپىشىمنىڭ زۇرۈرلىكىنى ئەسلىتىپ تۇردىغان بولدى.
ئۈزىنى توغرا تۇنۇش،كىملىككە ئىگە بۇلۇش ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى ئاستا-ئاستا تۇنۇپ يىتىشكە باشلىدىم.
دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان‹‹ئۈزىنىڭ ‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›دىگەن ئەسىرىدە‹بىز كىم؟...بۇگۇنكى دۇنيادا بىزنىڭ سالايىتىمىز ۋە ئورنىمىز نىمە؟..بىز بۇگۇنكى دۇنيادا ئۆزلىكىمىز ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟››دەپ خىتاپ قىلغان.
بۇ يەردىكى ‹‹بىز كىم؟››دىگەن سۇئالنى شەھرىلىسەك بۇ سۇئالدىن ئەڭ ئاۋال ئۈزىمىزنى بىلىشىمىز،ئۈزىمىزنى تۇنىشىمىز،بۇلۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيەتى،تارىخى،جۇغراپىيەلىك ئورنى،ئىتىنىك مەنبەسى...قاتارلىقلارنى بىلىشىمىز،شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەكلىكى ئوترىغا قۇيۇلغان.
بۇنى ئىككى ياقلىمىلىق مەنا ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش مۇكىن،بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى تۇنۇشىمىزدا چۇقۇم بىرسى ئەخلاق،ئىتىقات ۋە ئەجداتلارىنىڭ، باشقا ئەنئەنىلىرىنى بىلىش،يەنە بىرى بولسا ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە قۇيۇلغان شەرتلەرنى ھازىرلاش.
يۇقارقى ئىككى قاتلاملىق مەزمۇننى بىرلەشتۇرۇپ قارىغاندا ئاندىن كىيىن بىزنىڭ كىملىكىمىز ھەقىقى ئايدىڭلىشىپ ئۈزىمىزنى تۇنۇشتۇن ئىبارەت مەقسەتكە يەتەلەيمىز.
ئەسئەت سۇلايماننىڭ‹‹بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ سالايىتىمىز ۋە ئورنىمىز نىمە؟››دىگەن سۇئالىغا نەزەر سالدىغان بولساق،بۇ دۇنيادا ئادەمدەك ياشايمىز دەيدىكىنمىز بىزنىڭ بەلگۈلۈك سالايىتىمىز ۋە ئورنىمىز بولىشى كېرەك.دىگەن خۇلاسسىگە ئىرشەلەيمىز.سالايەت بىلەن ئورۇن مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟بۇ ئۇقۇملار زامان بىلەن ماكان چۈشەنىسىگە تەۋە بۇلۇپ،ھاىزىرقىدەك تەرەققى قىلغان دەۋرىدە قانداق قىلغاندا سالايەت ۋە ئورۇنغا ئىرىشكىلى بولدىغانلىغى توغرىسىدا بىزگە سۈكۈت بەرگەن.
سالاھيەت مەسىلىسىگە كەلسەك ،كىشىلەر مەلۇم شەرت ۋە بەلگۈلۈك سەۋىيەگە ئىگە بولغاندا ئىرشىدىغان سۈپەت(بەلگە)ھىساپلىنىدۇ.باشقىچە دىگەندە بەلگۈلۈك سەۋىيە ياراتقاندا،بەلگۈلۈك شارتلارنى ھازىرلىغاندا ئىرشىدىغان كىملىك.
[align=justify]
سالاھيەت(كىملىك)كە قانداق قىلغاندا ئىرىشكىلى بۇلۇدۇ؟ [align=justify]
سالاھيەت(كىملىك)كە ئىرشىشتە تۈۋەندىكى تۆت ئاساسى ئامىلنى ئالدى بىلەن ئېنىقلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياشىغان ماكانى،ئاجداتىمىز ۋە مەدىنىيەتىمىز،زامان چۈشەنچىمىز،مىللىتنىڭ ئۇمۇمى پىسخىلوگىيەسى ۋە ئۆزىمىزنىڭ(ھەر بىر شەخسىنىڭ)مىجەزى ۋەئىندىۋىداللىغىمىز.بۇ تۆت ئاسسى ھالىقىنى ئىگەنلىۋالغاندا بىز قانداق قىلىش كېرەكلىگىدىن ئىبارەت مۇھۇم مەسىلىنىڭ ( ئۆزىمىزدىن ھالقىشىنىڭ جاپالىق جەريانىنى ھىس قىلىپ،جاپاغا چىداپ ئۈگۈنۈپ،تىرشىپ بىلىم قۇرۇلمىمىزنى ئاشۇرۇپ،دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە بەلگۈلۈك ئۇرۇن ۋە تەسىرگە ئىگە بۇلۇش،ئەمىليىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىنىڭ)جاۋابىنى تاپالايمىز.
