ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تۈركىي تىللار دىۋانى
كۆرۈش: 369|ئىنكاس: 5
go

تۈركىي تىللار دىۋانى

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-4 23:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۈركىي تىللار دىۋانى



مەھمۇد كاشغەرىي





ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلىنغان ھەمدە پەقەتلا 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقىتىلغان < تۈركىي تىللار دىۋانى >



(دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك) – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن مىلادىيە 1072 – 1077 – يىللىرى يېزىپ تاماملانغان. < دىۋان > دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل بايلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىقتىساد، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلمىي چۈشەنچىلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇلار ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت تارىخىنى، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىمممەتلىك مەنبەدۇر. < تۈركىي تىللار دىۋانى > دۆلىتىمىز مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن داڭلىق ئەسەرلەردىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى مۇھىم مىراسلاردىن بىرىدۇر.


< دىۋان > نىڭ تۇنجى نەشرى 1980 - 1984 - يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىپ نەشر قىلىنغانىدى. بۇ قېتىم ئاشۇ نۇسخا ئاساسىدا قايتىدىن ئىشلەپ، زۆرۈر تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە < دىۋان > نىڭ ئىندېكسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنىڭغا < دىۋان > نىڭ ئەسلىي قول يازمىسىنى قوشۇپ، جەمئىي ئىككى كىتاب قىلىندى. < دىۋان > نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئۇنىڭ دۇنيادىكى باشقا نەشر نۇسخىلىرى ئىچىدە سۈپەتلىك ۋە مۇكەممەل نۇسخىسى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئالاھىدە نەشر قىلدى، ھەمدە ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلدى ۋە مىراس سۈپىتىدە پەقەت 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقاتتى.





مەھمۇد كاشغەرىي



شەرق خەلقلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، تۈركىي خەلقلەردە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى، لۇغەت شەكلىدىكى قامۇسى ئەسەر < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ ئۇئەللىپى مەھمۇت ئىبنۇل ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممەدىل قەشقەرى شۆھرەتلىك ئورۇن تۇتقان.


مەھمۇد كاشغەرى قاراخانلارنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن ھېسابلىغاندا 7- ئەۋلاد خاقانى يۈسۈپ قىدىرخاننىڭ چەۋرىسى ھۈسەيىن ئىبىن مۇھەممەد، ئىبن سۇلايمان يۈسۈپنىڭ ئوغلى بولۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى قەدىمكى شەھەر – قەلئە ئوپالدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى بىر مەزگىل يىپەك يولىنىڭ بوستان يايلاق – ئالاقىلىرى ئىشىكى ھېسابلانغان ئىسسىقكۆل ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى بارسخان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان .



مەھمۇدقەشقەرى ۋە ئوتتورا ئاسىيادا ئۆز مەلۇماتىنى يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئۇيغۇر ، ئوغۇز ، قىپچاق دالالىرىنى كېزىپ ، خاقانىيە تىلى بىلەن ھەرقايسى تۈركىي تىللارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان . ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 464 (1072) – يىلىدىن 466 ( 1074) – يىلىغىچە ئەرەب تىلىدا < دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك > ( تۈرك تىلىنىڭ دىۋانى ) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، تابغاچ قارا بۇغراخاننىڭ قىزى، سالجۇق شاھى مەلىكىشاھ رەپىقىسى تۇركان خاتۇن كونتروللۇقى ۋە ھامىيلىقىدىكى باغداد خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا ئۆز كىتابىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ كېيىنكى ھاياتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈپ، ئۆز يۇرتى ئوپالدا ئالەمدىن ئۆتكەن .



تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان پەرھات جىلان ئەسەرلىرىدىن < مەھمۇد كاشغەرىي > ناملىق روماننى ئوقۇڭ.

مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
314 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 09:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت، ياخشى تېمىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ كىشىنىڭ يەنە < تۈركىي تىللار دىۋانى > دىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن ئېسىل ئەسەر لىرى بار بولۇپ بىزگە يىتىپ كەلگىنى پەقەت شۇ كىتاپ بوپتۇ، ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى!

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 09:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت تېما ئىگىسىگە ، بۇنىڭغائوخشاش تېما بولسا كۆپرەك يولىساق تورداشلار،
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
1546سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
2166 
تېما
91 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 09:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن ............رەھمەت ..........................
خەيىر...................................................!

توردا
399سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
503 
تېما
134 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 11:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق پايدىلنىش قىمىتى بار تىمىلا بولسا كوپىرەك يوللاپ تۇرۇڭ ؟.............سىزگە رەخمەت

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت جۇمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.