- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-8
- تىزىملاش
- 2010-6-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 108سائەت
- جۇغلانما
- 844
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 214
- تېما
- 31
- توردا
- 108سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 0
- يازما
- 214
- تېما
- 31
|
نىمە ئۈچۈن مەكتەپلەردىكى ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ئۈنىمى تۈۋەن؟
تۇردى توختى
ئەخلاقى تەربىيە مەكتەپلەر تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھۇم ھالقىسى بۇلۇپ،بىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى ئاساسى مەقسەتمۇ ئۇقۇغۇچىلانى ئەخلاقى جەھەتتىن ياراملىق قىلىپ تەربىلەش ئاساسىدا،ا ئاندىن ئەقلى،جىسمانى گۈزەللىك،ئەمگەك،دۇنيا قاراش... توغرىسىدا سېسىتمىلىق تەربىيە بىرىشتىن ئىبارەت.
نىمە ئۈچۈن تەربىيەنىڭ بىرىنچى مەقسىدى ئەخلاقى جەھەتتىن ياراملىق-پەزىلەتلىك،باتۇر،كەسكىن،ئەتراپلىق يىتىشتۈرۈش بۇلۇدۇ؟بۇنى تۈۋەندىكى ھۈكۈمدىن كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
قايسى بىر دانا، ئادەمنىڭ قابۇليىتى بىلەن ئەخلاقى مۇناسىۋىتىگە باھا بەرگەندە تۈۋەنكى ھۈكۈمنى ئوترىغا قۇيۇپ،بۇ ئىككىسى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ، ئاخرقى نەتىچىسىنى بىكىتىپ چىققان.ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ،ئادەملەرنىڭ ئەخلاقى قابۇليىتى بىلەن بىلىم ئىگەنلەش قابۇليىتى مۇناسىۋەتنى‹‹بىلىملىك بۇلۇپ ئەخلاقلىق بولمىسا خەتەرلىك مەسۇلات،ئەخلاقلىق بۇلۇپ،قابۇليەتسىز بولسا بوراق مەسۇلات،ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابۇليەتلىك بولسا ئەلا مەسۇلات ››دەپ ئوترىغا قۇيۇپ،ئەخلاسىزلىق،پەزىلەتسىزلىكنىڭ بىر ئاپەت ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرگەن،ئادەم تەربىلەشتە ئەخلاقنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىماسلىقنى ئوترىغا قويغان.
بىلىم بىلەن ئەخلاقى پەزىلەتنى بىر يەرگە قۇيۇپ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن پايدا زىيىنىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولمىسىمۇ،بىراق ئىككىسىنى مۇجەسسەملەشتۇرگەندىن كىيىنكى دۇنيانىڭ رەڭدارلىغىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىغى ھەممىمىزگە ئايان.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى ئەخلاقى تەربىيەنىڭ قانداق بۇلۇشى كەلگۈسىدىكى مىللەتنىڭ ساپسسىنىڭ،دۆلەتنىڭ گۈلىنىشىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى.بۇ نوختىنى تۇنۇپ يەتكەن دۆلىتىمىز،‹‹دۆلەتنى ئەخلاق،قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش››نى ئوترىغا قۇيۇپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
دولەتنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مەكتەپلەرمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىغىنى تۈنۇپ يىتىپ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشۋاتقان بولسىمۇ،بىراق ئۈنىمى تۈۋەن بۇلىۋاتىدۇ.
نىمە ئۈچۈن مەكتەپلەردىكى ئەخلاقى تەربىيەنىڭ سۈپىتى قانچە تەكىتلىگەنچە شۇنچە تۈۋەن بۇلۇدۇ؟بۇ مەسىلىنى تۈۋەندىكى تەرەپلەردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ-ئۇقۇتقۇچىلار،ئۇقۇتۇش تۈزۈلمىسى،ئاتا ئانىلار،جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائى ئەخلاقى ۋە تەشۋىقات جەھەتتىكى ناتوغرا ئىللەتلەر.يىغىپ ئېيتقاندا ئىقدىساتنىدىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شامىلىدىكى ‹‹پۇل››چۈشەنچىسى بۇيۇچە خۇلاسىلىغاندا، پۇلنىڭ قۇل قىلىشى قاتارلىق ئامىللار.