[align=justify]
1.ماكان ئامىلى [align=justify]
بىر مىللەتنىڭ ماكان ئېڭى شەكىللەنمىسە ،بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.تارىختا ياشاش ئېڭىلا بۇلۇپ ماكان ئېڭى بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر ،ماكان ئېڭى ۋە ياشاش ئېڭى بار بولغان مىللەتلەرگە قۇشۇلۇپ كىتىپ،مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كىتىش جەريانىنى تىزلەتكەن.
مەسىلەن:بۇنىڭدىن 30مىڭ يىللار ئىلگىرى مۇڭغۇلىيە دالىسىدىن ئامراكاغا كۈچۈپ بارغان مۇڭغۇلوئىد تىپىدىكى (ئىندىئانلار)نىڭ ماكان ئېڭى ۋە ياشاش ئېڭى كۈچلۈك بۇلۇپ ئامرىكىدىن ئىبارەت خالى ھەم باي زىمىننى ئۈزىنىڭ ياشاشتىكى كۈچلۈك تايانچىسى (ماكان)دەپ تاللىغان...شۇندىن كىيىنكى يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئۇلاردا بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاشتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئاڭ قۇساق تويغۇزۇش ئېڭىغا تۈۋەنلىگەن بۇنىڭدىن 300يىللار ئىلگىركى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇلاردا ماكانغا بولغان مۇھەبات سۇسلىشىپ،تەرەققى قىلىش ئېڭى يوقالغان شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە بۇ زىمىنىغا بېسىپ كىرگەندە بۇلادا قارىشلىق قىلدىغان ھىچقانداق مادار بولمىغان...كەينىدىنلا ئىنگىلىزلار باستۇرۇپ كىرىپ،ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى بۇ مۇنبەت زىمىندىن قوغلاپ چىقىرىپ،ماكان ۋە ياشاش ئېڭى كۈچكۈك بولغان ئىنگىلىزلار بۇ ئالتۈن زىمىننى تەرەققى قىلدۇرۇپ قەدرىنى قىلىشقا باشلاپ،ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە دۇنيا تەرتىۋىنى ساقلايدىغان دۇنيادىكى بىردىن بىر دۆلەتكە ۋە مىللەتكە ئايلانغان.بۇ زىمىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئىندىئانلار ئۈزىنىڭ ماكانىنى تەرەققى قىلدۇرمىغانلىقتىن ئىبارەت سۇس ماكان ئېڭىنىڭ تەسىرىدە ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ئامرىكىدا پۇت دەسسەپ تۇردىغان ئورۇنغا ئىگە بۇلالمايلا قالماي،ھازىرغىچە ئېنگىلىزلارغا لازىم بولغان ئورۇندىن مەجبۇرى يوتكىلىپ،ئورنى ئىسسىمايۋاتقان ‹‹ئامرىكىدىكى بەشتە كېپىل›› مىللەتكە ئايلىنىپ سان جەھەتتىنمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ،تۇگەپ كىتىشتەك رىياللىققا يۈزلەندى...
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپلا ھەم ماكان ئېڭى ھەم ياشاش ئېڭى كۈچلۈك كىشىلەر بولغاچقا ئۇلار ياشاشتىكى بىرىنچى ئامىل بولغان ئۆز ماكانلىرىنى (تىرىتورىيەسى)نى سىزىپ چىقىپ،مۇشۇ تىرىتورىيە ئىچىدە ياشاش،تەرەققى قىلىش،ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتەك ئىنسانلارغا خاس بولغان ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان ھەم ئۈزىنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزۇپ،دۇنيا مەدىنىيەتى ۋە تارىخىدا بەلگۈلۈك ئۇرۇنلارنى تۇتۇپ كەلگەن.
