- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-8
- تىزىملاش
- 2010-6-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 108سائەت
- جۇغلانما
- 844
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 214
- تېما
- 31
- توردا
- 108سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 0
- يازما
- 214
- تېما
- 31
|
تۇردى توختى
ھەرقانداق ئورۇندا خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەكشۈرۈشنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر خىزمەت تەرتىۋى بولۇشى مۇمكىن . كىشىلەر قوبۇل قىلالايدىغان بىر يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بولىدىغان، خىزمەتلەرنىڭ قايسى يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ، شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئەڭ يېڭى كەسپىي ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بۇنداق تەكشۈرۈشلەر كىشىنىڭ قەلبىگە ياقىدۇ. كىشىنىڭ قەلبىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بۇنداق تەكشۈرۈشلەر ھەقىقەتەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ،ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەزگىللىك خىزمەتلىرىدە كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇ خۇلاسەم بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىغى مۇمكىن.مەن بۇنىڭ ئۈچۈن 1980-يىللاردىكى تەكشۈرۈشلەرنى مىسال قىلاي:
ئۇ چاغلاردا ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە كېلىدىغان تەكشۈرۈشلەر ئاساسەن كەسپىي تەكشۈرۈش بولۇپ،ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىپ ،نەتىجىگە قاراپ خۇلاسە چىقىراتتى .بۇنداق تەكشۈرۈش ھەم ئادىل ھەم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولاتتى.ئۇلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قېرىنداشلارچە باراۋەرلىك ئاساسىدا تەكشۈرۈش-تەكشۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇراتتى.مانا بۇ ھەقىقى تەكشۈرۈش ئىدى.مەن بۇنداق تەكشۈرۈشلەرنى ھېلى ھەم سېغىنىش بىلەن يادىمغا ئالىمەن.
1990-يىللاردىن كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىپ،مەزمۇننى تەكشۈرۈشتىن ئاستا-ئاستا شەكىلنى تەكشۈرۈش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ،نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىك،ئىسراپچىلىق ،بىھۇدە چارچاش ۋەمۇھىت بۇلغاش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالدى.ھەرقانداق ھەيۋىسى يامان تەكشۈرۈشلەرمۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇننىڭ ئىچكى قىسمىغا شۇڭغۇپ كىرەلمىدى ،پەقەت شۇ ئورۇننىڭ تاشقى پوستىنى تەكشۈرۈپ،دەبدەبىلىك خۇلاسىلارنى چىقىرىشىپ قايتىپ كەتتى ئەتىسىلا يەنە بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشىدەك دوكىلدىشىپ(ئازراق پەرداز بېرىپ)يەنە كەلدى...قىسقىسى ئىدارە-ئورۇنلاردا تەكشۈرگۈچىنىڭ «سۈيدۈكى قۇرۇمىدى».
بۇنداق تەكشۈرۈش قىزىق دولقۇنىدىن مائارىپ سېستىمىسىمۇ قۇرۇق قالمىدى.بەلكى ئۇ بۇنداق تەكشۈرۈشلەرنىڭ زەربىسىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىدى.بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۇھ» دىگۈدەك ھالى قالماي ھەرقانداق ئىشقا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ،ئوقۇتقۇچىنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسانلارنى ئاتا قىلدى.
1990-يىللارنىڭ بېشىدا يەنى «نىشانلىق ئوقۇتۇش» دەپ سىنىپتىكى ئىككى دوسكىغا رازى بولماي يەنە كىچىك دوسكىدىن بىر ئىككىنى قوشۇمچە قىلىپ يۈدۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزدىن باشلىنىپ،ئوقۇتقۇچنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىۋى بۇزۇلۇپ قانۇنىيەت ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ مىللى مائارىپنىڭ نەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ھىچكىم بىلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلۇغ شوئار«ئوقۇغۇچىنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك»دىگەن بۇيرۇق خاراكتىرلىك شوئارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بۇ ئىككى مەزمۇننىڭ(نىشانلىق ئوقۇتۇش،ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش)ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ ئىچىگە بولۇپمۇ دەرسخانىغا كىرىشى مائارىپ قانۇنىيىتىنىلا بۇزۇۋېتىپ قالماي ئىنسانلار جەمئىيىىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگىمۇ جەڭ ئېلان قىلدى.مانا مۇشۇ كۈنلەردىن باشلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈش مائارىپ سېستىمىسىدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەكشۈرۈشنىڭ سالمىغىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىۋەتتى.مانا مۇشۇ چاغ دەل مەكتەپتە مەزمۇنىغا ئەمەس شەكىلگە ئېتىبار بېرىدىغان ھەركەت«قىلمىش»لىرىنىڭ باشلانغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ_ نىشان ئەمەلىيەتتىن بەك ئۈستۈن ھەم قاتتىق بولغاچ تۆۋەن يۇقىرىنى ئالدايدىغان ھەركەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.
