ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ دۇنيانىڭ قەدىمى دەۋردىكى بەش مەدەنىيەت
كۆرۈش: 520|ئىنكاس: 6
go

دۇنيانىڭ قەدىمى دەۋردىكى بەش مەدەنىيەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ تارىخىي يازما خاتىرىلەرگە ئېلىپ بارغان سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇمكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا بەش چوڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بار. ئالىملار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرى دائىرىسىگە تۆۋەندىكى بەش رايوننى كۆرسىتىدۇ:
1.قەدىمقى بابىلون مەدەنىيەت رايونى. بابىلون گرك-ياۋروپا تىللىرىدا «مىسوپاتامىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. مىسوپاتامىيە ئىككى دەريا ساھىلى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئىراقتىكى ئىفرات دەرياسى ۋە دەجلە دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ). بۇ رايوندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 -يىللاردىن ئېتىبارەن بارلىققا كېلىشكە باشلىغان سومېرلىقلارنىڭ «سومېر تەسۋىرىي يېزىقى»، «سومېر مىخ يېزىق تارىخى»، بابىلۇن «ھامۇراپى قانۇنى»، ئاسسوريلىكلەرنىڭ ئالەمدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بابىلۇندىكى«مۇئەللەق باغچا» ھەمدە ئىككى دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، بىناكارلىق، مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۆجىزىلىرى تارىخ سەھنىسىگە مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن.
2 . شىمالىي ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ساھىلى مەدەنىي رايونى. بۇ رايوندا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يىل 365 كۈن بولىدىغان كالېندارنى كەشىپ قىلغان. قايتا تىرىلىش ۋە قىيامەت سوراقلىرى توغرىسىدىكى ئەپسانە-قىسسىلەرمۇ مۇشۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن. دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت، تۇنجى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيمۇ نىل دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن. ئالەمگە مەشھۇر مىسىر ئەل ئېھرامى، سان-ساناقسىز مومىيالار، يېزىق يادىكارلىقلىرى مۇشۇ رايون مەدەنىيتىنىڭ ئىزنا بەلگىسىدۇر. مۇشۇ سەۋەبلىك، گرېك تارىخشۇناسى ھېرودوت (مىلادىدىن بۇرۇنقى425-484يىللار) مىسىرنى »مىسىر نىل دەرياسىنىڭ بىزگە تارتۇق قىلغان سوۋغىسى «دېگەن .
3. گانگى دەريا ساھىلى مەدەنىيەت رايونى. بۇ رايوندا ھىندىلارنىڭ جاھانشۇمۇل «ۋىدا» شېئىرلار توپلىمى، «ماخاپخاراتا » ۋە «رامايانا» قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى، «پەنجىنامە»(بەشنامە) بالىلار ھېكايىلىرى، «كەلىلە ۋە دەمىنە»ھېكايىلەر توپلىمى، رەڭگارەڭ نوم-دەستۇرلار، تۈرلۈك-تۈمەن بۇت-ئىبادەتخانىلار، ئىنسانىيەت رەقەملىرى، ھەتتا شاھماتمۇ مۇشۇ رايوندا دۇنياغا كەلگەن. قەدىمكى ھىندىلارنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، سانسكرت تىل-ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل-مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىلارنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، سانسكرىت تىل-ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل-مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. خەلقئارا بازاردىكى داڭلىق دورا رېتسېپلارنىڭ % 40 ى ھىندىلارنىڭ قەدىمقى تىبابىتىنىڭ رىتسىپلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
4. قەدىمقى يۇنان مەدەنىي رايونى. گىرېتسىيە غەرب مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى، دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ يەنە ھازىرقى زامان دېموكراتىيە سىياسىتى، غەرب پەلسەپىسى، دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، غەرب سىياسيشۇناسلىقى، غەرب ئەدەبىياتى، دۇنيا تراگېدىيە ۋە كومېدىيىسىنىڭ ئانا تۇپرىقى، ئالەمشۇمۇل ئالىملار بولغان سوقرات، پلاتون، ئارستوتېل، ھېرودوت، شېسكورىت، سنوفىن، ئېسخىل، سوفوكىل، ئېۋرىپىدا، سىترابون، پتولمى، ئارىئەن، ھومېر، ھېسسئود، ئىزوپ، پىلىپپوسⅡ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين)، سېلۋىك نېكاتور قاتارلىقلار مۇشۇ رايوندىن چىققان.
5. جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىي رايونى. جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى، كوڭزىچىلىق تەلىماتى، چاڭچىلە سەنئىتى، يىپەكچىلىك مەدەنىيتى، چايچىلىق مەدەنىيتى، سەددىچىن سېپىلى، فارفۇرچىلىق ماھارىتى، خەنزۇچە خەت قاتارلىقلار ئالەمگە مەشھۇر. جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىشىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئىزچىللىق ۋە ۋارىسچانلىققا ئىگە.
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 20:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىڭى بىلىملەردىن خەۋاردار قىپسىز رەھمەت

توردا
498سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
791 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 20:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بەش مەدىنيەتنىمۇ بىلۋالدۇق ! تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .ئەجرىڭىزگە رەخمەت !

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 21:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە بارمۇ؟

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
314 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 21:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىل دەرياسى راس شۇنداق، بەك مەشھۇر دەريا. دەريانىڭ بۇ تەرىپىنى،يەنى بىز تەرەپنى ‹ماۋەرائۇننەھر› دەيدىكەن

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
314 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 21:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەجۇج-مەجۇجلار چىققاندا شۇ دەريانىڭ سۇيىنى ئىچىپ قۇرىتىۋىتەرمىش

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
74 
تېما
49 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 15:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تىمىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.