ئالىم ئابدىشۈككۈر مەھەممەت ئىمىن ئۈزىنىڭ‹.قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا››دىگە ئەسەرىدە ئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن زىمىننى مەدىنىيەت تەسىرى جەھەتتە‹‹شىمالدا بايقال،شىمالىي ئالتاي ۋە دەشتى قىپچاقتىن،جەنۇپتا چىلەنشىەن،(ھەتتا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى)ئالتۇنتاغ ۋە ھىندىقۇش ئېتەكلىرىگىچە بولغان زڭمىننى ئۈزىنىڭ بىر قەدەر مۇقۇم چەمبىرى قىلغان››*(يۇقارقى كىتاپ 8-بەت) بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مەدىنىيەتلىرىنىڭ بەلگۈلۈك دۆلەتلەرنىڭ چىگىرىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۇپ ھەرقايسى مىللەت يەنى خەنزۇ،مۇڭغۇل،رۇس،ياۋرىپالىقلار ۋە باشقا تۇركى مىللەتلەرگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئابدىشۈككۈر مەھەھممەت ئىمىن يەنە يۇقارقى كىتاۋىدا،ئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن زىمىن(تىرتورىيەنى) تەپسىلى ئوترىغا قۇيۇپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماكان ۋە ياشاش ئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىغىنى ئىسپاتلىغان،ئۇ ئەجداتىمىز ئولتۇراقلاشقان تىرىتورىيەنى جۇغراپىيە نوقتىسىدىن تۇۋەندىكىدە ئېنىقلىغان‹‹غەربىي جەنۇبى سىبىريە،دەشتى قىپچاق،يەتتە سۇ،مۇڭغۇل دالىسى ۋە ئوردۇستىن قاشقۇۋۇققىچە بولغان جايلار،شىنجاڭ رايۇنى بىلەن خارىزىمنى شۇنداقلا فەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ماۋەرائۇننەھىر زىمىنلىردىن تەشكىل تاپقان...››(يۇقارقى كىتاپ 9-بەت)دەپ يازىدۇ.بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىز ياراتقان جۇغراپىيەلىك تىرىتورىيەنىڭ پۇتكۈل ئوترا ئاسيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زىمىنلارغىچە بلغانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.
ئادىشۈككۈر مەھەممەت ئىمىن يەنە ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەرگەزلىك پالىيەت قىلغان ماكانىنى مەرگىزى ئاسيا دەپ قاراپ ئۇنى‹‹شىنجاڭ،بايقال-ئۇرخۇن ۋادىسى،ماۋەرائۇننەھىر ۋە غەربىي جەنۇبىي سىبىر بىلەن،ئىلى، يەتتەسۇ-قىپچاق دالىلىرى دائىرىسىدە يىغىنچاقلاشقا بۇلۇدۇ››دەپ يازغان(يۇقارقى كىتاپ 9-بەت)
يۇقارقىدەك كەڭ زىمىنلارنى،ئابدۇششۈكۈر مەھەممەتئىمىن يۇقارقى كىتاۋىدا ‹‹مەرگىزى ئاسيا ئىنسان تۈركىمىنىڭ يەنى مىلادىيەدىن كىيىن ‹تۈرۈك›ئىبارىسىدە ئۇمۇمىلاشقان خەلقنىڭ ئانا زىمىنىدىن ئىبارەت›› دەپ ئېنىق ئوترىغا قويغان.
بىز يۇقارقىلاردىن ئەجدادىمىزنىڭ ھەم ماكان ئېڭى،ھەم ياشاش ئېڭىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى ھىس قىلالايمىز.بۇنى تۇۋەندىكى دەلىلەر بىلەن دەلىللەشكە بولىدۇ.
(1)ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات،ئوترا ئاسيا جۇملىدىن مەرگىزى ئاسيادا ياشاپ كەلگەن.
(2)ئەجداتلىرىمىز ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ دەپ قاراپ،مەرگىزى ئاسيا،ئوتتۇرا ئاسيەدەك 4پەسىل ئالمىشىپ تۇردىغان مۆدىدىل بەلۋاغ ئېقلىمىغا ئىگە ئىستىرادىگەيەلىك ئورۇننى تاللىغان.
(3) ئەجداتلىرىمىز مۇشۇ زىمىندا پارلاق مەدىنىيەتلەرنى يارىتىپ،بۇ ئاسيا-ياۋرۇپانى تۇتاشتۇردىغان زىمىنغا تايىنىپ ئۈزى ياراتقان مەدىنىيەتنى ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرىگە تارقاتقان،ھەم ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇپ،بۇ زىمىننى يۈكسەك دەرجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ،خارىزىم،سەمەرقەنت،قەشقەرلەردەك دۇنيانىڭ مەدىنىيەت،سود-ئىقدسات مەرگەزلىرنى بەرپا قىلىپ،ئەجداتلارنىڭ باياشات ياشىشىغا شارايىت ياراتقان....يۇقارقى شەھەرلەر ھازىرقى شاڭگاڭ،دۇبەي،نىيۇيۇرۇكتەك روللارنى ئويناپ دۇنيا مەدىنىيىتى ۋە ئىقدىسادىنىڭ تەرەقىيادىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.
بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە بىزدە جۇڭخۇا تارىخىنى،مىللىتىمىزنىڭ تارىخنى بىلمەسلىكتەك ئېغىر روھى قاراڭغۇلۇق پەيدا بولدى.تارىخمىزنى بىلمەسلىك بىزدىكى ماكان چۈشەنچىسىنى خىرەلەشتۇرۇپ ،بىزدىكى پەرۋاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ئۈزىنىڭ ئەجداتىنىڭ ياشىغان ماكىنىنى بىلمىگەن مىللەتتە مىللى روھ ئەنئەنىسى تۈۋەنلەپ ،مىللەت چۈشەنچىسىمۇ ئاستا-ئاستا سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.بىز چۇقۇم بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ تارىخىمىزنىڭ،ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسىمى بولغان ماكان چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالساق،مىنىڭچە ئۈزىمىزنى تۇنۇشىمىز،ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز،ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىمىزدىن ئېشىپ(ھالقىپ) يېڭى تەرەقىيات باسقۇچىنى يارتىشىمىزغا پايدىلىق دەپ قارايمەن.
[align=justify]
2.زامان چۈشەنچىسى [align=justify]
زامان چۈشەنچىسى ماكان چۈشەنچىسى بىلەن دىيالىكتىكىلىك مەناسىۋەتتىكى ئورگانىك باغلىنىشچانلىققا ئىگە بۇلۇپ،زامان ئېڭى بولمىغان مىللەت چۇقۇمكى قۇل،باشقىلارنىڭ قۇلىغا تەلمىرۇپ قاراپ تۇرىدىغان بىچارە مىللەتتۇر.
زامان دىگە ئاتالغۇنىڭ سۆز مەنىسىدىنمۇ بىز ‹‹ۋاقىت››،‹‹دەۋرى›› دىگەن مەنىداش سۆلەرگە ئىرشەلەيمىز.
مۇنداقچە دىگەندە يەنە بۇ سوزنى بىز ‹‹پۇرسەت››دىگەن سۆز بىلەنمۇ باغلىيالايمىز.بۇنداق باغلاش بىزنى‹‹ ۋاقىتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى››،‹‹پۇرسەتنى تۇتمىساڭ،پۇشايمان كۈرىسەن›› دىگەندەك ھەقىقەتلەر بىلەنمۇ باغلاپ تۇرۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ۋاقىت ئېڭىمىزنى،دەۋرىى ئېڭىمىزنى قىسقىسى زامان ئېڭىمىزنى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان مىللەتردىكى چۈشەنچىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز كېرەك.
مەن قايسى بىر ماتىريالدىن‹‹دۇنيادىكى ئىقدىسادى ئېڭى يۇقىرى مىللەتلەر پىيادە يول يۇرسە باشقىلاردىن تىز ماڭدۇ،تىز ماڭغا ئادەملەرنىڭ ئىقدىسادى ئېڭى ئاستا ماڭغان ئادەملەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ››دىگەن ھۈكۈمنى ئۇقۇپ ھەيران قالغان.مانا ئەمدى قارايدىغان بولساق ئىتتىك مېڭىش = ۋاقىت دىگەن گەپ بولىدىكەن.ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش بۇلۇپ ھىساپلىنىدىكەن.مۇشۇ نوقتىدىن يەنە شۇنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەسكى زامان ئېڭى كۈچلۈك مىللەت دۇنيادىكى غالىپ مىللەتتۇر.
بىز ئەجداتلىرىمىزنى ئويلايدىغان بولساق ،بۇلاردا ماكان ئېڭى يۇقىرى بولغاندەك زامان ئېڭىمۇ يۇقىرى بولغان.زامان ئېڭى يۇقىرى بولغانلىغى ئۇچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى نەچچە مىڭ يىللار مۇبەينىدە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.ئەگەر ئۇلاردا زامان چۈشەنچىسى بولمىغان بولسا ئىدى ئۆز ئەۋلاتلىرىنى بۇگۇنگىچە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالمىغان بولاتتى.
ئۇلاردا زامان چۈشەنچىسى بولمىسا ،ئىپدىدائى ئۇرۇقداشلىقتىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانغىچە دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتەك ياخشى ماسلىشىشچانلىقنى شەكىللەندۈرمىگەن بولار ئىدى.
مەسىلەن:ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سەنئىتى،دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قايدە يۇسۇنلىرى،ئىقدىسا –سودا قارىشى،ياراتقان تۈرلۈك مەدىنىيەتلىرى زامان چۈشەنچىسى بىلەن بىردەك بۇلۇپ،بۇ شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيەتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا بەلگۈلۈك روللارنى ئوينىغان.
