ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى
كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 5
go

ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1225 
تېما
187 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 12:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. دۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان قەۋم، مىللەتلەر بولمىسا كېرەك. مول مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە خەلقىمىزمۇ تارىختىن بېرى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. چاچنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن باشنى ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلاش رولى بولغاچقا، يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا خەلقىمىز ئانىمىزملىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى بىر خىل يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈپ بېرىشى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، بۇ تەبىئىي يوسۇندا كىشىلەرنى چاچنى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، ئاسراش، خاسىيەتلىك دەپ بېلىشكە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئايال جىنىسنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، ئاياللارغا خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەت ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان. شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر ھەم پەرھىزلەر بارلىققا كەلگەن. مەسلەن، «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكىدىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ بالا-قازاغا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر- پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچىدىن بېرىپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشى قاتارلىقلار ھەمدە خەلق ئىچىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىشنىڭ ئېغىر ئېلىنىشى، چاچنى دەسسىسە ياكى قالايمىغان تاشلىۋەتسە يامان بولىدىغانلىقى، چاچ كۆيدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك، ئېتىقاد ئېڭىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتتىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقا بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆڭمەس ھەم ئۆلمەس مەجازىغا ئايلاندى. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىدېئال يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن ئەنە شۇ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، خاسىيەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك نەپس تەسۋىرلەرمۇ دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بىز كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقادى ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدا تۇتقان ئورنى، شۇنىڭدەك ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى چاچ تەسۋىرى بەلگىلىك بىر بەدىئىي سەۋىيە ياراتقان بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1) چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، كىلاسسىكىمىز ھەزرىتى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي ئۆز تەلقىنلىرىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ:              
قوينىدا ئەفتى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،
ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.
(مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرەمدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن)
2) چاچ خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى تەلقىنىگە قاراپ باقايلى:
جىسمىم ئەندۇھ ئىچرە دەرى ئاستىدا قالمىش نى ئەجەب؟
ئەگمە قەد بىرلە ئەگەر زۇلغۇڭ غەمدىن «دال» مەن.
(مەنىسى: جىسمىم قايغۇ ئىچىدە، دەرد ئاستىدا قالدى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنمە، چۈنكى زۇلفۇڭنى «چېچىڭنى» ئويلاۋېرىپ قەددىم ئېگىلىپ «دال» غا ئوخشاپ قالدى)

توردا
62سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 18:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئىسىت چېچىم ھەجەپ ئىچىم ئېچىشدۇ شۇنداق چاچنى كۆرسەم ،،

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1009 
تېما
196 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئۇزۇن چاچلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن . لىكىن مىنىڭ چىچىم زە.................

توردا
213سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
543 
تېما
66 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 18:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي مەنمۇ شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىمەي جۇما، مەن تېخى چېچىمىنى كىسىۋېتىشىنى ئويلاپتىمەن...تىمىڭىزغا رەخمەت

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
1657 
تېما
231 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 20:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بالدۇراق يوللىغان بولسىڭىزچۇ، ئىسىت بىكاردىن چىچىمنى كەستۈرۈپتىمەن ، ھازىرغىچە ئىچىم .ىچىشىدۇ،

توردا
179سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
651 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 22:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ چېچىممىغۇ ئۇنچە ناچار ئەمەس ، لېكىنزە شۇ بەك ئاز ، تېمىڭىزغا رەخمەت،بولمىسا بۇ يىل چۈشۈرۋىتىشنى ئويلاپتىكەنمەن ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 12:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.