ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › خانىم قىزلار › ئىششىقنى يوقىتىشتا ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇشقا ...
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 2
go

ئىششىقنى يوقىتىشتا ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك داۋالاش ئۇسۇل

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 12:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەھەر تۇرۇپ چېنىقىش . سەھەر تۇرۇپ ئىششىقنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەنىلا چېنىقتۇرۇشتۇر. سەھەر تۇرۇپ 10 مىنۇت بولسىمۇ چېنىقسىڭىز تەرلىگەندىن كىتىن ، ئىششق دەرھال يانىدۇ . ئەكسىچە ئەتگەندە چىنىقمايدىغانلارنىڭ يۈزى ئاسان ئىششىپ قالىدۇ .شۇڭا ، ئادەتتە ئەتىگەندە چېنىقسىڭىز ياخشى . ۋاقتىڭىز بولسىلا كۆپرەك مېڭىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قانغۇچە ئۇخلاش . ئۇيقۇڭىزغا قانمىسىڭىز بەدىنىڭىز ھارغىن بولۇپلا قالماي ، تېرىڭىزمۇ چارچىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. تېرىڭىز چارچىسا ئالدى بىلەن يۈزىڭىز ئىششىيدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى ئاخشىمى سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلاڭ .
ئوزۇقلاق خاركتېرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش. دائىم يۈزى ئىششىپ قالىدىغانلار ئوزۇقلۇق خاراكتىرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك . مەسىلەن ، ماي تەركىۋى يۇقىرى بولغان سىلىقلىتىش مېيىنىڭ ئورنىغا ماي تەركىۋى تۆۋەن بولغان سىلىقلتىش مېيىنىڭ ئورنىغا ماي تەركىۋى تۆۋەن بولغان قۇرغاق مايىنى ئىشلىتىڭ ، تېرىنى قورۇش كۈچى كۈچلۈك، ماي تەركىبى تۆۋەن ئوزۇقلۇق مېيى بىلەن ئۇۋۇلىسىڭىز ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈزدىكى ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
يۈز مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۇپ بىرىش . ۋاقىت چىقرىپ يۈز مۇسكۇللىرىڭىزىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسىڭىز ئىششقىنى ياندۇرۇپ ، جىددىيلىكىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. كونكىرىت ئۇسۇلى مۇنداق : ئاغزىڭىزنى چوڭ ئىچىپ " ھەھۇ " دەپ ئېغىز ۋە ئېغىز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرىسىز. ئاۋاز چىقارغاندا ئىلاج بار ئاغزىڭىزنى چوڭ ئىچىڭ . بويۇن ۋە كۆكرەك مۇسكۇللىرىڭىزمۇ ھەركەتلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرسۇن . بۇ ھەرىكەت يۈزى ئىششىپ قالغانلارغا تېخىمۇ باب كېلىدۇ.

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
22 
يازما
1163 
تېما
248 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 17:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما يوللاپسىز ...... مۇشۇنداق ساغلاملىققا دائىر تىمىلارنى يەنىمۇ يوللاپ تۇرارسىز......

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 10:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭمۇ يۈزۈم دائىم ئىشىپ قالىدۇ . مەن تىخى بۇنى بۆرەكىنىڭ ئىشىمىكىن دەپتىكەنمەن. قارغاندا بالدۇر ئۇخلاپ ، ھەركۈنى ئەتىگەندە چىنىقىپ بەرسەم بۇ ئىشلار ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كەتكۈدەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:01

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.