- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-4
- تىزىملاش
- 2011-5-25
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 123سائەت
- جۇغلانما
- 3035
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 713
- تېما
- 114
- توردا
- 123سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 20
- يازما
- 713
- تېما
- 114
|
جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىغا خېلى باي، " ئۇزۇن قۇلاق " بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، قەشقەرنىڭ بىر ناھىيسىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بىرىپتۇ.؛
بىر يىل مۇھەببەتلىشىپ، بىر- بىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرشۈپ قالغان قىز- يىگىت توي قىلماقچى بوپتۇ. ئۇلار توي تەييارلىقىنىڭ ئىچىدە توي كۆينىكى تەييارلىقىمۇ مۇھىم تەييارلىقتە، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۇلار بىر توي كۆينىكىنى ئىجارە بىرىش دۇكىنىغا كىرىپتۇ ، بۇ يەردە ئاق توي كۆينىكىدىن باشقا يەنە توي كۆينىكى پاسونىدا تىكلگەن ئەتلەس كۆينەكمۇ بار ئىكەن، يىگىت قىزغا ئەتلەس كۆينەك كىيىشنى ئىيتىپتۇ. يىگىتنىڭ گېپىدىن قىزنىڭ ئەرۋايى ئۇچۇپتۇ- دە ، يىگىتكە : " نىمە دەۋاتسىز؟! ھازىر قايسى زاماندا قالدىڭىز ؟! ھازىر قايسى قىز بۇ كىيىمنى كىيدۇ؟! سىزنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزىڭىز پاڭ، ئىپپەتلىك قىز جۇمۇ ؟! شۇڭا مەن ئاق كۆينەكنى كىيشىم كىرەك.! " دەپ ئاق توي كۆينەكنى كىيشتە چىڭ تۇرۇپتۇ ، مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىددىيسى كۈچلۈك بولغان يىگىتمۇ ، قىزنىڭ چوقۇم ئەتلەس كىيشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ياش ئوتتۇرسىدا دەتالاش يۈز بىرىپ، ئاخىرى بۇ زىدىيەتكە ئايلىنىپ، بىر يىل بىر-بىرگە كۆڭۈل بىرىشكەن بۇ ئىككى ياشنىڭ تويى مانا مۇشۇ سەۋەبتىنلا يوققا چىقىپتۇ......
" ئۇزۇن قۇلاق" دوستۇمنىڭ دەپ بەرگەن بۇ گېپى مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن، مىللىي ئەخلاق، مىللىي ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت، مىللىي قائىدە يوسۇنلىرىمىز يوقىلىپ كېتىۋاتقان، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش، "مەدەنىيلىشش " زىيادە ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە، بۇ گەپلەرنىڭ رىئال ئاساسى بارلىقىغا ئىشەنمەي بولمايدۇ.
جەمئىيەت تەرەققىياتى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مۇھىتنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغان ئىكەن، شۇ ئىجدىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئادەملەردىمۇ مەلۇم ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ.
ئۇچۇرلىشش قەدىمىنىڭ تېزلىششىگە ئەگىشىپ ، كىشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيلىشش، يېڭىلىق قوبۇل قىلىش ئېڭىمۇ تېزلەشتى. بولۇپمۇ ، غەرىب مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى بىلەن كىشلىرىمىز ئارىسدا "مودا" چىلىق ئېقىمى شەكىللىنىپ، مىللىي خاسلىق بىلەن "مودا" چىلىق ئىقىمىنىڭ توقۇنۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى ، ھەتتا، بەزى ياشلىرىمىز ئاسسمىلياتسىيلىشش دەرىجىسىگىمۇ بېرىپ قالدى. مىللىي خاسلىقنى ساقلاپ قالغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلار "خۇراپىي " "كونىلىقنى ياقلىغۇچى" دەپ قارىلىپ چەتكە قېقىلدى ۋە كەمسىتىلدى .
