- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-6-16
- تىزىملاش
- 2011-6-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 1سائەت
- جۇغلانما
- 43
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 3
- توردا
- 1سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 3
|
ناۋا پروگراممىسى ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدىن كەلگۈسىدىكى چولپاننى بايقاش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشنى ئاساسى مەقسەد قىلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- ۋە 5- قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى تەكرار قويۇلىدىغان، سىگنالى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رايونىمىزنى تولۇق قاپلىغان، رايونىمىز بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى.
رايونىمىز مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈكسەك ئابروي ۋە كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى پروگراممىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ جەمىيىتىمىزنى توغرا سەنئەت يولىغا يېتەكلەش، كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش نىيتىدە ناۋا پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. قارلۇق شىركىتى كۆپچىلىكنىڭ پىروگراممىنى باشقۇرۇشقا بىرلىكتە قاتنىشىپ، پىروگراممىغا پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى، ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىدىغان بۇ پىروگراممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ناۋا پىروگراممىسى ئەسلىدىكى نۇقۇل سەنئەت كېچىلىكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق ياش ناخشىچىلارغا سەھنە پۇرسىتى بېرىش بىلەن بىرگە ھەر ساندا ئۈچ ئاۋام ئېتىراپ قىلغان چولپاننى تەكلىپ قىلىپ كۆپچىلىككە ساپالىق نومۇرلارنى سۇنىدۇ، مۇنتىزىم سەنئەت يېتەكچىلىرىنى بەلگىلەپ ياش ناخشىچىلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى، مۇزىكىنىڭ ئىشلىنىشى ۋە تېكىستى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ سەنئىتىمىزنىڭ دۇنيا شەنئىتى بىلەن يېتىشىپ مېڭىشى ئۈچۈن ياش ناخشىچىلارغا ئىلھام ۋە ياردەمدە بولىدۇ.
سىز يەنە ھەر سان پىروگراممىمىزغا قاتناشقان ناخشىلاردىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ناخشىچىغا بېلەت تاشلايسىز، قايسى ناخشىغا تاشلانغان بېلەت كۆپ بولسا كېلەر سان پىروگراممىمىزدا شۇ ناخشىچى ئالدىنقى سانلىق چولپان ھىساپلىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەلبەتتە سىزمۇ تەلەيلىك تاماشىبىن سۈپىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس!
كەلگۈسىدىكى چولپاننى سىز بەلگىلەيسىز! سىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا ئامەت يار بولسۇن!
چولپان بولۇشنى ئىستىسىڭىز، ناۋا پىروگراممىسىغا قاتنىشىڭ.سەھنە ھاياتىڭىزنى قوللىغۇچىلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ، دادىل بولۇڭ!
ئەسلىي مەنبە: ۋاي-ۋۇي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
ئېلاۋە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىلەن قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزلىدىغان ناۋا پروگراممىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئېيتىدىغان ياشلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى بولغان ناۋا پروگراممىسىنىڭ 18-سانى 2011- يىلى 23- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆرۈنۈشكە ئېلىنىدۇ ۋە 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ XJTV-2, XJTV-5 تە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ.
|
|