ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇر تورچىلىغىدىن مائارىپىمىزغا نەزەر
كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 9
go

ئۇيغۇر تورچىلىغىدىن مائارىپىمىزغا نەزەر

توردا
108سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
214 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-4 18:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇردى توختى

ئۇيغۇر تورچىلىغى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ،كەڭ تەرەققى قىلىش باسقۇچىغا كىردى.بۇ تەرەققىيات باسقۇچتا تورنى چۈشىنىدىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى.شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئىجدىمائى ساھىلەرگىچە چۈكۈپ كەتكەن تور ئابۇنىتلىرى رەڭگارەڭ تىمىلارنى يوللاپ ئۇيغۇر تور مەدىنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي ئۇيغۇر تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا ئۈزىنىڭ بىر كىشىلىك توھپىلىرىنىمۇ قوشۇشتى.
مەن 2007-يىلى 8-ئەيلاردا تور دۇنياسى بىلەن تۇنۇشۇپ،ئىلگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ،<<دىلداش مائارىپ تورى>>،<<شىنجاڭ مائارىپ تورى>>قاتالىق تورلارغا ئەزا بولدۇم ھەم ئاشۇ تور بەتلىرىگە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يوللىغانمۇ بولدۇم.كىيىن خىزمەتدىشىم ئەخەت كەلپىن ئىنسانىنىڭ تور ئەدىبىياتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ئارقىسىدا بەزى ئەدىبىيات مۇنبەرلىرىگە ئەزا بۇلۇپ،ياخشى ئەسەرلەرگە ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىنى يېزىپ،ئۈزەمنىڭ كۆڭلىنى ئۈزەم خۇش قىلىپ يۇرگەنمۇ بولدۇم.ئەدىبىيات ساھىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈر بولغاچقىمۇ ۋە ياكى ئۈزەمنىڭ سەۋىيەمنىڭ تۈۋەنلىگى بىلەن بۇ <<مۇنازىرە>>دەپ ئاتالغان تىل-ھاقارەتلەرنى چۈشىنەلمىدىممۇ بۇ يەرگىمۇ،تولا ۋاقىتلاردا رايىم تارتىمايدىغان بۇلۇپ قالدى...
2008-يىلى 8-ئايلارغا كەلگەندە مەن شىنجاڭ مائارىپ تورىغا تىزىملاتقان ئىسىمىم بىلەن زادىلا كىرالمىدىم.قايتا ئىسىمىمنى تىزىملاتسام <<بۇ ئىسىم تىزىملىنىپ بولغان>>دىگەن ئۇچۇر چىقىپ پەقەتلا كىرەلمىدىم.مائارىپ توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن نادىر تىمىلارغا بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن پىكىر ئئارالاشتۇرۇشقا ئامال بولمىدى.مىنىڭ كۆز قاراشلارنى بەكمۇ ئوترىغا قويغۇم بار ئىدى...شۇنىڭ بىلەن مەندە باشقا تور بەتلىرگە قاراپ بېقىش ئىستىكى تۇيۇلدى مەن مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن بىرقانچىسىنى ئارلاپ،ئاخىردا <<دىيارىم>>بىلەن<<شەبنەم>>گە ئەزا بۇلۇشنى مۇۋاپىق كۈرۈپ، بىرلا چاغدا ئىككىلا ئورنىغا راست ئىسىمىم بىلەن تىزىملىتىپ ئەزا بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىككى مۇنازىرە مۇنبىرىگە يېزىپ تەييارلىغان ئىككى ماقالىمنى ئايرىم-ئايرىم يوللىدىم.ھەر ئىككىسىدە ئەتىسى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىندى.ماقالىلارغا قېرىداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرىمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولدى.بۇلۇپمۇ مىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ماقالىنى كۆردىغانلارنىڭ سانى ھەر ھالدا بۇرۇنقى مۇنبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاز ئەمەس ئىدى...
قىسقىسى مەن ئەنە ئاشۇنداق قىسمەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن تور دۇنياسى بىلەن تۇنۇشتۇم ۋە ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان بىلىم،نۇرغۇنلىغان بايلىقلارغا ئىرىشتىم.(نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەرنى چۈشۈرۋالدىم ۋە ساقلىۋالدىم)
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدا تور دۇنياسى مىنىڭ بىر قىسىمىمغا ئالياندى دىسەم ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ.