يەنە بىر مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە مەشھۇر ئۇيغۇر پەيلاسوپى فارابىنىنىڭ(870-950-يىللىرى) زامان ئېڭىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.فارابى دۇنيادا ،بۇلۇپمۇ پەلىسىپە ساھىسىدە 2-ئۇستاز دەپ نام ئېلىپ،پۈتۈن دۇنيا پەلىسىپە ساھىسىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنىغان.ئۇ 160تىن ئارتۇق پەلىسەپە،مۇزىكا...قاتالىقلارغا ئائىت كىتاپ يازغان.ئابدۇشۈكۈر مەھەمەتئىمىن ئۈزىنىڭ‹‹ ئۇيغۇر پەلسەپە تارخى››دىگە ئەسىرىدە‹‹ئەبۇ ناسىر فارابى بىر پۈتۈن ناتىرا پانتېئىزىملىق پەلسەپىۋى سېسىتما ياراتتى.ئۇ ئۆز ئىچىگە فارابىنىڭ تەبىيەت پەلسىپىسى،بىلىش نەزىريەسى،ئىجدىمائى پەلىسىپىۋى قاراشلىرى،غايىۋى جەمىيە ئوتۇپىزىمى،ئىلىم-پەن قاراشلىرى قاتارلىق بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ،ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى مۇھىتىدا ئەڭ ئىلغار دۇنيا قاراش ھىساپلانغاندى››(ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى 164-165-بەتلەر)دەپ يازغان.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى فارابىينىڭ جاھالىيەت دەۋرىدە ئۈزنىڭ ئىلىم-پەن،بىلىش نەزىريەسى،پەلسەپە بىلىملىرى توغرىسىدا مۇپەسسەل بايانلارنى ئوترىغا قۇيالىشى ئۇنىڭ دەۋرى(زامان) ئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقىرلىغىنى كۇرسۈتۈدۇ.فارابىنىڭ بۇنداق ئىلىم-بىلىم ساھىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ئوترىغا قۇيۇلغان چاغلار‹‹ غەرىپ پەلسەپىسى مەرگەز››تەلىماتىنىڭ ھۈكۈمىرانلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرى بۇلۇپ،ئۇلار بىردەك شەرىقتە پەلسە ۋە پەلىسىپەگە ئائىت قاراشلارمۇ يوق دەپ شەرقلىقلەرنىڭ بىلىش دەرجىسىنى، بۇلۇپمۇ پەلسەپەۋى بىلىش دەرجىسىنى يوققا چىقارغان دەۋرىلەرگە توغرا كەلگەن.دەل مۇشۇ چاغلاردا فارابى غەرىپ پەلسىپىسىنىڭ ئاتىسى،دۇنيادىكى بىرىنچى ئۇستاز ئارىستوتىلنىڭ پەلسەپە ساھىسىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىگە شەھرى(چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش) يېزىپ ئارىستوتىلنىڭ پەلىسەپە ئىدىيەلىرىنى شەرىققە تۇنۇشتۇرسا،غەرىپلىكلەرنىڭ ئارستوتىلنىڭ پەلسەپە قاراشلىرىنى راۋان چۈشىنىشكە زور توھپىلەرنى قۇشۇپ،دۇنيادا ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتالغان،غەرىپلىكلەرمۇ فارابىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپ ئولتۇرۇپ،شەرىقتىمۇ پەلسە بارلىغىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان(يۇقارقى بايانلار:ئا.مەھەممەتئىمىنىڭ‹فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېسىتمىسى›دىگەن كىتاۋىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىنغان ).
بىز تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق ۋاقىت قارشى يۇقىرى،زامانغا(دەۋرىگە)ماسلىشىپ مېڭىش روھى كۈچلۈك دۆلەت ئەرباپلىرى، مۇتىپەككۈرلار، پەيلاسۈپلار،ھەربىي ئالىملار،مۇزىكىنات،تەرجىمانلار،ھېكىملەر،مائارىپچىلارنى...يەنە نۇرغۇن دانا كىشىلىرىمىزنى مىسالغا ئالالايمىز.بۇ يەردە شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى مىللەتنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ (زىيالىلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان)ۋاقىت قارىشى يۇقىرى بولسا،مىللاتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنىڭ دەۋرى(زامان) ئېڭى يۇقىرى بۇلۇدۇ.
بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىدىن ئۈگۈنۈپ،زامان ئېڭى چۈشەنچىمىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى يىتەكلەپ زامانغا لايقلاشتۇرالىساق بىزدىكى ۋاقىت ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ.
