- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-21
- تىزىملاش
- 2010-3-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 87سائەت
- جۇغلانما
- 953
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 344
- تېما
- 17
- توردا
- 87سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 16
- يازما
- 344
- تېما
- 17
|
لىن دا
ئالىمجان ئابلىز تەرجىمىسى
يېقىندا، ئامېرىكىدا يۈزبەرگەن بىر قاتار ئىشلار 60 يىل ئىلگىرى جوڭگۇ بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 6- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتىتى ئىككىگە قارشى 39 ئاۋاز بىلەن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھال سورىغۇچى ئاياللارنى مەجبۇرى ئېلىپ يۇرۇش قىلمىشى توغرىسىدا ئېنىق، رەسمىي كەچۈرۈم سوراشقا قىستاش توغرىسىدىكى قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى ماك. بېنتان ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لاھىيىسى نۆۋەتتە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.
ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسى دەپ ئاتالغان بۇ چىگىش دېلۇنىڭ باشتىن ئاخىرى نەتىجىسى چىقماي كەلدى، ظذ، تېنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپون ئارمىيىسى بىلەن بېسىۋېلىنغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيالىقلار ئىدى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە، ياپونىيە ئۈچۈن تېنچلىق ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ بېرىپ، دېموكىراتتىك ئەندىزىنى يولغا قويدى. شۇندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تەكلىپ لاھىيىسى مەسىلىسىدە، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتا باشلىقى بولوشنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇش ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن، ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى ئامېرىكىنىڭ ھال سورىغۇچى ئاياللار توغرىسىدىكى قانۇن لاھىيىسىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بۇ قانۇن لاھىيىسىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھېلىمۇ ياخشى، بۇ قېتىم دۆلىتىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارىتا « ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالىدۇ »، « باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دىگەندەك ئەيىپلەش سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدۇق.
ئۇنداقتا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاۋام پالاتا ئەزالىرى نىمە ئۈچۈن ياپونىينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، بۇ قانۇن لاھىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟ بىز ئىلگىرى، بارلىق دېپلوماتىك پائالىيەتلەر مەنپەئەتنى چىقىش قىلىدۇ، دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتتۇق. ئەخلاقىي تەنقىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي يوقىتىش، قىرغىنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەش، مۇقەررەركى، باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ياكى بىر خىل تەكەببۇرلۇقتەك كۆرۈنىدۇ، ھەم شۇنىڭدەك، يۇقۇرىدا تۇرۇۋېلىپ تۆۋەنگە قاراشتەك قىممەت قارىشى بويىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلىگەندەك بىلىنىدۇ. بىز ئەزەلدىن بۇ خىل ئەخلاقىي ئەيىپلەشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا باسقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدۇق.
ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە، بۇ ناھايىتى نورمال بىر ئىش. ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ھەرقايسى جايلاردىكى سايلام رايونلىرىدىن سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكلىپ لاھىيىسى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ياپونىيىدىكى سىياسى ئەرباپلارنىڭ ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گەرچە، بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ، ھال سورىغۇچى ئاياللار ئىچىدە ئامېرىكىلىق ئاياللار يوق بولسىمۇ، لېكىن، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خەلقئارالىق چوڭ مەسىلە. ئۇلار بۇنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، غەيرەتكە كېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جوڭگۇلۇق ۋە ئاسىيالىق ئاياللار ئۈچۈن ھەققانىي گەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلالىغان. ئىش مانا مۇشۇنداق ئاددى. ئۇلار ئەينى يىللىرى، پىدائى بولۇپ جوڭگۇغا كەلگەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرنىڭ تامامەن خالىسانە ھالدا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ناتونۇش دۆلەتتىكى ناتونۇش خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغىنىغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددى بولغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى چىقىش قىلغان.
