كېچە سائەت 1 دىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى . يان تېلىفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ قىز دوستۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. - كەچۈرۈڭ ، بۇنچە كەچتە تېلىفۇن قىلىپ ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇۋەتتىم. - ھىچقىسى يوق ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ سىز نەدە؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا غەلىتىرەك ئاڭلانغاچقىمىكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچە كەچتە تېلىفۇن قىلغاچقا ئەنسىرەپرەك شۇنداق دىدىم. - مەن ھازىر ساۋاقداش بالىلار بىلەن بىرگە ، كەچۈرۈڭ ، راستىمنى ئېيتسام ، مەن ھازىر بەك مەس بۇلۇپ كەتتىم ، لىكىن كاللام ساق ، شۇ پۇت - قۇلۇم ئۆزۈمگە ئانچە بويسۇنماي تۇرىدۇ . - نىمە؟؟؟ ساراڭمۇ سىز؟ مەن پەقەت شۇنداقلا دىيەلىدىم ، نىمىمۇ دىيەلەيتىم . مەنمۇ بەزى - بەزىدە ئامالسىزلىقتىن ئىچىپ مەس بۇلۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا مۇشۇنداق تېلىفۇن قىلاتتىم ئەمەسمۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بولساممۇ ، لىكىن ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن يەنىلا ئەنسىرەپ ، يېنىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى ، نەدىلىكىنى ، نىمە ئىشلار بولغانلىقىنى تەپسىلى سوراپ ، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئانچە - مۇنچە خەۋەردار بولغانمۇ بولدۇم . لىكىن يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنىلا بىرخىل بىئارامسىزلىق ھىس قىلاتتىم ، كېچىچە تۈزۈككىنە ئۇخلىيالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەر يېرىم سائەتتە بىر تېلىفۇن قىلىپ بىردە يىغلىسا ، بىردە كۈلۈپ مىنى تېخىمۇ گاراڭ قىلىۋەتتى . توۋا دىدىم ئۆز - ئۆزۈمگە . ئەمدى قانداق قىلاي ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىشلارغا دەخلى يېتەرمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى ئەمدى قانداق بولار؟ ئۇ بىر قىز بالا تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ يۈرسە ، خەلقى ئالەمگە ، يەنە كىلىپ ماڭا ئۆز قىلمىشلىرىنى يېيىپ يۈرسە ، بۇ جاھان زادى نىمە بۇلۇپ كەتتى ؟؟؟ دىگەننىلا ئويلايتىم . مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى ، ئىشقىلىپ يىغىپ چۇغلاپ كەلسەم 5-6 يىل بۇلۇپتۇ ، مۇناسىۋىتىمىز خېلى ياخشى ئىدى ، ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ھەم ئۇنىڭمۇ مىنى ، پەقەت مىنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم ، توي قىلىشقىمۇ پۈتۈشۈپ بولغان ، پەقەت يۇرت ئارىلىقىمىز يىراقلىق مەسلىسى تۈپەيلىدىن توي قىلىشقا تېخىچە پۇرسەت بولمىغان ، مىنىڭ ئائىلەم چەت بىر ناھىيىدە ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بولسا ئاقسۇدەك چوڭ بىر شەھەردە ئىدى . ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىمىز بىر بولغان بىلەن ، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە پەرق خېلى چوڭ ئىدى ، لىكىن مۇھەببىتىمىزنى قەدىرلەيتۇق . دادام ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدۇ ، مەنمۇ ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەيمەن . بىزنىڭ ئائىلىدىكەر بولسا ھەر ھالدا مۇسۇلماندارچىلىقى بار ئائىلە ئىدى . مەن چېغىمدا دادامنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆيگە ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ كىلىپ باققىنى بىلمەيتىم . مەنمۇ ھەم ھاراققا ئانچە ئامراق ئەمەس ئىدىم ، پەقەت قەتئىلا ئامال بولمىغاندا بىرەر رومكا قائىدىسىنى قىلىش بىلەنلا بولدى قىلاتتىم . ئۆيدىكىلەرمۇ دائىم ماڭا «دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەسكى ئىشنى قىلساڭ مەيلى ، لىكىن ھاراققا يېقىن يوللىما ، ھاراق ئىچكىنىڭنى بىلىپلا قالسام سەندىن ئادا - جۇدا بولىمەن» دەيتى . مانا بۇ مىنىڭ دادام ۋە ئانامنىڭ سۆزى . بىز توي قىلماقچى بولغان ، لىكىن دادام بولسا «ئۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى بەك سۇس بالام . نىمىشقا ئۆز يۇرتۇڭدىن قىز تاپمايسەن ؟ ئالىمەنلا دىسەڭ ساڭا قانداق قىز بالا تەگمەيدىكەن ؟ مەن ئۇنىڭ بىلەن توي ئىشىڭغا رازى ئەمەسمەن» دەپ قەتئىلا چىڭ تۇرۇۋالغىلى 7-8 ئايچە بولغان ئىدى . لىكىن مەن قەتئى تەۋرىنىپ قەلمىدىم ، لىكىن بىر قىزنى دەپ ئاتا - ئانامنىڭ دىلىنى رەنجىتىكىم كەلمەي ، ئۇلار بىلەن بەك جىدەللىشىپ كەتمىدىم ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇلارنى ئەمەلى ھەركىتىم ئارقىلىق قايىل قىلماقچى بولدۇم ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىمۇ خېلى تەۋرىنىش بولدى ، ۋەزىيەت ياخشىلىققا قاراپ يۈزلەندى ، مەن خوشال ئىدىم . دادامنىڭ سۆزى توغرا بولدى . قىز دوستۇم خۇددى دادامنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك مەس بۇلۇپ قېلىپ ماڭا تېلىفۇن قىلدى ، مىنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ شەك چۈشتى ، لىكىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيمەن ھەمدە ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ھەرگىزمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن . ئۇ دەيدۇ ؛ مەن خاتالىقىمنى تۇنۇش مەقسىتىدە سىزگە تېلىفۇن قىلىش ئارقىلىق سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك . مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەيمۇ ياكى ئۇنى كەچۈرىۋېتەيمۇ ؟ بۇنى بىلەممەي يۈرىمەن. بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن . بىرەر قېتىم ھاراق ئىچسە نىمە بوپتۇ ، بۇ ھازىر ئانچە ئېغىر ئالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسقۇ..... مەن دوستلۇرۇمنىڭ ئاخشام بالانى قىز بالا بىلەن ئولتۇرغان ، مىنىڭدىنمۇ قالتىس ئىچىپ قويىدىكەن ، پۇكۇنى قىزنى شۇنداق ياۋاش ياخشى قىز دەپ يۈرسەم ، ئاخشام بىر ئولتۇرۇشتا ئىچىپ ئولتۇرىدۇ..... دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغاندا ، ئۇلارنى كۆرمىسەممۇ شۇنداق يىرگىنەتتىم . شۇلارنىڭ بەزىلىرى مىنىڭ خېلى يېقىن تۇنۇشلىرىم چىقىپ قالغاندا بولسا ئۇلاردىن مۇناسىۋىتىمنى پۈتۈنلەيلا ئۈزگەن ئىدىم . مانا بۈگۈن مۇشۇنداق ئىشلار مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى. لىكىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ھەر قانداق بىر قارارنى چىقرىشقا ئامالسىز قالدىم . توۋا ، بۇنداق ئىشلارنى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ دىيىشكە قەتئىلا بولمايدىكەن . بۇ گەپلەرنى ئىچىمدە ساقلاپ يۈرۈپ راستىنلا كېسەل بولاي دىدىم ، دەردىمنى تۆكىدىغان ئادىمىم بولمىغاچ كەڭ مۇنبەرداشلارغا ھالىمنى ئېيتىۋاتىمەن. باشقا مەقسەت - مۇددىئا تەلەپ قىلمايمەن . ناۋادا بۇ تېمام مۇنبەرگە يوللىنىپ قالسا ، مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ گەپ - سۆزلىرى ماڭا تەسەللى بۇلۇپ قالار دىگەن ئۈمىدتىمەن. مەنبە : ئىز باسار تورى دىن ئېلىندى . |