1.ئۇقۇتقۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا بىۋاستە ئەخلاقى تەربىيە بىرىپ،ئۇلاردا دۇنيا قاراش تىكلەيدىغان ئاساسلىق كىشىلەر.ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى دوراپ،كۈرۈپ ئۈگۈنۈشتەك ئۈگۈنۈش شەكلىگە ئىگە كىشىلەر.بۇلارنىڭ ئۈگۈتۈش،ئۈگۈنۈش مۇناسىتىدىدە قانداق مەسىلە سادىر بولغان بولسا،ئۇقۇغۇچىلاردا شۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سادىر بولىدۇ.
بىز ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ باقايلى،بىزنىڭ تاماكا چىكىپ ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىمالال يۈرىشىمىز،ھاراق ئىچىپ،ئۇلارغا ئاتقان پولىرىمىز،يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئۇپا-ئەڭلىكنى بولىشىغا سۈرۈپ،بۇيىغا يىتىپ قالغان ئۇقۇغۇچىلار ئالدىدا ئەزۋەيلىشىمىز،ئۇقۇغۇچىلانى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىشىمىز،مەكتەپ بۇيرىغان ئىشنى قىلمايدىغانلىغىمىزنى بىلدۈرۈپ،نوچىلىغىمىزنى ئىپادىلەپ،غەۋغا قىلغانلىرىمىز،كۈننىڭ ئۆتىشىنى تۆت كۈزىمىز بىلەن كۈتۈشلىرىمىز...(يۇقارقىلار ناھايتى قىسمەن ئەھۋال بولسىمۇ) ئۇقۇغۇچىلارغا قانداق تەسىر قىلار؟سىز ئاق-قارنى پەرىق ئەتكەن زىيالى بىرىنى قىلسىڭىز، ئوسۈپ يىتىلىۋاتقان باللىرىمىز مىڭنى قىلماسمۇ؟
مەن بىرىيلەندىن مۇداق بىر ھىكايە ئاڭلىدىم.
بىر ئايال ئۇقۇتقۇچى ياقىسى تۈۋەن كوينەكنى كىيىپ باشلانغۇچىنىڭ تۈۋەن يىللىقىغا دەرس ئۆتكىلى كىرىپتۇ،دەرس ئۈتۈش جەريانىدا بىر ئۇقۇغۇچى بىر مەسىلىنى چۈشىنەلمەي ئۇقۇتقۇچىدىن سورپتىكىن ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىنىڭ پارتسىغا مەيدىسىنى قۇيۇپ مەسىلە چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.ئۇقۇغچى چۈشەندۈرۈشكە قۇلاق سالماي ئۇقۇتقۇچىنىڭ مەيدىسىگە قاراپتۇ.ئۇقۇتقۇچى خىجىل بولماستىن:
-ھەي شۇم نىمەگە قارايسەن،ئاپاڭنىڭكىگە ئوخشامامدىكەن دىگىنىچە يەنە ئەزۋايلاپتۇ...
ئۇقۇتقۇچىدا ساقلىنىۋاتقان بۇنداق پەزىلەتسىزلىك، ئەلۋەتتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ .
2.ئۇقۇتۇش تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلىلەر
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسى ماشىنا ئەمەس-ئەلۋەتتە.ھازىرقى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىسىز قىلغان پەن تۈرلىرى ناھايتى كۆپ،ھەپتىسىگە 35-36سائەت دەرس ئورۇنلىشىقلىق.بۇ دىگەنلىك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىجدىمائى پالىيەتلەرگە جۇملىدىن مەكتەپتە پالىيەتكە قاتنىشىش مۈمكىنچىلىك يوق.بۇنداق بۇرۇقتۇرۇملۇقمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن بىزار قىلىدىغان ئىللەتكە ئايلاندى.دەرسلىكنىڭ تەلىۋىدە ئۇقۇغۇچىلارنى تۇرلۈك ئىجدىمائى پالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش تەلەپ قىلىنسىمۇ،بىراق ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ،مەكتەپنىڭ سىرتىغا ئاساسەن چىقىرىلمايدۇ.تۇرلۈك ئىجدىمائى پالىيەت مەزمۇنلىرى شۇ پېتى كىتاپتا قالىدۇ.ئىجدىمائى پالىيەت بولسا ئەمىليەتتىن ئۆتكىزىش پالىيەتى ھىساپلىنىدۇ.ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن نەزىريە ئۇقۇغۇچىنىڭ مېڭىسىدىمۇ نەزىريە پېتىدا ساقلىندۇ-خالاس.بۇ مېمىلىكىتىمىز مائارىپى ھەل قىلالمىغان تۈپكى مەسىلە.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز بىلەن جەمىيەتنىڭ ئوترىسىدىكى ھاڭ يوغۇناپ كەتكەن.
مىنىڭ بىر تۈنۇشۇنمنىڭ ئوغلى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇيتتى،ئۇ ئىككىنچى يىللىققا(تۇلۇقسىز)چىققاندا دەرسلەردە چىكىنىپ كىتىپتۇ.ئۇ ئوغلى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ بولالماي،مىنى ئىزدەپ كىلىپ مىنىڭ سوھنەتلىشىپ بېقىشىمنى ئۆتۈندى .مەن ئۈنىى ئىزدەپ بېرىپ،مۇشۇ جەھەتتىن ئېغىز ئېچىشىمغىلا:
-مالىم،مەن ماشىنا ئەمەس،8سائەتتە سەككىز مالىم دەرسكە كىرىپ،دەرس ئوتسە ھەممىسىنى بىلىدىغان دىدى.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئاستا سىنىپتىن يېنىپ چىقتىم.باشقا ئۇقۇغۇچىلار بولغىنىدا تېخىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بۇلاتتىم.
يەنە بەزى ئۇقۇتقۇىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇقۇغۇچىلار دەرس ئۇقۇتقۇچىلىردىن:
- بىزگە بىر سائەت بەرسىڭىز،بىز تەنتەربىيە ئوينىۋالساق دەپ ئوتىنىدىكەن.بۇ ئاددىلا گەپتەك قىلىنغان بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ قاغىجراپ كەتكەن يۈرگىدىن چىققان ھەقىقى بىر چوقان...
مۇشۇنداق زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەزىريەمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئىنتىزامسىزلىق قىلىپ،ئىش تېپىشىغا سەۋەپچى بولغان.بەزى ئۇقۇغۇچىلار بۇنداق ئىنتىزامسىزلىقنى‹.ئەمىليەت-پالىيەت دەرسى››قىلۋالغان.بىز ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەي داۋاملىق تەنقىت قىلغان،تەنقىت قىلغاندىمۇ قەلبىنى زېدە قىلدىغان تەنقىت بىلەن ئۇلارنى داۋاملىق خاتالىق ئوتكۈزۈشكە يىتەكلىگەن.چۈنكى مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى بۇ نوقساننى بىچارە ئۇقۇتقۇچىنىڭ تۈزۈتۈشكە قۇدرىتى يەتمەيدۇ-دە...
3.ئاتا-ئانىلاردىكى مەسىلىلەر
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرىنى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىمىز بىلەن تەربىيلەپ چىقىشتا مەسئۇليىتى ئەڭ زور كىشىلەر ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق دىيىشىمىزدە ئۇلار تەلىم-تەربىيە بىرىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇلار ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەتلەرنى پەرزەنتىلىرىگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشى كېرەك.مەسىلەن:
مەكتەپلەردە ئۈلۈم ئۈزۈتۈش مەدىنىيەتى ئۇقۇغۇچىلارغا ئۈگۈتىلمەيدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرىگە مۇشۇنداق بىر قايدىنىڭ بارلىغىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
بۇنداق مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشتا ئەڭ ئاۋال ئاتا-ئانىلار شۇنداق بىر قايدە يۇسۇننىڭ بارلىغىنى،ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىشى كېرەك.بىز زادى قانچىلىك بىلىمىز؟
بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى،مەدىنىيەت،ئەنئەنە چۈشەنچىسى،مىللى ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.مىللى ئېڭى بولمىغان ئاتا-ئانىلار،ئەنئەنىنى بىلمىگەن ئاتا ئانىلار پەرزەنتىلىرىگە مىللى ئەخلاق بىرىش مەسئۇليىتىنى ئۆتەلمەيدۇ.ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىغان ئاتا-ئانىلار بەك كۆپىيىپ،بۇ بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
بۇنىڭ بىر مىسالى قۇربان ھېيىتتا پەتىلەشتىن ئىبارەت گۈھەرنى،چاقىرىپ كىرىپ،ئىچىشىشتەك بىر پاسسىقلىققا تىگىشۋاتقىنىمىز....