زامان چۈشەنچىسى دىگەندە مىنىڭچە سىز ياشاۋاتقان دەۋرىدە جەمىيەتنىڭ تەرەققىيادىدا نىمە يادۇرۇلۇق رول ئويناۋاتدۇ،كەلگۈسىدە يەنە قانداق نەرسە يادۇرۇلۇق رول ئوينايدۇ،بۇنىڭغا نىسپەتەن بەشقا ئەل خەلىقلىرىنىڭ چۈشەنچىسى قانداق؟مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنىڭ چۈشەنچىسى قانداق بولىۋاتدۇ،بىز بۇنىڭغا قانداق ماسلىشىمىز... دىگەن چۈشەنچىلەرنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت.بىز مۇشۇ دەۋرىدە ياشاپ تۇرغان كىشىلەر يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشساق چۇقۇمكى بىزمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،پۇرسەتنى تۇتۇپ،ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ،ئۆزىمىزنىڭ سالاھىتىنى(كىملىكىنى) ئۆزىمىز يارتالايمىز،ئۇنداق بولمىغاندا ئابدىقادىر جالالىدىن ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›،دىگەن ئەسىرىدە ئوترىغا قويغاندەك‹‹كىملىك گۋانامىسىنى كۈتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان...››(ئۆزىنى ئىزدەش بوسىغىسىدا،1-بەت)گۇمراھلاردىن بولىمىز خالاس.
قىسىقىسى زامان چۈشەنچىسىمۇ مىللەتنىڭ ئۈزىنى تۇنىشىغا تۇرۈتكە بولدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ،بىز زامان(ۋاقىت)چۈشەنچىسىنى توغرا ئىگەنلەپ ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ،ئۆزىمىزدىكى ئىللىتلەرنى تۈگىتىشكە تىرشىپ، دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلەيمىز.
[align=justify]
3.ئەجدادىمىز ۋە مەدىنىيەتىمىز [align=justify]
ھەرقانداق بىر مىللەت ئۈزىنى تۈنۇش ئۈزىنىڭ كىملىگىنى بىلىشتە چۇقۇم ئۈزىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسىنى يەنى ئۈزىنىڭ ئەجدادىنى بىلىشى زۈرۈر.شۇنداقلا يەنە ئۈزىنىڭ ئەجدادىنى بىلىش بىلەن بىرگە ئەجداتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن مەدىنىيەتلەرنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلىپ،ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،دەۋرى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇتۇرۇش تېخىمۇ زۈرۈر.
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن، تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى. ئۇلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىسىتېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ...دىيىلگەن نۇرغۇنلىغان تارىخى ماتىرياللاردا .بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلانىڭ ئوترا ئاسيا-تۇران زىمىنى مەرگەز قىلىپ ياشىغان ھۇنلار ۋە تۈرۈكلەر بىلەن بىر تۇققان،قان قېرىنداش بولغان بىر قېدىمىي مىللەت ئىكەنلىگىنى كۈرۋالغىلى بۇلۇدۇ.يەنە باشقىچا چۈشەندۈرسەك ھۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى بۇلۇپ،تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،تىللاردا داستان بولغۇدەك ئات ئۈستى مەدىنىيەتىنى ياراتقان ئەرلىك خۇسۇسىيەتىگە ئىگە مىللەت.
تارخچى ھاجى نۇرھاجى ئۈزىنىڭ ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار››دىگە ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىنى يىغىنچاقلاپ ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى،شەكىللىنىشى،كىلىپ چىقىشى قاتارلىقلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى كۆپىيىشى باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئېتىنىك تەرەققىيات جەريانى ھانايتى مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتۈپ تارىختا نەچچە ئەسىرلەر داۋاملاشقان بىرقانچە ئۇرۇق،قەبىلىلەرنىڭ بىركىش،تارقىلىش،قۇشۇلۇش،ئايرىلىش،ئاخىرقى ھىساپتا چوڭ قۇشۇلۇشتا،يۇغۇرۇلۇش جەريانىنى بېسىپ،ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شاللىق مەدىنىيەتىنى يارتىش بىلەن بىرگە دۇنيا مەدىنىيەتىگە ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشقان...›› دەپ خۇلاسىلىغان.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارخىنى داۋاملاشتۇرۇش،ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇش،مەدىنىيەت مىۋىلىرنى يارتىش جەريانىنىڭ نەقەدەر مۇتەككەپ ۋە جاپالىق جەريانلار ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق جاپاغا چىداپ تەرەققى قىلىش روھىنى ئۈزىمىزگە مۇجەسسەملىشىمىز لازىم.
ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مەدىنىيەتلىك قەدىمقى مىللەتلەرگە ئوخشاشا ئۈزىنىڭ شاللىق مەدىنىيەتىنى ياراتقان قەدىمىي مەدىنىيەتلىك مىلەتلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بىز بۇلار ياراتقان مەدىنىيەتلەرنى تۇرلەرگە ئايرىپ قارايدىغان بولساق تۈۋەندىكىلەرگە ئايرىشىمىز مۇمكىن.
