ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بەخىت تىلەيمەن
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 5
go

بەخىت تىلەيمەن

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 17:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاپتورى : ئابدۇغېنىجان ئابدۇرىھىم .

مۇھەببەتتە بىرگە بولۇپ ۋىسال تاپقان،

بەخىت - ئامەت قۇچىقىنى كەڭ ئاچقان.

مېھرى - ۋاپا دەرياسىدا بىرگە ئاققان،

بىرجۈپ ئىجىل - ئىناقلارغا بەخىت تىلەيمەن.

كۆرۈشكىچە ياشقا تولغان كۆزلىرى،

كۆرۈشكەندە شىرىن بولغان سۆزلىرى.

خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرى،

شۇ نومۇسچان بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

بىر سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا دەپ ،

سېغىندىم ئەجەپ كۆرسەم دىدار دەپ.

ئاشىقى ئۈچۈن يۈرگەن قايغۇ يەپ،

ئاشۇ مېھرىبان قىزلارغا بەخىت تىلەيمەن.

بەخىت تىلەپ يازدىم شېئىر شۇ بىر جۈپلەرگە،

ياش تولمىسۇن ھەرگىزمۇ چولپان كۆزلەرگە.

ئىشەنمەڭلار ھەرگىزمۇ ئۆسەك سۆزلەرگە،

چىن قەلبىمدىن سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

سۆيگۈ ۋاپا كوچىسىدا ۋىسال تىپىڭلار،

پورەكلەپ ئېچىلسۇن بەخىت گۈلۈڭلار.

يىتىپ كېلەر بىر كۈنى قۇتلۇق كۈنىڭلار،

ساداقەتمەن بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.


تەسىرلەنسۇن چىن سۆيگۈدىن سىلەرنى كۆرگەنلەر،

ئۈلگە ئالسۇن شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرگەنلەر.

ياشاپ كەتسۇن چىن سۆيگۈنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەر،

مېھرى ئاتەش بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

كۆز تەگمىسۇن چىن سۆيگۈگە خۇشال ئۆتۈڭلار،

خۇشاللىقتىن جاراڭلاپ چىقسۇن ئۈنۈڭلار.

جەم بولغاندا بىر جۈپلەر راسا كۈلۈڭلار،

ۋىسال تاپقان بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

ئاق يول بولسۇن ھەر ۋاقىت باسقان يولۇڭلار،

جۈپ بولۇشقان ھەر قاچان بولسۇن ئويۇڭلار.

ۋاقتى كېلىپ بىر كۈنى قىززىپ كېتەر تويۇڭلار.

خۇدا قوشقان بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.

بۇ شېئىرنى مېنىڭ ھەم ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بىكەتكە كۆچۈرشكە بولمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا raziya827 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-10 17:08

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 19:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئىركەن، بىرجۈپلەرگە مەنمۇ ھەم بەخىت تىلەيمەن، تىمڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....

توردا
1085سائەت 
نادىر تېما
دوست
154 
يازما
1897 
تېما
414 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 22:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەشەككۈرلە قەلمىڭىزگە ياخشى يېىزپسىز داۋاملىق تېرشىڭ ...

توردا
510سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2472 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 16:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلەنسۇن چىن سۆيگۈدىن سىلەرنى كۆرگەنلەر،

ئۈلگە ئالسۇن شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرگەنلەر.

ياشاپ كەتسۇن چىن سۆيگۈنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەر،

مېھرى ئاتەش بىر جۈپلەرگە بەخىت تىلەيمەن.


بۇ كۇبلىتىنى شۇنداق ياقتۇردۇم

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 17:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇ بىر _ جۈپلەرگەئىجىل - ئىناقلىق ،بەخىت _ ئامەت تىلەيمەن!

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
29 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 21:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:02

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.