- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-6-30
- تىزىملاش
- 2011-2-15
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 284سائەت
- جۇغلانما
- 4481
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1354
- تېما
- 79
- توردا
- 284سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 49
- يازما
- 1354
- تېما
- 79
|
كىشى بۇ بۇنياغا كىلىدىكەن،ھەر خىل ئىشلارنى كۆرىدىكەن.ھازىر كىشىگە ياخشى ياخشىلىق قىلسا بولمايدىغان زامان بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ھىچ بىلمىدىم.
يىقىندا ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن بىر ئىش بىلەن تەڭ كونىلارنىڭ"ساۋاپنىڭ تىگى تۆشۈك" دىگەن ھىكمەتلىرىگە راست ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
يىقىندا ئۆيىمىزگە ئەلچى كەلدى.ئاتا- ئاناممۇ ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىپ ،دىيانەتلىك كىشىلەركەن دەپ ،بۇ كەلگەن ئەلچىلەرگە "ماقۇللۇق "جاۋابىنى بىردى.
ئاردىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ،ئۇلار مەسلىھەت قىلغىلى ئۆيىمىزگە چىقىپتۇ.چىرايلىق مىھماننىڭ ئىززىتىنى قىلىپ داستۇرخننىمۇ مول تەييار قىلدۇق.ئۇلار كەلدى ،مىھمان بولدى.مەسلىھەت قىلىشىپ تويلۇقنى سەككىز مىڭ يۇن،ئەتىسىگە ئۇلار بىر ئۈزۈك بىرىدىغان ،بىزدىن ھەم بىر ئۈزۈك ئالىدىغان ......................يەنە ئىيتاۋۇر ،ئىشقىلىپ قىزلىق پۇل خەجلەيدىغانلا،مەسلىھەتىنى قىلدى.
مەن قايسى كۈنى قىرىندىشىم ئابدۇكۆرەشنىڭ "چوقۇم كۆرۈپ قويۇڭ" دىگەن يازمىسىدىن "قىزلىق تويلۇقنى كۆپ ئالسا نىكاھ ئۆتمەيدۇ"دىگەن سۆزىنى ئوقۇپ "بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىم كىرەك"دەپ ئانامغا دەپتىمەن.ئانامنىڭ شۇ گەپلىرىم ئىسىدە چىڭ قىلىپ ئەلچىلەرنىڭ ھەممە تەلەپلىرىگە ،مىنىڭ شۇ بىر ئىغىز سۆزۈم ئۈچۈن ماقۇل بوپتۇ. ھىچ بىر تەلىپىگە "ياق "دىگەن جاۋاپنى بەرمەپتۇ.
ھازىر ھەممە يەردە ،ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق تەكىتلىنىۋاتسا،سەككىزمىڭ يۈەن پۇلنى 12 ئايال ئىچىقىپ بىرىدىكەن.يەنە تويغا كىتەرلىك نەرسىلەرنى ئىچقىپ بەرگىلى 5ئەر چىقىدىغان بوپتۇ.بۇلارغىمۇ "ماقۇل" دىگەن جاۋاپنى بىرىپ،ئۇلار كۆتۇرەلمىگىدەك زەللىلەرنى ئىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئاخشامدا ئانام،دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىنى ئىيتىپ ،ھەممىسىگە "ماقۇللۇق"جاۋابىنى بەرگەنلىكىنى ئىيتتى.بۇ ئىش دادامنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى.مىنىڭمۇ ھەم كاللامدىن زادى كۆتمىدى.دىيانەتلىك كىشى دىگەن ھىچ بولمىسا قىزلىقنىڭ ئۆيىدە ئىچكەن بىر پىيالە چايمۇ ھارام،شۇ ئوغۇللۇق تەرەپكە.شۇنچىلىك بىر ساۋاتنى بىلمەي كۆتۈرەلمىگىدەك زەللە قىلسا بولدى دىمەي ئاران ئۆتۇرۈپ كەتكىنىدىن،بۇ ئايالدىن دىنايەت دىگەننى زادىلا كۆرمىدىم.ھازىر ئۆينى -ئۆي شۇ ئانا بولۇپ قاپتۇ.ھەقىقەتەن قورقۇپ قالدىم.ھارامدىن قورۇقمىغان كىشىدىن ،ياخشىلىق كۈتۇش،بۇ ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش.
ئەتىسى ئۇلارغا دادامنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزگىلى تىلفۇن قىلاي دەپ تۇرسا،ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن تىلفۇن كىلىپ قالدى.
ئانام تىلفۇننى ئىلىپ چىرايلىق سالاملاشقاندىن كىيىن،"ئوغلۇم قىز بىلەن زادى كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ، دەيدۇ.بىر كۆرۈشتۈرسەك"دىگەن سۆزنى ئىيتتى.ئۇلارنىڭ دىيىشكەن سۆزىدىن مەلۇمكى ،"قىزدا چوقۇم بىر نۇقسان بار .بولمىسا،ھەممە تەلەپلەرگە بونداق تىز قۇشۇلمايتى" دىگەن مەنا ئىنىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئانام تۇرۇپلا قالدى.
شۇنىڭ بىلەن گەپنى بىراقلا ئۈزۈپ "بولدى بۇ تۇيغا قىزىمنىڭ دادىسى قوشۇلمىدى " دەپلا تىلفۇننى قويۋەتتى.
ھىلىقى سۆزنى ئاڭلاپ،ئۆزەمچە تۇرۇپلا قالدىم.
توۋا،جاھاندا خىلى كۆپ ئىشلارنى كۆرىدىكەن كىشى.بىر ئىشى قىلسا يامان بولىدىكەن، دەپ ئاڭلاپ شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىۋىدىم،بۇ تۆھمەتكە قالدىم.ھەقىقەتەن كىشىگە ياخشىلىق قىلسا،زىيان تارتىدىغان زامان بوپ قالدىمۇ نىمە؟
كىشى بىر ئىشنى تۈز يول بىلەن قىلاي،ساۋاپنى ئالايدىسىمۇ خاتا چۈشىنىدىغان كىشى ھەقىقەتەن كۆپكەن بۇجاھاندا.
قايسى بىر كىتاپتىن "قىيامەت يىقىنلاشقاندا كىشىلەردە بىر -بىرسىگە بولغان ئىشەنچ يوقۇلىدۇ.بۇ قىيامەت يىقىنلاشقاننىڭ ئالامىتى"دەپ ئوقۇغان ئىدىم .شۇ زامان ئوخشايدۇ.ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ياخشى،خەيرلىك ئىشلارنى ئاتا قىلغاي.ھەم شۇنداق كىشىدىن غاجاپ يىسە تويماس كىشىلىرىمىزگە ،ئاللاھ ئىنساپ ئاتا قىلغاي.
مەنبە -ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslima12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-26 01:43
|
|