مەن <<دىيارىم>>،<<شەبنەم>>مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ<< مائارىپ ۋە بىز>> سەھىپىسىنى كۈندە نەچچە رەت كۇرۇپ،مائارىپىمىز ۋە باشقا ئەل،باشقا مىللەت مائارىپىدا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىغىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرىمەن.مىنىڭ كومپۇيۇتۇرنى تورغا چاتقاندا قىلدىغان تۇنجى ئىشىم يۇقارقى سەھىپلەرنى يوقلاش بۇلۇپ ئادىن قالدى سەھىپە ۋە باقا تۇر بەتلىرىنى زىيارەت قىلىمەن.مەن مۇشۇنداق ئارلاش،كۈرۈش،كۆز قاراشلارنى ئالماشتۇرۇش ئارقىسىدا قېرىداشلاردا نۇرغۇنلىغان ئىسىل خىسلەتلەرنىڭ بارلىغىنى، بۇلۇپمۇ بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى بىرى-بىرنى ھۆرمەتلەش،بىرى-بىرىگە قېرىداشلارچە يەردەم بىرىش...لارنىڭ چىنلىغىنى ھەقىقى تۇنۇپ يىتىپ قېرىداشلارغا چىن دىلىمدىن قايىل بۇلۇپ،ئۇلارغا ھۆرمەتلىرىم شۇ دەرجىدە ئاشتى.
مەن مۇشۇنداق، گۈزەل قېرىداشلار دۇنياسىدا قېرىداشلىرىمنىڭ مۇندا چوڭ جەھەتتىكى ئىككى تۈرلۈك سەۋەنلىككە يول قۇيۇۋاتقانلىغىنىمۇ چۇڭقۇر ھىسى قىلدىم.بىرى قىسمەن قېرىداشلار تور ئەخلاقىغا قەتتى رىئايە قىلماي،شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ بۇلۇپمۇ ئۆز قېرىداشلىرىنىڭ ئىززەت-ھورمىتىگە داغ كەلتۈرۈپ،كىشى ئېغىزىغا ئېلىشتىن ئۇيىلىدىغان گەپلەرنى بازارغا سېلىپ ،قەستەن مۇنازىرە قوزغاپ تور جامائىتىنى چەشنە-پەشنە قىلىپ،بۇنداق نۇمۇسسىزلىقنى ئۇمۇمى خورغا ئايلاندۇرىۋېتىشكە تىرشىدىغان ئەھۋاللار،ئىككىنچى بىرسى بولسا قېرىداشلار ئىچىدىكى مائارىپ مۇنازىرىسىگە سەل قاراپ،مائارىپنىڭ مۇنازىرىسىنى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىغا تاشلاپ قۇيۇپ،ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلدىغان ئىللەت.(مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بەكەتلەردە ئۇمۇمى يۇزلۇك ساقلىنىۋاتىدۇ-ئۈزەمنىڭ شەخسى قارىشى)
مەن بىرىنچى نوقتىدا كۆپ توقتالمايمەن،قېرىداشلارنىڭ مائارىپقا بولغان تور دۇنياسىدىكى پۇزۇتسىيەسى ئۈستىدە قېرىداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
1.مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە تورغا كىرۋاتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زىيالىلار، مۇشۇنداق بىر زور قۇشۇندا نىمە ئۈچۈن مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرنىڭ سۈپىتى تۈۋەن بولىدۇ؟
مىنىڭچە بۇ قېرىداشلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ نوقتىدىن بىزنىڭ زىيالىلىرىمىزنىڭ مائارىپقا كۈڭۈل بۇلۇش دەرىجىسىنى كۆرۋالغىلى بۇلۇدۇ.مىللەتكە مەئۇل بۇلۇشتەك ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان زىيالىلارنىڭ قارىشى بۇ بولغاندا يەنە بىز كىمدىن ئاغرىنىمىز؟
2.مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلاغا ئىنكاس يازغاندا قىسمەنلىكنى ئۇمۇملۇقتەك كۆرسىتىپ،مائارىپىمىز ۋە ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئاغرىنىپ،ھەممىنى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قۇيۇپ،باشقا ئىجدىمائى سەۋەپلەر بىلەن كارى بولماسلىق ئىدىيەلىرى ساقلانغان.بىز ئويلاپ باقايلى بىر مىللەتنىڭ مائارىپىنىڭ ھۆدىسىدىن ئۇقۇتقۇچىلار مۇتلەق چىقالامدۇ؟ئەلۋەتتە مىللەتنىڭ مائارىپىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئۇقۇتقۇچىلار ئاچقۇچ.قۇلۇپنى ئاچقانكەنمىز مىنىڭ ھەركىم بۇ دۇنيادا ئۈزىگە چۈشلۇق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئۈستىگە ئالغان مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىشى مۇمكىن.
3.مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنىڭ تۈۋەن بۇلۇش مەسىلىسى ھەرقايسى بەتلەردە ئوخشاشلا كۈرۈلۋاتىدۇ.ھەر قايسى تورلاردا ئەركىن سىدىق،ئابدىشۈككۈر مەھەممەتئىن..قاتارلىق پىشۋالارنىڭ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنۋاتىدۇ بىراق بۇ ماقالىلارنىڭ چىكىلىش قېتىم سانى بەزى ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەمنى ئەپسۇزلاندۇرۇدۇ.مۇشۇنداق مەشھۇر ماقالىلارغا كۈڭۈل بىلدىغان ئادەملەرنىڭ ئاز بۇلۇشى مىللىتىمىز كىشىلىرنىڭ مائارىپ ئېڭىغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.
.......
مەن قېرىداشلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى مائارىپىمىزغا ئورتاق كۈڭۈل بىلىپ،ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى قوللاپ،مائارىپىمىز ئۈچۈن قايغۇرۇپ،ھىس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاختىدا تۈزىتىشكە تىرشىپ،مائارىپىمىزنىڭ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرشايلى!

