مائارىپ ئىدىيەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش
تۇردى توختى
مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارغا نىسپەتەن قىلىپ ئېيتىغاندا،ئۇلار ئالدى بىلەن مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلۋېلىشى لازىم.بىز ھازىرقى رىياللىقنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق بىر قىسىم مەكتەپ مەسئۇللىرىدا مائارىپ ئىدىيەسى سۇس بۇلۇپ، بۇلار قانداق قىلغاندا مەكتەپنى مائارىپ قانۇنىيەتلىرى ۋە مەكتەپنىڭ ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى ئويلىماي نۇقۇل ھالدىكى<<ئادەم باشقۇرۇش>>نى چىقىش قىلىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوترىسىدا ھاڭ پەيدا بۇلۇپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۈرسىتىۋاتىدۇ.
مىنىڭچە بىر مەكتەپ باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۇچۈن ئۇنىڭدا چۇقۇم مۇككەممەل بولغان مائارىپ قارىشى بۇلۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈزىدىكى بۇ قاراش بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمىليىتىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان قابۇليەتمۇ بۇلۇشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئاندىن كىيىن مەكتەپنى قانۇنىيەتلىكك ۋە ئىلمىي باشقۇرغىلى بۇلۇپلا قالماي، مەكتەنى يەنە بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.
ئۇداقتا مائارىپ ئىدىيەسى دىگەن نىمە؟
ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا مائارىپ ئىدىيەسى دىگىنىمىز-كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان تۇنۇشى ۋە قارشىدىن ئىبارەت.
بۇ يەردىكى تۇنۇش بولسا مائارىپنىڭ ئورنى ،رۇلى،مەقسىدى قاتارلىقلارغا بولغان توغرا تۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ.قاراش مەسىلىسى بولسا مائارىپنىڭ خارەكتىرى ۋە كىم ئۈچۈن؟نىمە ئۈچۈن؟خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە بولغان ئىدىيەۋى قاراشتىن ئىبارەت.شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ باقۇرغۇچىلاردا ماسلىشىش ئىختىدارى بۇلۇشى كېرەك.بۇنداق ماسلىشىش بولسا ئوخشاش بولمىغان تارىخى شارايىتتا مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشنى كۈرسىتىدۇ.بۇنداق بولمىغاندا مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى مائارىپ تەرەققىيادى ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماسلىشالماي قالىدۇ-دە مائارىپنىڭ تەرەققىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تولدۇرۋالغۇسىز زىيانلارنىڭ سەۋەپچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا مائارىپ ئىدىيەسىنى مۇنداق ئىككى قاتلامغا بۇلۇش مۇمكىن بىرى ئادەم يىتىشتۇرۇش(تەربىلەش)يەنە بىرسى بولسا ئادەم تەربىلەش جەريانىدىكى يىتەكچى ئىدىيەدىن ئىبارەت.ھەرقاندا بىر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى بۇ نوقتىنى چۇقۇم ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى لازىم.بۇ ئىككى قاتلامنىڭ مۇناسىۋىتى دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت بۇلۇپ ئۇلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرىقلىق بولغان ئىككى قاتلام.ئۇلار ئۆز-ئارا بىرى-بىرنى تۇلۇقلايدۇ ۋە شەرت قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى قاتلامنى بىرى-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.ئەگەر ئايرىۋېتىلسە مائارىپنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.شۇنداقلا يەنە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ بىر پۈتۈنلىگىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ئادەم يىتىشتۈرۈش مەسىلىسى تەربىلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى،ئەقلى،جىسمانى جەھەتلەردىن تەربىلەپ يىتىشتۈرۈپ ،كىشىلەردە بەلگۈلۈك ساپا ھازىرلاشقا قارتىلغان.ئادەم تەربىلەش جەرياننىڭ يىتەكچى ئىدىيەسىگە كەلسەك ماھىيەتتە بۇ مائارىپنىڭ سىنىپلىگى مەسىلىسى بۇلۇپ،مەيلى كاپاتالىستىك مائارىپ بولسۇن،مەيلى سوتسىيالىستىك مائارىپ بولسۇن،مەيلى پادىشالىق تۈزۈمدىكى مائارىپ بولسۇن تەربىيەنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىلىدۇ.بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا مائارىپنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەسكى مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
نىمىنى باقۇرۇش؟قانداق باشقۇرۇش؟كىم باشقۇرۇش؟دىگەن مەسىلىلەرنى مائارىپ ئىدىيەسى تەتقىقى قىلىدۇ.مەكتەپ باشقۇرۇش بولسا مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈم مائارىپ ئىدىيەسى يۇقىرى كىشىلەرنى تەربىلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىرى-بىرىگە ئۈتۈشۈش مۇناسىتىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ئۇلار بىرى-بىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى بولمىسا مائارىپ دىگەن ئۇقۇممۇ مەۋجۇتلۇقتىن قالىدۇ.
