ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ سىرى .
مىلادىيە 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ، پېرۇدىكى لىمانىڭ يېقىن ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر يەرلىك ئىندىئان قەبىلىسى ئۆزلۈكسىز ئەتراپتىكى قوشنا قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق يېڭى بىر قوللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت _ ئىنكا ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ چىققان . بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى كۇزىتىك دەپ ئاتىلىدىغان جايدا بولغان .
ئېيتىلىشچە ، ئىنكالىقلار قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنغان . ئالتۇننىڭ جۇلاسى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش پارقىراق بولغاچقا ، ئىنكالىقلار ئالتۇنغا قەۋەتلا ئامىراق بولۇپ ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئالتۇن توپلىغان . ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ ئالتۇنلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ ، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا - سارايلىرىغا زور مىقداردا ئالتۇن ئىشلىتىلگەن . كۆپ ساندىكى ئىنكالىقلار ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى تاقىغان ۋە ئالتۇن ساقلىغان .
ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ ئالتۇنلىرى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بىر قىسىم مۇستەملىكچىلەرنىڭ نەپسىنى تاقىلداتقان . مىلادىيە 1525 - يىلى 1 - ئايدا ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكچى فرانسىسكو ، پىزارۇ ئىسپانىيە مۇستەملىكچى قۇشۇنلىرىنى باشلاپ ئىنكا ئىمپېريىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ، ئىنكا ئىمپېريىسىدە ساقلىنىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇنلارنى بولاڭ - تالاڭ قىلماقچى بولغان . 1532 - يىلى پىزارۇ قوشۇن باشلاپ ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ كافاما شەھرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ھىيلە ئىشىلتىپ ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ پادىشاھى ئاتاۋارپانى 400 مىڭ كىلوگىرام ئالتۇن تاپشۇرۇپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشقا قىستىغان . ئاتاۋارپا نائىلاج پىزارۇنىڭ تەلپىگە ماقۇل بولغان ھەمدە پۇقرالىرىغا پىزارۇغا ئالتۇن تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان . ئەمما ئىنكالىقلار كافاما شەھرىگە ئالتۇن توشۇپ بېرىۋاتقاندا ، غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇنلارغا ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرغان كۆڭلى قارا پىزارۇ قانائەتلەنمەي تۇيۇقسىز پىلانىنى ئۆزگەرتكەن ۋە غەلىيان كۆتۈرمەكچى بولغان دېگەن بەتنام بىلەن پادىشاھ ئاتاۋارپانى كافاما شەھەر مەيدانىدا قەتلى قىلىپ تاشلىغان .
پىزارۇ ئىنكا پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ پايىتەختى كۇزتىكقا بېسىپ كىرگەن . پىزارۇ ئۆزىچە ئەمدى ئىنكالىقلار تارىختىن بۇيان توپلىغان ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا كىرگۈزىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىققان .
پىزارۇ قوشۇن باشلاپ كۇزتىكنى ئىشغال قىلغاندىن كيىن ، ئىسپانلار ھەممىلا جايدا ئالتۇنلارنى ئىزدىگەن . مۇستەملىكچىلەر جۇلۇقى چىقىپ كەتكۈچە قاتىراپ ، بەزى ئالتۇن بىلەن زىننەتلەنگەن ئىبادەتخانا ۋە ئوردا - سارايلارنى ئۇچراتقان ھەمدە كۇزتىك شەھرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر ئۆڭكۈردىن بىر قىسىم ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان قىسقۇچپاقا ، يىلان ، ئۇچار قاناتقا ئوخشاش قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما شۇنچە ئىزدەپمۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق كۆپ ئالتۇننى تاپالمىغان .