مۇشۇنىڭغا ئۇلۇنۇپلا پەيدا بولغان «ئىككى ئاساسەن» تەكشۈرۈشكە يەنە بىر ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۇلۇپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش قانۇنىيېتىنىڭ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرىۋەتتى.
مەيلى نىشانلىق ئوقۇتۇش بولسۇن ،مەيلى ئىككى ئاساسەن بولسۇن،مەيلى مائارىپىمىزدىكى باشقا ئىسلاھات خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر بولسۇن ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىجتىمائىي بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاساسىي مەخسەت قىلغان،شۇنداقلا يەنە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ،قوشۇننىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، قالغان خىزمەتلەرنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشنى ئاخىرقى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئىدى. بىراق بۇ خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشىشىنى تەكشۈرۈدىغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىگى ئۈچۈن مەكتەپلەر خىزمىتى «خان كەلدى،كىگىز سال»تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىش خىزمىتىنىڭ ئورنى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسى تەكشۈرۈش بىلەن يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرمۇنچە ھەلەكچىلىك تارتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئەلۋەتتە.ھازىر مائارىپ خىزمەتلىرى تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن«ئاپاڭنى،ئاتاڭغا بىپەرداز كۆرسەتمە» دىگەن تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىپ، مائارىپىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى يا يۇقىرى بىلەلمەيدىغان،ياكى تۆۋەن يۇقىرىغا دىيەلمەيدىغان بىر ھالەت شەكىللىنىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا بىر يوشۇرۇن بوشلۇق پەيدا بولۇپ،بارغانچە كېڭىيىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە چوقۇمكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايلا قالماي، بەلكى مىللىي مائارىپىمىز ئېغىر خەۋپكە دۇچار بولىدۇ.
مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەكشۈرۈش نىمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى شۇنچە ساراسىمگە سېلىپ قويىدۇ؟ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي بىلىملىرىنى تەكشۈرۈپ، نەتىجىسىگە قاراپ ،مەكتەپلەرنىڭ ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە باھا بەرسە بولمامدۇ؟ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي بىلىم بىلەن تەربىيىلىشى نىشانغا يەتمىگەن بولسا ،قولىدىكى شۇ كادىرغا(ئوقۇتقۇچىنى دىمەكچى)دەيدىغىنىنى دەپ،مائارىپ ئىدارىلىرىگە قانداق قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، قىسقا ۋاقىتتا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلسا بولاتتىغۇ؟بۇنداق بولماسلىقتا تەكشۈرۈشنىڭ خېلى كۆپ تەكشۈرگىچىلەرنىڭمۇ بېشى قېتىقلىق.
ھازىرقى تەكشۈرۈشىمىز ئاساسەن قەغەز يۈزىدىكىنى كۆرۈدىغان بولغاچقا نۇرغۇن قەغەز ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مەمىلىكىتىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگىمۇ پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتسا كېرەك(ئۆزۈمنىڭ قارىشى)،ھەر بىر ئىدارە-ئورۇندا بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان قەغەزگە قاراپ ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كېتىدۇ.چۈنكى قەغەز دىمەكلىك يېشىللىق،دەرەخ دىمەكلىكتۇر.ئۇنى ئاز دەپ يەنە ئۇرۇپ چىقىرىغى،كۆپەيتىش ئىشلىرىغا سەرپ بولىۋاتقان مائارىپ مەبلىغىچۇ؟
يۇقارقى نۇقتىلار ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن دىققىتىنى قوزغايدۇ.
بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشمۇ ،ياكى تەكشۈرۈشنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ياراملىق تەكشۈرگۈچى ۋە مۇپەتتىش خادىملىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشمۇ ۋە ياكى تەكشۈرۈشكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم«ئىختىساس»ئىگىسىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشمۇ؟...
مەنبە: ئۆز يازمام |
|