- ئاخىرقى قېتىم
 - 2011-8-19 
 - تىزىملاش
 - 2011-3-17 
 - ھوقۇق
 - 1 
 - توردا
 - 176سائەت 
 - جۇغلانما
 - 7175 
 - نادىر تېما
 - 0 
 - يازما
 - 1753 
 - تېما
 - 252 
  
 
 
 
- توردا
 - 176سائەت 
 - نادىر تېما
 - 0 
 - دوست
 - 41 
 - يازما
 - 1753 
 - تېما
 - 252 
 
  
 
 
 | 
                                              ئەلۋەتتە  
بىر ئادەم ئېرىلاندىيىگە دەم ئېلىشقا باردى . بىر كۈنى ، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ سەھرا يولىدا كېتىۋاتقاندا ، چىرايلىق بىر قىز ماشىننى توستى. ئۇ قىزنى ماشىنىغا سېلۋالدى. 
بىر پەستىن كىيىن ، ئۇ قىزدىن قولىنى تۇتسا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سورىدى . 
 - ئەلۋەتتە ،ـ دېدى قىز . 
يەنە بىردەمدىن كىيىن ،سۆيۈپ قويسا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. 
 - ئەلۋەتتە ،ـ دىدى قىز . 
 خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن ، ئۇلار بىر كەنىتىكە   يېتىپ باردى . قىز ئەردىن ماشىننى بىر دورخاننىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىتىشنى تەلەپ قىلدى . 
ـ نېمە قىلىسىز ؟ـ سورىدى ئەر . 
قىز جاۋاب بەردى ؛ 
 ـ ئەلۋەتتە . 
                                          ۋەدە قىلىمىغىن  
بىر بولۋاي ئۆلۈش ئالدىدا ئوغىلىنى يېنىغا چاقىرىپ نەسىھەت قىلدى ؛ 
ـ ئوغلۇم ، مەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرىمەن.ھازىر ساڭا ئىچىمىدىكى سىرنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن . ئىككى ئىشننى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما  - ئۇلار مىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىمدىكى ھەققىي سىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرى، مەيلى سەن قانداق ۋاقىتتا ۋەدە قىل ، ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇر ، ھەر قانچە چوڭ بەدەل تۆلەيدىغان ئىش بولسىمۇ ، سەممىيلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇر . بۇ مىنىڭ ياشاش مىزانىم ، مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىمىدىكى ئاساس  . يەنە بىر ئىش ، ھەرگىز ۋەدە قىلمىغىن . 
سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش  يېڭى بىيېغان بىر ئادەم دېڭىز ساھىلىغا  باردى . ئۇ ھەممە جەھەتتە  ئەڭ قىممەت ، ئەڭ ھەشەمەتلىك نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇردى ، ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگە ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك خەجىلىدى. 
ئەتىسى سۇ ئۈزىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ خوتۇنى سۇغا چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالدى . خوتۇنى قىرغاققا ئىلىپ چىقىلغاندا ، كىشىلەر ئەتىراپىنى ئورۋالغاندى . 
ـ سىلەر نىمە قىلماقچى ؟ـ سورىدى ئۇ . 
ـ بىز خوتۇنىڭزنى سۇنئىي نەپەسلەندۈرمەكچى ،ـ دېدى بىرەيلەن . 
ـ سۇنئىي نەپەسلەندۈرمەكچى؟ـ دېدى باي ،ـ بولدى ، بولدى . سىلەرنىڭ سۇنئىي نەپەسلەندۈرگىنىڭلاردىن مىنىڭ سۇنئىي نەپەسلەندۈرگىنىم مىڭ ياخشى دەپتۇ. 
  مەنبە ؛ ‹‹ئوشۇ ھېكايەتلىرى ››دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى. 
 |   
 
  
 |