ئىپتىدائى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىپتىدائى مەدىنىيەت،كونا-يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىدىكى مەدىنىيەت،تۇمۇر قۇراللار دەۋرىدىكى مەدىنىيەت،ئىشلەپچىقىرىش(تېرغچىلىق)مەدىنىيەتى،باغ-ئورمانچىلىق مەدىنىيىتى،مەڭگۈ تاشلار مەدىنىيى،تاش كامىر سەنئىتى مەدىنىيىتى،ئۇيغۇر مىمارچىلىغى(بىناكارلىق)،يازما مەدىنىيەتلەر...بۇ مەدىنىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمى ياشاش جاريانىغا باشتىن-ئاخىرى سىڭىپ كەتكەن بۇلۇپ،شەخسى بىلىن دىن،شەخسى بىلەن ئىلاھنى مەرگەز قىلغان ھالەتتە تەرەققى قىلىپ،بۇگۈنكى ئۇيغۇر مەدىنىيەتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىدنىيىتى،ئۆرپە-ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقى-قايدىلىرىگۈچە سىڭىشىپ كەتكەن.
بىز يۇقىردا بايان قىلىنغان ئەجدادىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىز توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ،ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، قانداق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا قانداق ئىسىل مەدىنىيەتلەرنى ياراتقانلىغىنى بىلىشىمىز بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تۇنۇشىمىزغا، ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزگە ئاساس سالىدىغان مۇھىم مەنبەلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.قىسقىسى بىز كىم ئىكەنلىگىمىزنى بىلسەك چۇقۇمكى بىز ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇيالايمىز.
[align=justify]
4.مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى ۋە شەخىس [align=justify]
مىللەتنىڭ ئۇمۇمى ساپسى دىگەندە مەلۇم بىر مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنۋىرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىگىگە قارتىلغان بۇلۇپ،بۇ مىللەت ئۇمۇمى گەۋدىسىنىڭ پىسخىكىسى(مىللەت ئۇمۇمى گەۋدىسىدىكى چاكىنىلىق بىلەن ئالىجاناپلىقنىڭ ئىپادىلىنىش)نىڭ قانداق بۇلۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.مىللەت ئۇمۇمى پىسخىكىسى يۇقىرى،ئالىجاناپلىق بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان بولسا مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدە ساپاسى يۇقىرى بولغان بۇلۇدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى پاسسىقلىق بېسىپ كەتسە مىللەت ئۇمۇمى گەۋدە بۇيۇچە گۇمران بۇلۇدۇ.ئا:مەھەممەتئىمىن ئۈزىنىڭ‹‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا›،دىگەن كىتاۋىدا‹‹مەرگىزى ئاسيا ئىپتىدائى ئېتىقادى، سەنئىتى،مەرگىزى ئاسيا خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس مەدىنىيەت ۋە ئۇنىڭ مەرگىزى ئۈزىكى(يادۇروسى) بولغان كىشلىك پەلسەپە سېسىتمىسى ياراتقان.مەرگىزى ئاسيا مەدىنىيەت تىپىگە ئىگە بولغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.مەرگىزى ئاسيا خەلقىنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت تارىخى، باشقا مەدىنىيەت تىپلىرنىڭ مۇۋاپىق تەسىرىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،مەرگىزى ئاسيا مەدىنىيەت تىپىنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ،ئىرسى قايتا گۈللىنىش ئىقدىدارىغا،ئەنئەنىۋى ۋارىسلىق ۋە ئىزچىللىق قابۇليىتىگە ،رىقابەت كۈچى ۋە ئالەمشۇمۇل قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسەتتى...››(قەدىمقى مەرگىز ئاسيا59-بەت).بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى ئەينى دەۋرى مىللەتلىرىگە نىسپەتەن قىلىپ ئېيتقاندا مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولغانلىغى ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى ئاساس قىلىپ، مىللەتكە تەۋە بولغان كىشىلىك پەلسەپە سېسىتمىسىنى شەكىللەندۇرگەن.بۇ جەريانىدا تەرەققى قىلدۇرۇش،ۋارىسلىق قىلىش ،تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىشتەك مەدىنىيەت سېسىتمىسىنى شەكىللەندۈرگەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوترا ئاسيا مىللەتلىرى ئىچىدە تۇتقان ئورنى ۋە ئوينىغان رۇلىمۇ گەۋدىلىك بولغان.مىللەت پىتنە-پاساتتىن يىراق بۇلۇپ،گۈللەپ ياشناش باسقۇچىغا كىرگەن.
مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى شەخسدىن ئىبارەت بۇلۇپ،شۇ دەۋرىلەردىكى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مىللىتىمىز كىشىلىرى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام،بىر-بىرگە كۈيۈنۈش يەردام بىرىشتە خالىس بولغان بۇنىڭ بىلەن ئىتىپاقلىق ئۇيۇشقاقلىق زور دەرجىدە نامايەن بولغان.بۇنىڭ ئەڭ ئاددى مىسالى ماكىدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ئات ئۈستىدىكى بىرلەشمە،يەككە ماھارىتىنى كۈرۈپ‹‹بۇ مىللەت ئۈزىنىڭ ئىشىنى ئۈزى قىلالايدىغان مىللەتكەن ››دەپ تاجاۋۇزچىلىق نىيىتىدىن يانغىنىدىن ئىبارەت ھىكايىدۇر.