بۇ يەردىكى نىمىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا -مەكتەپ باشقۇرۇش مەزمۇنلىرىنى يەنى قانۇن تۈزۈم،دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى،يەرلىك ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئەمىر-پەرمان سىياسەتلىرى ۋە مەكتەپنىڭ قايدە تۈزۈملىرى ئاساسىدا مەكتەپنى(تەربىلەنگۈچىلەرنى)باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا-قانداق چارا-تەببىرلەرگە تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇش مەسىلىسى بۇلۇپ،مەكتەپنى ئىلمىي قانۇنىيەتلىك باشقۇرۇشنى ۋە قوللانغان چارە تەببىرلىرنىڭ ئاقىلانە بۇلۇپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگۈلۈك رول ئوينىشنىڭ لازىملىغىنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپنى كىم باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا-مەكتەپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا قارتىلغان بۇلۇدۇ.بۇ يەردە مەيلى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بولسۇن،مەيلى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بولسۇن مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان.قانداقتۇ مىنىڭ مەكتىۋىم،سىنىڭ مەكتىۋىڭ دىگەن خايىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.بۇنداق قىلىش ئەمىليەتتە ئەۋلاتلار ئالدىدا ئۆتكۈزگەن زور خاتالىق ھىساپلىنىدۇ.شۇنداقلارنى كەڭ خەلق ۋە پۈتكۈل جەمىيەت ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۈچۈرمەيدۇ.بۇ مەسىلىدە مەكتەپ رەھبىرى بولغانلار چۇقۇم دىمۇگىراتتىك بۇلۇپ ،كەڭ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارغا ئەركىن خىزمەت قىلىش شارايىتىنى يارتىپ بىرىشى كېرەك.كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپنىڭ قايدە-تۈزىملىرىنى ھەقىقى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.بۇنداق دىمۇگىراتتىك مەكتەپلەردە تۈزۈلگەن تۈزۈملەر ئەلبەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى.مۇنداقچە دىگەندە چۇقۇم ئۆزىمىز تۈزگەن تۈزىمنى ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز لازىم.بۇ ماھىيەتتە بىر خىل مائارىپ ئىدىيەسى بۇلۇپ،مائارىپنى قىزغىن سويگەنلىك ھىساپلىنىدۇ.
مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش مەسىلىسى ماھىيەتتە بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بۇلۇپ،بۇ ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن مائارىپنىڭ سۈپىدىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئادەم تەربىلەش مەخسىدىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.بۇ نوختىنى چۇقۇم مەكتەپ مەسئۇللىرى ماھىيەتى بىلەن چۈشىنىش بىلەن بىرگە بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ توغرا چۈشىنىشى لازىم.بىر ئېغىز گەپ بىلەن خۇلاسىلىغاندا چۇقۇم بىز كىمنى، قانداق،نىمە ئۈچۈن تەربىلەيدىغانلىغىمىزنى چۈشەنسەك بىز مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىلمىي ھالدا ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولىمىز. ijadiyat
|