يۇقىردىكى قاراشلار ئۈزەمنى شەخسى قارشى،ئۇمۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

ئىجادىيەت

توردا
149سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
570 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-4 21:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ..........

توردا
722سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
346 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 09:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز مائارىپقا كۇڭۇل بۇلىۋاتىمىز .........لىكىن كۇڭلىمىزدىن چىقىرىپ ئەمەس ..بىر خىل مەجبۇرىيەت ئۇچۇنلا .....................[مىنىڭچە...]

توردا
1546سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
2166 
تېما
91 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 10:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ..............نەدىكى ئەھمىيەتسز پۇچەك تىمىلار كۆپىيىپ كەتسە مۇشىنىڭغا ئوخشاش تىمىلارغا ئىنكاس يازىدىغان كۈردىغانلار ئازىيىپ كىتىدىكەن شۇڭا مۇنبەرلەردىكى پۇچەكلىك ئازايتىلسا ئاندىن مۇشىنىڭغا ئوخشاش پايدىلىق بولغان ياخشى تىمىلارمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقىشىغا ھەمدە ئۈزىنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىشغا پايدىلىق بۇلىدۇ .............
خەيىر...................................................!

توردا
337سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1623 
تېما
125 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئىجادكار ئەزا ئىتتىپاق ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 10:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن مائارىپقا كۆڭۇل بۇلۈش ھەمىمىزنىڭ پۇرچى.....ھەممە ئادەم ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇپ مائارىپقا يۇزلەنسە تېخىمۇ تەرەققى قىلغان بولاتتى........
لىكىن بىزنىڭ ئىدىيمىزدە مائارىپ ئۇچۇن ھەسسە قۇشۇش ئەمەس..بەلكى ئۇنى بېسىم ھېس قىلىمىز.........ھەي...

توردا
108سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
214 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 10:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى kalbidaxدە2010-08-05 10:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھەقىقەتەن  مائارىپقا  كۆڭۇل  بۇلۈش  ھەمىمىزنىڭ  پۇرچى.....ھەممە  ئادەم  ئۆز-ئۆزىنى  تۇنۇپ  مائارىپقا  يۇزلەنسە  تېخىمۇ  تەرەققى  قىلغان  بولاتتى........
لىكىن  بىزنىڭ  ئىدىيمىزدە  مائارىپ  ئۇچۇن  ھەسسە  قۇشۇش   ئەمەس..بەلكى  ئۇنى  بېسىم  ھېس  قىلىمىز.........ھەي...
بىزدىكى مائارىپ ئېڭى ئويغانغان چاغ بىزنىڭ مائارىپىنى بېسىم قىلىۋېلىشتەك نەچار ئىلىتىمىزنىڭ زاۋال تاپقان ۋاقتى بۇلۇپ قالىدۇ. مائارىپقا بولغان تۇنۇشىمىز توغرىسىدا بىشارەت بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

توردا
11سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
35 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 10:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتنىڭ 1- بولۇپ قىلغىنى مائارىپقا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سىلىپ كۆڭۈل بۆلۈشكەن .

توردا
337سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1623 
تېما
125 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئىجادكار ئەزا ئىتتىپاق ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 10:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

5-قەۋەت(turditohti) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

بىلدۇرۇپ قويغىنىڭىز.....سىزگىمۇ كۆپ رەخمەت

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 11:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز تېخى، مائارىپقا كۆڭۈل بۈلۈش دىگەننى بىلمەيمىز ، تېخى مائارىپ دىگەن نىمە دەيدىغانلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ،
مەن سىزنى مائارىپقا قانداق قىلغان كۆڭۈل بولگىلى بۇلىدۇ ؟ناملىق بىر تېما يېزىپ كەڭ تۇرداشلارغا سۇنىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
108سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
214 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-5 17:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

8-قەۋەت(dosyar) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

مەن ئويلىشىپ باقاي،تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.