ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مەدىنىيەت ۋە تارىخ › پروفېسسور-- ھوشۇر ئىسلام تەرجىمھالى
كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 4
go

پروفېسسور-- ھوشۇر ئىسلام تەرجىمھالى

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
291 
تېما
81 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-27 02:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپرانت يېتەكچىسى . ئىككى قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس (ئۈچ قارار ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمنىڭ بىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر – ئۇچۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى . 1982 – يىلى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1984 – يىلى كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1997 – يىلى ئامېرىكا رايت ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان .


پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام دۆلەتلىك 211 قۇرۇلۇشى ‹‹ شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە ئىلمى ›› نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، كومپيۇتېر – ئۇچۇر ماگستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل – يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . بىرنەچچە يىلدىن بېرى 40 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانچلارنى تەربىيىلىگەن . خەلقارالىق ، مەملىكەتلىك ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالا ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى تۈزگەن . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئېلېكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا .


پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىرغىچە 863 يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتە تۈرگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقاتىدىن ئۈچ تۈرگە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 15 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئالتە تۈردە مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت ۋە خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن سەككىز تۈرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا . ئۇ سەبداشلىرى بىلەن 20 يىل ئىجادىي ئىشلەش ئارقىلىق ، ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇر – تېخنىكىسى ئىشلىرى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىقتىدارلىشىش ، تورلىشى ، كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىسىگە كۆتۈردى . 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ۋە چەت ئەللەرگە تارقالدى . ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ساھەسى بارلىققا كەلدى . بۇ تەتقىقات بازىسى رايونىمىزنىڭ كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بازىسىغا ئايلاندى . ئۇ قۇرغان ئۇنىۋېرستېت فاڭ يۈۋەن ، لەنخۇا ، سەردار شىركەتلىرى بازا بىلەن بىرلىشىپ تەتقىقات ، ئىشلەپچىقىرىش ، سودا – مۇلازىمەت ۋە ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بازىغا ئايلاندى .


ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەردەك ئىسلاھات ، رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان – شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجاد ، روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشتا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئىلىم – پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەم ئۈلگە ، نەمۇنە تىكلەپ بەردى .




بىزنىڭ ھازىرقىدەك تورغا ئۇيغۇرچە تورغا چىقىشمىزغا ئاساس سالغان .

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-27 07:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ...

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-27 08:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق كىشىلىرىمىزنى ئەتىۋارلاش كىرەك......

توردا
1546سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
11 
يازما
2166 
تېما
91 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-27 10:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسز رەھمەت .............
خەيىر...................................................!

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-27 15:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالدۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.