پىزارۇ ئىنتايىن غەزەبلىنىپ ، مەغلۇبىيتىگە تەن بەرمەسلىككە قەسەم قىلغان بىركۈنى ، مەلۇم بىر ئىنكالىقنىڭ ئىنكا چېگرىسى ئىچىدىكى ۋۇنراگونىكا بازىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر ئۆڭكۈرگە پادىشاھنىڭ ئىنىسى ئاسۇكا توپلىغان زور مىقداردىكى ئالتۇنلار يۇشۇرۇپ قويۇلغانكەن دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان پىزارۇ خۇشاللىقىنى باسالماي دەرھال سەركەردە - سەرۋازلىرىنى توپلاپ ، ۋۇنراگونىكا بازىرىغا ئاتلانماقچى بولغان . ئەمما ئۇ ھەممە تەييارلىقنى تەخلەپ يولغا چىقماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىنكالىق سىرلىق ھالدا غايىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن پىزارۇ ئۆڭكۈرنى تېپىش خىيالى يوققا چىققان .
مىلادىيە 1533 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ، پىزارۇ پادىشاھ ئاتاۋارپا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىنكادىكى ئالتۇنلارنى بىر قىسىم ئىندىئانلار ئوغۇرلۇقچە ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ " مۇقەددەس جايى " بولغان كاكات كۆلىگە يوشۇرۇپ قويۇپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان . پىزارۇ بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن ، 1533 - يىلى 12 - ئايدا قول ئاستىدىكى دىيگا دىيگالو بىلەن پىترو مارتىسنى كاكات كۆلىگە بېرىپ بايلىقلارنى ئىزدەشكە ئەۋەتكەن . ئۇلار كۆلنىڭ ھەممىلا جايىنى ئاختۇرۇپ ، تاكى پىزارۇ قەسىتكە ئۇچراپ ئۆلگەنگە قەدەر ، يەتتە - سەككىز يىلغىچە ئىزدىگەن بولسىمۇ ، ئەمما كۆلدىن غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇنلارنىڭ دېرىكىنى تاپالمىغان .
پىزارۇ كېيىنكى بىر قىسىم ئىسپانىيە مۇستەملىكچىللىرى ئىنكا ئىمپېريىسىنىڭ پايىتەختى كۇزتىكنىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا زاكزايۋان دەپ ئاتىلىدىغان بىر قورۇلنىڭ بارلىقىنى ، قۇرۇلدىكى لەخمىلەرنىڭ ئىنكالىقلارنىڭ بايلىقلارنى ساقلايدىغان ئەنئەنىۋى جايى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەن .
قورۇل ئىچىگە يەنە قۇياش ئىلاھى قورۇل ئىچىگە يەنە قۇياش ئىلاھى ئىبادەتخانىسى ، شاھانە مۇنچا ۋە ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى قاتارلىق تۈرلۈك قورۇلۇشلار سېلىنغان بولۇپ ، قۇرۇلمىنىڭ مەركىزى قىسمىغا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر يۇمىلاق مۇنار ياسالغان . پۈتكۈل قۇرۇلمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ، گويا بىر ئېزىتقۇ ئوردىغا ئوخشاپ كەتكەچكە ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىللىرى ھەرقېتىم بۇ قۇرۇلغا كىرگەندە قايمۇقۇپ قالغان . ئۇلار بۇ جاينى شۇنچە قېدىرىپمۇ ، باشتىن - ئاخرى لەخمىگە كىرىدىغان مەخپىي ئېغىزنى تاپالمىغان .
ئىسپانىيە مۇستەملىكچىللىرى ھەر قېتىم قورۇل ئىچىگە كىرىپ نەتىجىسىز قايىتقاندىن كېيىن ، يەنە ئىنكا ئىمپېريىسىدىكى غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇنلار بىلەن جاۋاھىرلار ئېھتىمال ئاندىس تاغ تىزمىلىردىكى ماچىبوچوك دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىرلىق قەلئەگە يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىشاننى ئۆزگەرتىپ ، ماچىنوچوكنى تېپىشقا ئاتلانغان . ئىسپانىيە مۇستەملىكچىللىرى ئاندىس تاغ تىزمىللىرىدىكى تۇتاش چوققىلار ۋە قويۇق ئورمانلىقلاردا ئىزدەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ماچىبوچوك قەلئەسىنىڭ سايىسىنىمۇ ئۇچۇرتالمىغان . ( داۋامىغا قىزىقىدىغان تارىخچىللىرىمىزغا قارتا كىيىن قالدۇرسام قانداق دەيسىلەر ............. ھازىرچە خوش ...) |