ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 5
go

تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
847سائەت 
نادىر تېما
دوست
128 
يازما
2991 
تېما
474 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-26 09:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش





















تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟












تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟ تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئۇ تەڭرىتاغ چوققىسى دا بولۇپ ، تارىخنامىلەردە : " تۈرك قاغانى ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرىدۇ ... ھەر يىلى ئېسىلزادىلەرنى باشلاپ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرگە ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدۇ . يەنە 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا دەريا بويىغا يىغىلىپ ، كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزىدۇ . ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىدىن 500 چاقىرىم نېرىدا بىر ئېگىز چوققا بولۇپ ، ئۈستىدە ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەر يوق . ئۇلار ئۇنى تەڭرىتاغ دەپ ئاتايدۇ . شيا ئىقلىمىدىكىلەر بولسا يەر ئىلاھى دەپ ئاتايدۇ " دەپ خاتىرلەنگەن .(< جۇنامە . تۈركلەر تەزكىرىسى > ) تەڭرىتاغ كۆككە تاقاشقان ئېگىز چوققا بولۇپ ، ئۇ ئۆتۈكەن تېغى جايلاشقان ئۆتۈكەن تېغى يەنە تەڭرىتاغ دەپمۇ ئاتالغان . ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە ، ئۆتۈكەن تېغى ھازىرقى قاڭغاي تېغى ئىكەن . تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان شۆ رېنگۇي ئۈچ ئوق بىلەنلا تىنچىتقان تەڭرىتاغ دەل ھازىرقى قاڭغاي تېغى بولۇپ ، ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ ئەمەس . ھازىر بەزىلەر يەنە ئۆتۈكەن تەڭرى ياكى ئۆتۈغۈن تەڭرى دەپ ، تاغ بىلەن چوققىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ .


تۈركلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ، يۇقۇردىكى تارىخىي ماتېرىيالدا كونكېرت كۆرسىتىلمىگەن . پەقەتلا " ھەر يىلى ئادەملىرىنى باشلاپ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدۇ ، يەنە 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يىغىلىپ كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزىدۇ " دېيىلگەن بولۇپ ، " كۆك تەڭرى " گە ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدىغان ۋاقىت ھەرگىزمۇ " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدىغان " ۋاقىت ئەمەس .


" كۆك تەڭرى " گە نەزىر - چىراق قىلىش " 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا " بولغانىكەن ، ئۇنداقتا " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىش بۇنىڭدىن بۇرۇن بولغانمۇ ياكى كېيىن بولغانمۇ ؟ غەربىي تۈركلەرگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىدۇ : " غەربىي تۈركلەر مۇقان قاغاننىڭ ئوغلى تاسپارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر ، ئىشبارا بىلەن ئازارلىشىپ قېلىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن . كېيىن بارا - بارا كۈچىيىپ ، شەرقتە ئۆتۈكەن تېغى ، غەرپتە ئالتۇنتاغنى ئىگىلىگەن ....... ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يىغىلىپ ئىلاھقا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدۇ ، قاغان ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپ ، ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدۇ . " ( <سۈينامە. تۈركلەر تەزكىرىسى > دىن ئېلىندى ) . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىش " كۆك تەڭرى " گە نەزىر - چىراق قىلىشتىن بۇرۇن ، يەنى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بولغان . ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن ، يەنە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش بىر مۇقىم قائىدە بولغاچقا ، غەربىي تۈركلەرمۇ ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتكەن .


ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىش تۈرك قاغانلىقى پارچىلانماستىن ئىلگىرىلا ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ ، قاغانلىق پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەن . غەربىي تۈركلەر پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى مۇناسىۋېتىنى كۆزدە تۇتۇپلا ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتكەن . ئەمما ، قاغان يەنىلا ئۆز ئوردىسىدا قالغان . تارىخىي ماتىرىياللاردىكى خاتىرلەرگە قارىغاندا ، ئۇلار ۋەزىرلىرىنى ئۆتۈكەن تېغىغا ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە " يىغىلىپ ئىلاھقا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلغان " ، بۇمۇ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ ، پەقەتلا ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەن .


غەربىي تۈركلەر " يىغىلىپ ئىلاھقا نەزىر - چىراق قىلغان " ئورۇن قەيەردە ؟ تارىخنامىلەردە بۇ ھەقتە خاتىرىلەر يوق . ئەمما ، تۈركلەرگە ئائىت رىۋايەتلەردىكى " ئىددىقۇتنىڭ شىمالىدىكى تاغ " دىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى ، ئۇ دەل ئىددىقۇتنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ بولىشى كېرەك . چۈنكى ، بۇ تاغدىمۇ بۇغدا چوققىسى دەيدىغان بىر ئېگىز چوققا بار ، بۇ جاي قەدىمدە بىر سىرلىق جاي ئىدى ، ئېيتىلىشىچە ، ئۇمۇ تۈركلەرنىڭ قەلبىدە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن .


ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش تۈركلەرنىڭ مۇھىم ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىلىم - پەن تەرەققى قىلمىغان قەدىمكى دەۋردە ، ئەجدادىنى بۇنداق تاۋاپ قىلىدىغان ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىدىغان ئادەت ھەرقانداق مىللەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغان ، خەنزۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ تەيشەن تېغىغا چىقىپ نەزىر - چىراق قىلغان ، ئەمما ، مەنە جەھەتتە مەلۇم پەرقى بار . تۈركلەرنىڭ ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىشى ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىشى ئۇيۇشچانلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، خەنزۇ پادىشاھلىرى ئۆز ئورنىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان .
تۈركلەرنىڭ ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىشتا ئوخشاشلا 5 - ئاينى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، 5 - ئايدا دەل شىمالدا ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەر كۆكىرىدىغان چاغ ، بۇ چاغ مال - چارۋىلار يېڭى ئوت - چۆپكە ئېرىشىدىغان ، جۈملىدىن كۆپىيىپ ئاۋۇيدىغان پەسىلدۇر . شۇڭا ، بۇنداق نەزىر - چىراق قىلىش يەنە باياشادلىقنى تىلەش مەنبەسىگىمۇ ئىگە .



ئىنسانلارنىڭ تۆتېمغا ئېتىقاد قىلىش ( تەبىئەتكە چوقۇنۇش ، روھلارغا تېۋىنىش ) تىن ئەجدادلىرىغا ئېتىقاد قىلىش تارىخنىڭ ئىلگىرلىشى ، جۈملىدىن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر . مىللەتشۇناسلىق نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا ، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسىدە تۆتېمغا ئېتىقاد قىلىش ئەۋج ئالغاچقا ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسىگە
كېيىن ، ئەجدادىغا ئېتىقاد قىلىش بارلىققا كەلگەن . بۇ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى ، مېڭىسىنىڭ پەيدىنپەي تاكامموللىشىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . تۈركلەرنىڭ ئەجدادىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئىپتىدائىي جەمىيەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ .



مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
52 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-26 14:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك يوللانمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.
تەڭرىدىن ئۆتۈنۈپ ئېرىشكەن زىمىن بولغانلىقتىن ،ئۆتۈكەن دىگەن يەر ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى ئۆتۈنگەن دەيدىغان قاراشلارمۇ بار.

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1151 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-26 18:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
92 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 00:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن كىتاپ تاكۆرگىنىم گەئانچە ئوخشىمايدىغۇ .. خاپولماي قايسى كىتاپدىن پايدىلانغىنىڭىز نى دەپ بەرسىڭىز ؟
تىمىڭىز غا رەھمەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 01:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىلەلمىدىم..........
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 16:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنبەسىچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 14:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.