ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلا
كۆرۈش: 441|ئىنكاس: 7
go

ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلا

توردا
197سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
587 
تېما
67 

شەرەپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 09:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ADDING-RIGHT: 20px; DISPLAY: block; PADDING-LEFT: 20px; FONT-SIZE: 11pt; PADDING-BOTTOM: 4px; LINE-HEIGHT: 19pt; PADDING-TOP: 4px">



1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى نيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىندىئانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن `تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقلار` ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى بىلىم ئادەملىرى بۇ كۆز قاراشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىغان.
بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كۆز قاراشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى. تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەندىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان “ھۆرىيەت” گېزىتىدە ئىندىئانلار راستىنلا چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەرمۇ؟` تېمىسىدا، رادىكال گېزىتىدە بولسا `تۈركىي مىللەتلەر ئىندىئانلارمۇ؟ ياكى ئىندىئانلار تۈركىي مىللىتىمۇ؟` تېمىسىدا، مىللىيەت گېزىتىدە بولسا `بىر بىرىمىزدىن پەرقىمىز يوق` تېمىسىدا خەۋەرلەرگە يەر بېرىلدى.
رادىكال گېزىتىدىكى خەۋەردە ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ يېزىلغان:”گەئورگەتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تۈركەر ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ د ن ئا تەھلىلى نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ ئىندىئانلار بىلەن بىر تۇغقان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىندىئانلار بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغان كىشىلەردۇر. 1233 – يىلىدا كۆچۈپ كەلگەنلەر بولسا چىڭگىزخاندىن قېچىپ كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.”
رادىكال گېزىتىدىكى خەۋىرىدە پروف. در. ئۆزدوغان ئەپەندىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۈركىي تىللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكىدىكى` ھاۋاسۇ` ناملىق كەنتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ تۈركچە سۆز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يىغىندا سۆز قىلغان گېئورگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مارجورىئە ماندەلستام بالزەر، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولسىمۇ، بەزى ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئىندىئان قەبىلىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەردە ئېيىق، بۆرە، قارچۇغىغا ئوخشاش ئورتاق توتېملەرنىڭ بارلىقىنى، سىبىرىيىدىكى ياقۇتىستاندا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئالاسكادا تۇرۇشلۇق ئىندىئانلارنىڭ تۆمۈرچىلىككە ئۇستا بولۇشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە شامانلارنىڭ قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە كالىفورنىيەدىمۇ بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا مىشىگېن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پروف. در. تىمۇر كوجائوغلى ئەپەندى سۆزىدە، ئىندىئانلارنىڭ تىلى بىلەن تۈركىي تىللار ئارىسىدا پەقەتلا لېكسىكا جەھەتتىن ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، سىنتاكسىس جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


ئۇيغۇر ئاكادىمىي تور بىكىتىدىن ئېلىندى.


http://uyghuracademy.com/?p=6981


چۈنكى سىلەر ئوغۇزخان تۇغىدىغان ئانىلار .

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 12:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(xahsanam) نىڭ تىمىسىغا قايتىش

ئويلاپ باقماپتىكەنمەن

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 12:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى بۇرۇن ئاشۇ تور بىكەتتە بىر نەچچە قېتىم گۆرگەن بولساممۇ مەن بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمىدىم .
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 12:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بىر تېما ئىكەن . قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ! ... ئۈزۈم بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى مەن ئىلگىرى بۇنداق نوقتىلارغا ئانچە دىگۈدەك نەزەر سالماپتىكەنمەن ، ئەمدى بىلىۋالدىم ... مۇشۇنداق تارىخىي نوقتىنەزەرلەر بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ... ياخشى تېما مۇنبەرنىڭ مەڭگۈلۈك تاللىشى بولسۇن ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 12:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويلاپ باقماپتىكەنمەن

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
104 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 16:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن .

توردا
143سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
354 
تېما
19 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-7-29 17:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس .. چۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنيىتى ،ئايرىم تىلى تۇرسا  شۇنداق تۇرۇپ ئۆزتىلىنى ..
مەدىنيىتىنى .مىللىتىنى ئۇنتۇپ قىلىشى مومكىنمۇ .....ۋەتىنى تاشلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مىللىتىدىن تانماس ...........ئۇنىڭ ئۇستىگە چىڭگىزخان دەۋىرىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىپ بولغان شۇنداق تۇرسا يەن ئۆز دىنىدىن، مىللىتىدىن ،تىلىدىن تىنىشى ..
مومكىنمۇ ،،،،،،،،،،،،قۇرۇق گەپ

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-7-30 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ئالىملارتەتقىق قىلىپ بىر نىمە دىسىۇن، بىزنىڭ بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىشكە بىلىمىمىز كەمچىل!
@تۆمۈركالا@
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.