بىز خەلقئارا ئىشلارغا مۇئامىلە قىلغاندا، ئاددى ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، خەلقارا مۇناسىۋەتتىمۇ مەنپەئەتتىن ھالقىغان ساپ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىزنىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، « سۇن زىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» قاتارلىقلارنى ناھايىتى كۆپ ئوقۇغان بولساقمۇ، دېپلوماتىيە قارىشىمىزنىڭ دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
گەپ بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جوڭگۇلۇق جاڭ چۇنرۇ « ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ قىرغىنچىلىق- 1937- يىلىدىكى نەنجىڭدىكى بالا- قازا » ناملىق كىتاپنى يازغاندىن كېيىن، بەزى ئامېرىكىلىقلار تەسىرلىنىپ، بۇ كىتاپنى ئاساسىي نۇسخا قىلىپ، ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داڭلىق رىژىسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىككى يىل ئىچىدە، ئالتە دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك ماتېرىياللارنى توپلاپ، قەممەتلىك ھۆججەتلىك خاتىرە فىلىم - « نەنجىڭ» نى سۈرەتكە ئالدى، بۇنىڭدا، « تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ باسقۇچتىكى تارىخنى بىلدۈرۈش» نى مەقسەت قىلدى. گەرچە، نەنجىڭ جوڭگۇدا بولسىمۇ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىشى بولسىمۇ، لېكىن، ھەققانىيەتنىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق، تەسىرلىنىشنىڭ، تارىخىي ساۋاقنىڭ دۆلەت چېگرىسى يوق. مانا مۇشۇنداق جامائەت ئاساسى بولغاندىلا، يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك پارلامېنىت تەكلىپ لاھىيىسى ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ.
بذ، يەنە بىر ئىشنى ئېسىمگە سالدى. يىل بېشىدا، جوڭگۇدىكى مەكتەپلەر بالىلارنى « توكيو سوتى» دىگەن فىلىمنى كۆرۈشكە كوللىكتىپ تەشكىللىدى. مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ ماڭا، كىنۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ يازغان ماقالىسىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ياپونىيىلىكلەرگە بولغان كۈچلۈك ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ دەۋاتقىنى تارىختىكى تاجاۋۇزچى ياپون ئارمىيىسى ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىكى خوشنا دۆلەت كىشىلىرى ئىدى. ئۇ ياپونىيىگە بارغان ئانىسىغا: « توكيو سوتى» نى كۆرگەندىن كېيىن، يەنە ياپونىيىگە بارىدىغان بولسىڭىز، سىزگە ئىلگىرى چىرايلىق كۆرۈنگەن مەنزىرىلەر چوقۇم ناھايىتى سەت كۆرۈنىدۇ، ئىلگىرى ياخشى كۆرۈنگەن ياپونىيىدىكى جايلار ۋە ياپونىيىلىكلەر چوقۇم ناھايىتى ئەسكى كۆرۈنىدۇ، دەپتۇ. مەن ئەينى ۋاقىتتا « توكيو سوتى» ناملىق بۇ كىنونى كۆرمىگەن ئىدىم، لېكىن، جوڭگۇدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئۆزگىچە شەكىل بىلەن تارىخقا مۇئامىلە قىلىشى مېنى ئەجەپلەندۈردى، مەن ئۇنىڭدىن: « ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشى قانداق؟» دەپ سورىدىم. ظذ: «ئوقۇتقۇچىمىز ساۋاقداشلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتتى» دىدى.
مېنىڭ ئەجەپلىنىشىمدىكى سەۋەپ، مەن ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى بالىلار قوبۇل قىلىدىغان تارىخ قارىشىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى رەقىپلەر. ياپونىيە ئارمىيىسى مەرۋايىت پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكا فىلوتىنى تامامەن دىگۈدەك يوقاتتى، تېنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ زور مىقداردىكى ئەسكىرى قۇربان بولدى. ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە ئەسىرلەرنى خورلاش بىلەن نام چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىق ئەسىرلەرمۇ بار ئىدى. نۇرغۇن كىنو ۋە خاتىرە فىلىملەردە بۇ باسقۇچتىكى تارىخ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. لېكىن، ئامېرىكىدا تارىخ تەربىيىسى ئۆچمەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇ بالىلارغا قارىتا، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ جىنايەتلىك تارىخنى ئاللىقاچان باشتىن كەچۈرۈپ بولغانلىقىنى، شۇڭا، ھەممە ئادەم تارىخىي ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاشۇ تارىخىي دەۋردىكى قەبىھ قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. موھىمى، بالىلارنىڭ قەلبىدە ھەقانىيەت تۇيغۇسى، مۇھەببەت ۋە ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى تىكلەش كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى تىكلەشكە بولمايدۇ.
تارىخنى خاتىرلەش ۋە نامايەن قىلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن، توغرا تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئېھتىمال تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.
« فىليەتون ئايلىق ژورنىلى» نىڭ 2007- يىللىق 11- سانىدىن ئالىمجان ئابلىز تەرجىمىسى. |
|