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، قىزلىرىمىز ئۆزلىرنىڭ كىيىم - كىچەك مەدەنىيتىگە يات بولغان ئاق توي كۆينىكىنى كىيپ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزلىۋاتقىلىمۇ 20 يىلدەك بوپقالدى. باشتا "مودا" دەپ گۈزەللىك ئۈچۈنلا كىيگەن قىزلىرىمزدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ "ئاق" ئىكەنلىكىنلا كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى پاكلىقنىڭ، ئىپپەتنىڭ سىموۋلى دېگەن قاراش شەكىللىنىپ ئەمدىلىكتە ئۇنى ئۆزلىرىنى پاك ۋە ئىپپەتلىك كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيدىغان ھالەت شەكىللەندى، ھەمدە كىيم بىلەن باغلانغان ئاشۇنداق پاكلىق ۋە ئىپپەتتىن خىلمۇ خىل پاجىئەلەر م تراگىدىيلەر كېلىپ چىقپ، كىشلىرىمىزدە ئەزەلدىن ئۇلۇغلاپ كەلگەن ئاق رەڭگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان ھالەت شەكىللەندى ، " ئاق " رەڭنى پاكلىقنىڭ ، ساپلىقنىڭ سىمۋولى دەپ چوقۇنۇپ كەلگىنىمىز راسىت . لېكىن بۇ خىل چوقۇنۇشنى كىيىم- كىچەك مەدەنىيتىمىزگە سۆرەپ كىرسەك ئېنىقكى ، چوقۇنۇشتىن شەكىلۋازلىق ، تىل جەھەتتىن لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان تىل ھادىسسى كېلىپ چىقىدۇ. يەنى، ئاق كىيىم كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى پاك، دېگەن لوگىكا خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.
ئەگەر ئاق توي كۆينەك كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى پاك ، ئىپپەتلىك ھېساپلىنىدىغان بولسا، جەمئىيىتمىزدىكى پل ئۈچۈن، كۆڭۈل ئۈچۈن ئۆز ئىپپىتىنى يوقتىۋاتقان قىزلىرىمىز، سىتۇدىتنلىرىمز ( مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن ئىپپىتىنى يوقاتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا) توي قىلغاندا ئاق توي كۆينىكىنى كىيۋالسىلا ئىپپەتلىك ، پاك بولۇپ كېتىدىغان، يىگىتلىرىمىز توي كۆينىكىگە ئىشنىپلا دەرگۇمانسىز توي قىلىۋېردىغان ئالدامچىلىق ۋە زىيادە ئىشىنىش ھادىسسسى كېلىپ چىقىشى ئېنىققۇ ! ؟
ھازىر مەيلى قىز، مەيلى جۇۋان تويى بولسۇن قىزلىرىمىزدا ئاق توي كۆينىكى كىيدىغان بوپكەتتى، بۇنىڭغا قاراپ بىر تەرەپتىن ، بۇ كىيىمنى كىيىش " مودا" ئوخشايدۇ دېسەك، يەنە بىر تەرەپتىن "ئىپپەت" دېگەن سۆزگە يالغۇز جىنسىي پاكلىق جەھەتتىنلا تەبىر بەرمەي، ئەڭ مۇھىمى قەلىب جەھەتتىن تەبىر بەرسەك توغرا بولىدىكەن دېگەن ئويغا كېلىمىز.
دېمەك ، بىر قىزنىڭ ئىپپىتىنى ئۇ كىيگەن ئاق توي كۆينىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەلبى بەلگىلەيدۇ.كىيىم بىلەن پاك، ئىپپەتلىك بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا، ھەممە ئادەم پاكلىق ۋە ئىپپەتلىك كيىمىنى كىيىپ ، ئۆزلىرىدىكى بارلىق گۇناھىنى پاك-پاكىز يۇيۇۋالغان بولاتتى .
قىسقىسى، ئاق توي كۆينىكى مەڭگۈ ئىپپەتنىڭ بەلگىسى بولالمايدۇ.
مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش تىن ئىلىندى .
|
|