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىللىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى يېزىدا بولغاچ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى بەك تۈۋەن،ھەق-ناھەق قارىشى يوق دىيەرلىك،بۇگۇننى كۈرۈپ،ئەتىنى كۆرمەيدۇ...بۇنداق رىياللىق مىللىتىمىزنىڭ ئائىلە باشقۇرۇشى ۋە ئائىلە ئەخلاقىدىمۇ قىسمەن مەسىلىلەرنى سادىر قىلغان.بالىلىرى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە تەربىيىنىڭ ئورنىغا ھاقارەت،مۇش،شاپىلاق...قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ پەرزەنتىلىرىنىڭ كۆڭلىدە جاراھەت ھاسىل قىلىۋاتقان...بۇنىڭ بىلەن سەبىلەرنىڭ كوڭلى ئاستا-ئاستا مۇزلاپ،ئادىمىلىكتىن ياتلىشىۋاتقان...
4.جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائى ئەخلاقى
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ساپاسىغا جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائى ئەخلاقى بىۋاستە تەسىر كۈرسىتىدۇ. ھازىر جەمىيەتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق جەمىيەتنىڭ بىرقىسىم قاراڭغۇ تەرەپلىرى ھازىر ئۇچۇق ئاشكارا يۇرۇق تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ‹‹ساتراچخانىلار››،ھاراقكەشلىك،‹‹لەيلەيچىلەر››،يوللاردا يېرىم يالىڭاچ يۈرگەن قىزلار،قىزلادەك ياسىنىۋالغان ئوغۇللار،ئوغۇلدەك ياسىنىۋالغان قىزلار،بىر بىرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ ئەكىلىشىپ مېڭۋاتقان ياشلار...مۇشۇلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا تەسىرى يوقما؟مىنىڭچە ئۇلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ئۈسۈپ يىتلىشىگە بىۋاستە تەسىرى بار.بۇلارنى ئۇقۇغۇچىلار بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خالاپ ۋاستىلىق ئۇچرىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ تەسىرىمۇ ناھايتى يامان بولماقتا.تورخانا،ئۇيۇنچۇقخانا دىگەنلەر ئۇقۇغۇچىلارنى يامان،پاسسىق نەرسىلەر بىلەن ۋاستىلىق ئۇچراشتۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش پالىيەتىگە باشقا مەزمۇنلارنى ئارلاشتۇرۋېتىپ،ئۇقۇغۇچىنىڭ كاللىسىنى خىلمۇ-خىل زىدىديەتكە تولدۇرۇپ،ئۇلاردا قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان ،بولىشىغا،ھىسىياتىغا تايىنىپ ئىش كۆردىغان ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە...
جەمىيەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش كۈچىنىڭ تۈۋەن بۇلىشىمۇ نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش ئېڭىنى بوغۇپ،ئاتا-ئانىلاردا ئادەمگە دەسمايە سالسا بولمايدىكەن دىگەن تۇنۇشنى شەكىللەندۈرۈپ،‹‹ئۇقۇش ئەسقاتمايدۇ››نەزىريىسىنىڭ باش كۈتۈرۈشىگە سەۋەپچى بۇلۇپ،مەكتەپنى تۇرمىدەك كۈردىغان ناھايتى ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتىلەرنىڭ بارلىققا كىلىشكە سەۋەپچى بولماقتا.
