ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 4
go

ئاتىللا

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 22:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاتىللا


( قىسقىچە تەرجىمىھالى)



394 – يىلى مەشھۇر ھونلار پادىشاھى ئاتىللا تەۋەللۇت بولىدۇ .


ئاتىللانىڭ ئون توققۇزىنچى بوۋىسى مەتە باتۇر 156 – يىلى ئۇرۇشتا ھالەك بولىدۇ . مەتەنىڭ ئون بەشىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى بالام– ئىر 400 – يىلى ۋاپات بولىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى— ئۇلدۇس ، ئۇلدۇسنىڭ ئوغلى — قاراتون ، قاراتوننىڭ ئوغلى — مانچۇك : بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدا تەڭرىقۇت بولۇپ تەختتە ئولتۇرىدۇ . مانچۇك ئارال دېڭىزى ، جەنۇبىي ئورال ، دىنېپىر بويلىرىدىكى پۈتۈن خەلقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، 434 –يىلى ۋاپات بولىدۇ . مانچۇكتىن ئاتىللا ھەم بوتا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل قالىدۇ .


مانچۇك ئۆلگەندىن كېيىن ، تەخىتكە 40 ياشلىق ئاتىللا ۋارىسلىق قىلىدۇ . 434– يىلدىن باشلاپ ، ئاتىللا ئىدىل بويىدىن تارتىپ دوناي دەرياسىغا قەدەر بىپايان زىمىندا ھۆكۇمراىلىق قىلىپ پادىشاھ بولىدۇ . 440– يىلى ئۇ پىيونىيەنى( ماجارستان — ۋېنگرىيەنى) بېسىپ ئالىدۇ . 447– يىلى بالقان ئارىلىنى ، رىمنى تىز پۈكتۈرىدۇ . گېرمانىيە ، فرانسىيە يەرلىرىنى بويسۇندۇرىدۇ . بۇ چاغدا ئاتىللانىڭ ئەسكىرى 100مىڭغا يېتىدۇ .


رىم ھۇكۇمرانى لېئون پاپا پۈتكۈل خرستىيان دۇنياسىدىن 200 مىڭ ئەسكەر توپلاپ ، ئاتىللاغا قارشى چىقىدۇ . 451 يىلى20– ئىيوندا ئىككى تەرەپ رەسمىي ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىدۇ . ئىككى يۈزمىڭ خرستىيان ، يۈز مىڭ مەجۇسىي ئەسكىرى — ھەممىسى ئۈچ يۈز مىڭ ئەر ۋە ئۈچ يۈز مىڭ ئات — ئالتە يۈز مىڭ جان ئىگىسى يىگىرمە تۆت سائات بويى بىر – بىرىسىنى چېپىپ – چەيلەپ ، قانغا بويايدۇ .ئىككىنچى كۈنى خرستىيان ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ قېچىشقا باشلايدۇ . ئاتىللا قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ ، قىرىپ ، رىم شەھىرىگە قەدەر باستۇرۇپ بارىدۇ .


رىم پادىشاھى لېئون پاپا ئاتىللاغا يالۋۇرۇپ ، شەھەرنى ۋەيران قىلماسلىقنى تىلەيدۇ . ئاتىللا كۆپ ئالۋان – ياساق ئېلىش شەرتى بىلەن رىمغا كىرمەيدۇ ، شەھەرنى ۋەيران قىلمادۇ .


453–يىلى ئاتىللا خرستىيان جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچىراپ ، ۋاپات بولىدۇ . ئاتىللا كۆپ خوتۇنلۇق بولغاچ ، بالىلىرىمۇ جىق بولىدۇ . ئاتىللانىڭ ئەڭ سۆيۈملىك خوتۇنىنىڭ ئىسمى كەركە بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ئىللاق ، تىڭچىق ( دېڭىزچىق ) ئىسىملىك ئوغۇللىرى تۇغۇلىدۇ .


ئاتىللا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ كۆپ خوتۇنلىرىدىن توغۇلغان بالىلىرى ئارىسىدا قاتتىق غوۋغا كۆتۈرىلىدۇ . ئاخىرى ، ياۋروپا ھۇن پادىشاھلىقى شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلىدۇ .



ئەسكەرتىش : ھازىر بۇ ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئىسىمى " ئاتىللا " ۋە "ئاتتىلا " دەپ ئىككى خىل ئېلىنىۋاتىدۇ . تارىخىي مەنبەلەردىمۇ شۇنداق ئىكەن .مەن كۆپرەك ئومۇمىلاشقان ئىسىمى " ئاتىللا " نى قوللاندىم .


مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 23:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تارىخقا سەل قارىماڭلار جۇمۇ ، رەخمەت، بىلمىگەننى بىلىۋالدىم .
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-20 23:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە مەنمۇ ئاتىللا نىڭ مەنىسىنى بىلۋالدىم!
بىزنىڭ يۇرتتا «ئاتىللا» تېز تاماقخانىسى بار ئىدى.
نىمە دىگەن مەنىدىدۇ دەپ تىكەنمەن
رەھمەت!

توردا
852سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
121 
يازما
1660 
تېما
327 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 03:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بىلمەيدىكەنمە تېخى بۇ ئىشلارنى، رەھمەت جىمۇ مەن بىلۋادىم....

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-21 17:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تارىخقا سەل قارىماڭلار جۇمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.