ئۈزىمىزنى تۇنۇشتا چۇقۇم مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۈزىمىزنىڭ روھى ھالىتىمىزنى قاتتىق تەكشۈرىشىمىز كېرەك.ئۆزىمىز ئۈستىدە قاتتىق ئۆيلىنىشىمىز كېرەك.بىزنىڭ ھازىرقى ئۇمۇمى گەۋدىمىزدىكى پىچەكلىكنىڭ شەخسىنىڭ روھىدىن ئاپىردە بولغانلىغىنى چۈڭقۇر چۈشىنىپ،ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى ئىتىراپ قىلىپ مىللەتنى ۋە ئۆزىمىزنى چۈشىنىشنىڭ،ئۆزىمىزنى تۇنۇشنىڭ ئەڭگۈشتىرىگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم.
مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى مائارىپ نوقتىسىدىن تەھلىل قىلدىغان بولساق مىللىتىمىز كىشىلىرىدە ھىچقانداق دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ئىللەت ساقلانغان بۇلۇپ-ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنىڭ مائارىپ قارىشى ئىنتايىن تۈۋەن،مائارىپقا،تەرەققىياتقا ئىشەنچىسى يوق،مانا بۇ ھازىرقى رىياللىق.ئىجدىمائى نوقتىدىن تەھلىل قىلساق مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى پۇلنىڭ قۇلغا ئايلىنىپ،ئولتۇرسا قوپسا پۇل دەيدىغان پۇل بىلەن قىممەت ئىپادىلەيدىغان،مۇنداقچە دىگەندە تىماخورلۇق ئارلىشىپ كەتكان چۈشكۈلۈككە گىرىپتار بولغان.
ھازىرقى دەۋرىدە شەخسىلەر چۇقۇم دەۋرىگە ماسلىشالايدىغان ساپا،بۇلۇپمۇ ئەخلاقى ساپا يىتىلدۈرۈش لازىم‹‹ئىنجىل›،دا‹‹خەقنىڭ كۈزىدىكى ساماننى كۈرىسەنۇ،ئۆزۈڭنىڭ كۈزىدىكى لىم ياغاچنى كورمەيسەن››دىگەن مەشھۇر سوز بار بۇنىڭ مەنىسى ھەممىدىن بۇرۇن ئۈزىنى بىلىش ،ئادىن ئۆزگىنى بىلىش دىگەنلىكتۇر ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاۋىلى ئۈزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈپ ‹.پاكلىنىپ›› ئاندىن باشقىلارنى ۋە مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى يىتەكلىشىمىز كېرەك.‹‹ھەممىنى موللا بىلەر،موللا قۇپۇپ كولگە سىيەر››دىگەندەك بولۇپ قالسا ئۈزىمىزنى تۇنىشىمىز مۈمكىن ئەمەس.ئۈزىنى تۇنىمىغان مىللەتنىڭ ئۈزىدىن ئېشىشى،ئۈزىدىن ھالقىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
[align=justify]
ئۈزىدىن ھالقىيالمىغان مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىمۇ مەڭگۈ بولمايدۇ[align=justify]
قىسقىسى نىمىلا دىمەيلى بىزدە ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ،ئۆزىمىزدىن ھالقىيدىغان روھ بولىدىكەن چۇقۇم يۇقىرىدا بايان قىلغان تۆت خىل ئۇقۇمنى توغرا ئىگەنلەپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ،ئۆزىمىزنى،مەدىنىيىتىمىزنى،ئەجدادىمىزنى بىلىپ،شۇلارنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ماكان زامان ئېڭىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ،دەۋرىگە ماسلىشىپ،يېڭلىق يارتىپ دۇنيا مەدىنىيىتىگە ئۆچمەس تۆپىلەرنى قۇشۇش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.شۇندىلا بىزنىڭ سالايىتىمىز(كىملىكمىز)،ئورنىمىز بولىدۇ.
بىر جۇملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا ئۆزنى تۇنۇش ئۆزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى،بۇ ئىزچىللىققا ئىگە بۇلۇپ،داۋاملىق تىرشىشنى بىزدىن تەلەپ قىلىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1. ھاجى نۇرھاجىنىڭ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار››
2. 2.ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىننىڭ‹‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا››
3. ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىننىڭ‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى››
4. ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ‹‹ئۈزىنى ئىزدەش بوسىغىسىدا››
5. ئەسئەت سۇلايماننىڭ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› |
|