ئانام بىلەن شەھىرىمىزدىكى كاتتا بېزەلگەن بىر تېز تاماقخانىغا كىردىم. تاماقخانىدا ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى. بىر چاغدا يېنىمىزدىكى ئۈستەلگە تۆت مودا قىز كېلىپ ئولتۇردى. ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ يانفونى سايرىدى، ئۇ يانفوننى ئېلىپلا:
-ۋەي... ھە سەنمۇ، سېنىمۇ ئەركەك ھېسابلىغىلى بولامدۇ؟ -دەپ قارشى تەرەپنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى. ئەتراپتىكىلەر ئاغزىنى ئېچىپ قېلىشتى. بۇ گەپلەر بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمىدى.
-بولدى، بولدى، سەندەك نېمىگە كۆڭلۈمنى بەرگىنىمگە تويدۇ! -قىز شۇنداق دەپلا يانفوننى سومكىسىغا سالدى-دە دوستلىرىغا:
-كۆردۈڭلارمۇ، شۇنداق رەسۋا قىلمىساق بولمايدۇ...، -دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەلدە سەت كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.
-بالام، چىقىپ كېتەيلى، قانداق دېگەن گەپ بۇ! -ئانام شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىنى ئالدى.
-ئانا، خاپا بولمىسىلا، ئۇلارنىڭ ئاغزىمۇ بېسقىپ قالار، ئاتايىتەن كەپتۇق، تاماقنى يەپ ماڭايلى، دېدىم، لېكىن چىۋىن يۇتۇۋالغاندەك بىئارام بولدۇم.
چىن يۈرۈكىمدىن ھەت ساھە، ھەر كەسىپە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ، ئائىلىدە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقان مېھرىبان ئانىلار، ھەدە-سىڭىللارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، لېكىن ئەدەب-ئەخلاق، ئۆرۈپ-ئادەتىنى تەرك ئەتكەن ھېلىقىدە ئاز ساندىكى قىز-جۇۋانلارغا لەنەت.
ئۇلار غۇرۇر، ئەخلاق، ئەنئەنىنى بىرا ياققا قايرىپ قويۇپ، ئويۇنچى، ئىچەرمەن، چېكەرمەنلىك كوچىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ يانفونى ماڭدامدا بىر سايراپ تۇرىدۇ. نىمە ئۈچۈن سايرايدۇ؟ ئۇلار ئەجەبا چوڭ شىركەتنىڭ خوجايىنى ياكى داڭلىق سودىگەرمۇ؟! بۇنداقلار ئاز ساندا بولسىمۇ، تەسىرى يامان بولماقتا. ئاشۇ قىز-ئاياللار كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلار؟ قانداق راۋاج تاپار؟ دېگەندەك سوئاللار بىزنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. جەمئىيەتتە قانداقتۇر <ئەرلەر قىزلارنى ئازدۇردىيەري، قىزلارنى ھازىرقى ھالىتىنى بەزى نان قېپى ئەرلەر كەلتۈرۈپ چىقاردىيەي...>دېگەندەك سەپسەتىلەر ئوتتۇرغا چىقتى. شۇنداق ئېيتالايمەنكى، بۇ قىز-ئاياللارنىڭ نامەرد ئەرلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسى.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋايى مۇنداق دېگەن: <ئاياللارنىڭ ئىپپەت تورىدىن توقۇلغان رومىلى، پاكلىق بەختىدىن راسلانغان چۈمبىلى بولسۇن.> مانا بۇ ئاياللار بېرىلگەن ئىنتايىن ياخشى سۈپەت. ئۇلۇغ ئالىم ئىبن سىنا: <ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسۈن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر> دېگەنىدى. دېمەك، مۇتەپەككۇر-ئالىملىرىمىز قىز ئاياللارنىڭ غۇرۇرىنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستىن قويغان.
قىز مىللەتنىڭ كۆرىكى، شۇڭا ئەدەپ-ئەخلاقلىق، نازاكەتلىك، سەۋر-تاقەتىلىك، مېھرىبان بولۇشى، تىلى، دىلى گۈزەل بولۇشى كېرەككى، ھېلىقى قىزلاردەك ھاياسىز، ئەدەپسىز، ئەخلاقسىز بولماسلىقى لازىم.
شىنىجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|