5.بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزدىكى مەسىلىلەر
رادىيۇ، تىلىۋۇزۇر دىگەنلەر ھۈكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ،ھۈكۈمەتنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىنىڭ يۇرۇشۇش،ئۇمۇملىنىشىغا بىۋاستە توھپە قۇشىدىغان مۇھىم ئاخبىرات ۋاستىلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ھالا بۇگۈنكى كۈگە كەلگەندە ئۇنىڭ يەنە بىر خىل ۋاستىچىلىق رۇلى بارلىققا كىلىپ،ياش- ئوسمۇرلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۋاتىدۇ...
سىزنىڭچە رادىئۇ،تىلىۋيزۇرلاردا ئاڭلىتىۋاتقا‹‹ئۇزارتىدۇ،كۇچلاندۇرۇدۇ،چوڭايتىدۇ...››دىگەن خەۋەرلەر شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللارنىڭ كوكسى،جىنىسى يولى...ئەرلەرنىڭ ئىچكى-تاشقى بورەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشلىرىنىڭ قۇشىلىشىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ‹‹سېرىق ››مەزمۇندىكى فلىملار بىلەن رولى ئوخشاش.بۇلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى زەھەرلەش دەرجىسى، نەچچە ئون مالىمنىڭ ئۇقۇغۇچىغا نەچچە يىل بەرگەن تەربىيەسىگە قارغاندا ئۈنۈملۈك.
بۇنداق نەرسىلەرنى پەرزەنتىلەر ئاساسەن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كۆرگەچكە ئاتا-بىلەن بالا ئوترىسىدىكى پەدى-شەپ قالمىغان.
6.پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇش
ئىقدىسادى قۇرلۇشنى مەرگەز قىلىشتىن ئىبارەت بۇيۇك سىياسەت ئوترىغا قۇيۇلغاندىن بىرسى ھەممىدە ئىقدىساتنىڭ كۈچى تەكىتلىنىپ تۇرۋاتقان بولغاچقا ھەم ئىقدىساتنىڭ نۇرغۇن ئىشلارغا قادىر بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلەنگەچكە كىشىلەرىمىزدە قارغۇلارچە ئىقدىسادى ئاڭ يىتىلىپ،مەدىنىيەت ۋە ئەخلاقى ئاڭنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە...مەن بۇ توغرىدا جىق گەپ قىلماي بۇ تەرىپى ھەممە ئادەمگە ئايان.
يۇقارقى تەرەپلەرنى ئومۇمىلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا بىز مەكتەپلەردىكى ئەخلاقى تەربىيەنىڭ،قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنىڭ ئۈنىمىنىڭ نىمىشقا تۈۋەن بولدىغانلىغىنى ھىس قىلىمىز.ئەتراپنىڭ مۇھىتى،ئىچكى ئامىل بولغان مەكتەپ بىلە ئائىلىنىڭ ھالى شۇ تۇرسا بىز دىگەن دەبدىبىلىك گەپلەرنىڭ كۈچى قانداق بولماقچىدى؟بۇ مەسىلىنى تۇنۇپ يەتكەن چېغىمىزدا بىز پەرزەنتىلىرىمىزنى ئەتراپلىق تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.پۈتكۈل جەمىيەت تىرىشقاندىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندىماق ئانچە ئاسان بولمايدۇ.چۈنكى بىز دەۋاتقان ئۇقۇغۇچى سىز بىلەن بىزدەك جاللىق ئادەم.
جانلىق ئادەملەرنىڭ ئۇچۇر قۇبۇل قىلىش يوللىرى كوپ بۇلۇپ،ئۇنىڭ قانداق ئۇچۇرلارنى ئەقلى خۇلاسىگە كۈتۈرىشى بىز ئۈچۈن بىر سىر.بۇنىڭ مىسالى دۇنيادا ئادەم مېڭىسىدىن مۇرەككەپ ھىچقانداق نەرسە يوق...
ئۆز يازمام. |
|