- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
يىڭى قۇراشتۇرۇلغان كىچىك سائەت ، ئىككى كونا سائەتنىڭ يىنىغا قويۇپ قويۇلۇپتۇ ، كونا سائەتلەر توختىماي سىكۇنىت، مىنۇتتىن مىڭىۋىرىپتۇ، ئارىدىن كونا سائەت يىڭى سائەتكە؛
_كەلگىن، ئىشلەشنى باشلىغىن، بىراق مەن سەندىن بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، 31مىلىيون622مىڭ400قېتىم مېڭىپ بولغۇچە بەردساشلىق بىرەلەسەنمۇ؟_دەپتۇ.
نېمە، شۇنچە ئۇزاقمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ يىڭى سائەت ھەيرانلىق ئىچىدە.
_ مەن ئۇنداق ئۇزاق يولنى مېڭىپ بولالمايمەن،
بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر كونا سائەت؛
_ ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما، ھەر سىكىنۇتتا ئازراق مىدىرلاپ قويساڭلا بولىدۇ.
_ دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق ئاسان ئىش بار. ئەمسە مەن سىناپ بىقىشنى خالايمەن، _ دەپتۇ يىڭى سائەت،
شۇنىڭدىن باشلاپ يىڭى سائەت ھەر سىكۇنۇتتا يىنىك مىدىرلاپ قويۇپتۇ ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ، يىڭى سائەتمۇ 31 مىلىيون 622مىڭ 400 قىتىم ھەرتكەتلىنىپتۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ، نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ_يۇ، لىكىن ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئاسانلا ۋاز كىچىدۇ، بىز نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كىچىك نىشانلارنى بەلگىلەپ بۈگۈن نىمە ئىش قىلىش، ئەتە نىمە ئىش قىلىشنى بىلىۋالساقلا ، خۇددى كىچىك سائەتكە ئوخشاش مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز.
شۇڭا نىشانىڭىز قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتتىنەزەر ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەشنى ئۇنۇتماڭ، نىشانىڭىزنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكىنىدىن ئەنسىرىمەي نىشانغا يىتىش جەريانىدا ئورۇندىماقچى بولغان ھەر بىر قەدەمنى ۋاقتىدا باسقان ياكى باسمىغانلىقىڭىزدىن ئەنسىرەڭ، شۇندىلا گۈزەل كەلگۈسى سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.
ئاپتورى ؛پاتىمە يۈسۈپ.ھ
|
|