ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما،يىلىم قۇيۇش مەدەنى ...
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 6
go

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما،يىلىم قۇيۇش مەدەنىيىتى

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1225 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-1 10:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئوسما-كرېست گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، دىيارىمىزدا قەدىمدىن ئۆستۈرۈپ كەلگەن ھەم خانىم-قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاشلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلگەن. ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، خانىم-قىزلىرىمىز ئۆز ئەتراپىدا ئۆسىدىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئوسما قويۇشقىمۇ ناھايىتى ئامراق. مەسىلەن ھازىرمۇ ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىز يازدا ھويلا باغلاردىن مەخسۇس ئازراق جاي ئاجرىتىپ ئوسما تېرىيدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا، ئۇنى ئۈزۈۋېلىپ سىقىپ سۈيىنى قاشلىرىغا قويۇشۇۋالىدۇ. ئوسما ئىچكەن قاش ئەسلىدىكى قاشتىن قارا، ئۇزۇن، چىرايلىق بولۇپ، ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئوسمىنى سىقىپ، سۈيىنى ئۆچكە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قېشىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ قىلىۋالىدۇ. بۇ تاش ئوسما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ئوسما قاشنىڭ ئوزۇقى بولۇپ، ئوسما قويۇۋەرسە قاش قارىيىپ قويۇقلىشىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسمىنى قاچانلاردىن باشلاپ ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق، لېكىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە چۆچەك-رىۋايەتلەردىكى ئوسما قويغان خوتۇن-قىزلار ھەققىدىكى تەسۋىرلەردىن قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسما قويۇش ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. قىزىل، قۇمتۇرا مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇلچىلارنىڭ، ھۆر-پەرىلەرنىڭ بەزىلىرى قېلىن قاشلىق ئەتكەن بولسا، بەزىلىرى ناھايىتى ئىنچىكە قاشلىق ئېتىشكەن قىياپەتتە تەسۋىرلەنگەن.
يەنە دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ياغاچ ھەيكەل-قورچاقلار ئارىسىدىمۇ قاشلىق ئېتىپ، يۈزىگە گىرىم قىلىۋالغان قىياپەتتىكى ئوبرازلارمۇ بار. تاڭ دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر جاڭفۇنىڭ كوچا ۋەكىللىكىدىكى غەربىي يۇرت ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان «سۇنغان تاللار» ناملىق شېئىرىدىكى «ياپيېشىل قاشلىرىدىن چەكسىز باھار تۇغۇلغاي» دېگەن مىسراغا قارىغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى (618-907) ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئوسما قويۇش ئادىتى بولغانلىقى مەلۇم. خانىم-قىزلىرىمىز بىر خىل ئۆسۈملۈكتىنلا ئەمەس، بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچىكىنى، بەزى مېۋىلەرنىڭ مېغىزى ۋە باشقىلارنى ھەرخىل مايلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، پەرداز بۇيۇملىرى ياسىغانلىقى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېنىق قەيت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئېتنىك تۈس ئالغان ھەم كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقىنى ئوسما بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەبىئىي گىرىم بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ 4-ئاي مەزگىلىدە تېرىلىدۇ. 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، سېرىق رەڭلىك چېچەكلەيدۇ، ئۇرۇقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. ئوسما بەش سانتىمېتىر ئۆسكەندىن باشلاپ، ئۇزۇن ئىلىنىپ، كىچىك چىنىلەرگە سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، نۆكچە پىلتا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىچكە ياغاچ ئۇچىغا پاختا يۆگەپ پەلتۈگۈچ ياساپ، ئوسما سۈيىگە چىلاپ قاشقا بىر نەچچە قېتىم يېقىلىدۇ. بىر ئاز شامالدىغاندىن كېيىن يېنىك سىلاپ يۇيىدۇ. چىنىدە كۆچمە بولغان قىسمى ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ. ئۇنى قاشقا سۈرگەندە، قاش ئۇزۇن، پارقىراق بولىدۇ، قاشنىڭ توم، قويۇق ئۆسۈشىگە پايدىسى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە ئوسمىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرسە قىش پەسلىدىمۇ ياز كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئوسمىنى ئىشلىتىش داۋامىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئوسمىنى ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قومۇشقا قاچىلاپ قۇرۇتۇپ، قاتتىق ئوسما ياكى قەلەم ئوسما ياساپ چىققان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئوسمىنىڭ تەبىئىيىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى مۇنداق قەيت قىلىنغان: ئوسما ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، خۇسۇسىيىتى بەدەننى پارقىرىتىدۇ ۋە ئارتۇق خىلىتلارنى تارقىتىدۇ. ئوسمىنىڭ خۇزابىنى سۇ ۋە تۇز بىلەن باشقا چاپسا چاچنى قارايتىدۇ، يەل ۋە بەلغەم خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى پۇرىسا ياكى ئېزىپ چاپسا، زۇكام ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ. چاچلارنى چىڭىتىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ياكى قاينىتىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچسە قەي قىلدۇرىدۇ، ئوسمىنىڭ خۇزابى چاچنى قارايتىشقا باشقا خۇزابلارغا نىسبەتەن ياخشى، ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كۆزگە تارتسا كۆزگە سۇيۇقلۇق چۈشۈشنى توسىدۇ ۋە چۈشكەن سۇيۇقلۇقلارنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جىگەردىكى ھارارەتنى تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بالىلارنىڭ دۇلۇنۇپ كېتىشلىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكىدىكى ئەسۋە، قان قۇسۇشنى داۋالاشقا ھەم ئېغىز ئىچى ۋە تىلغا چىققان جاراھەتلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئوسما قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىر گەرچە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان قىز-چوكانلىرى ئوسمىدىن ئىبارەت بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەبىئىي گىرىم بۇيۇمىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆستۈرمەكتە ۋە ئىشلەتمەكتە. ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوسما ئىشلىتىش ئاساسىدا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرخىل ئوسما قەلەمچىلىرى، ئوسما چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئوسما كىرپىك لاكى قاتارلىقلار كەڭ خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، ھەمدە باشقا مىللەت قىز-چوكانلىرىغىمۇ ئۆزلىشىۋاتىدۇ. يىلىم چېپىش ئادىتى-سۇمبۇل چاچلىرىنى ئاسراش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمكى ساھىبجامال ئانىلىرىمىز ئۆز گۈزەللىكىنى يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. قەدىمكى ئانىلىرىمىز ۋە قىز- چوكانلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا جىگدە يىلىمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايقاپ، ئۇنى ئۆز تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىدە قايتا-قايتا سىناق قىلىپ، چاچنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1009 
تېما
196 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-1 13:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز ئۇيغۇرلار ئارسىدا كەڭ تارقالغان ،ئۇيغۇر خانىم _ قىزلىرىمزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئوسمىنىڭ بۇنچىلىك رولى ، قىممىتى ، بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ئەمدى ياخشى بولدى . .بۇنىڭدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

Rank: 8Rank: 8

توردا
574سائەت 
نادىر تېما
دوست
53 
يازما
1080 
تېما
182 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-1 17:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر ئوسما قۇيۇشقا ئۇيغۇرلارلارئەمەس خەنزۇلارمۇ قىززىقىدېغان بۇلۇپ قاپتۇ دېسە؟ بۇ تىيمىڭىزنى كۆرۈپ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1657 
تېما
231 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-2 13:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، ھارمىغايسىز.

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
150 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 23:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز مۇ قۇيامسىز

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1225 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 12:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tayirbulak نىڭ يازمىسى

ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ قايسىبىرى ئوسما قۇيۇشىنى ياقتۇرمايدۇ... مەنمۇ قۇيمەندە ئەلۋەتتە

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
150 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 21:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپ رەھمەت قىز لار!!!!
سىز گىمۇ ھەم رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 12:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.